ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى

ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى

«ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى» ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مەكتەپنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بارىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان.  

ئۇيغۇرچە نامى ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى
خەنزۇچە نامى 校车安全管理条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامىئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 197–قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. گوۋۇيۈەن 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلىپ يولغا قويغان.

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ نىزام ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئوقۇلبۇسقا ئولتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئوقۇلبۇس مۇشۇ نىزام بويىچە ئىشلىتىش ئىجازىتى ئالغان، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ–ئەكىلىشكە ئىشلىتىلىدىغان، يەتتە كىشىلىكتىن ئارتۇق يولۇچى ئاپتوموبىلىنى كۆرسىتىدۇ.

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى توشۇيدىغان ئوقۇلبۇس دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلەنگەن ۋە ئىشلەنگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خاس ئوقۇلبۇسى بولۇشى كېرەك.

3–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ۋە جايلىشىش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ، مەكتەپ قۇرۇش يىرىك پىلانىنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ ۋە تەڭشەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشى ياكى ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ–كېلىشىدىكى قاتناش خەتىرىنى ئازايتىشى كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قويۇلغان مەكتەپ ۋە ئۇنىڭ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىش، تەڭشەشتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەردىن تولۇق پىكىر ئېلىش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ ئاممىۋى قاتنىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، مۇۋاپىق پىلانلىشى، ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى ۋە بېكىتى تەسىس قىلىپ ۋە ئۇنى تەڭشەپ، ئاپتوبۇس بىلەن مەكتەپكە بېرىپ–كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشقا كىرىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان، ئاممىۋى قاتناش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ–كېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمايدىغان يېزىلاردا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇلبۇسقا ئولتۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

دۆلەت كۆپ خىل يوللار بىلەن ئوقۇلبۇس خىراجىتى غەملەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ ھەمدە مالىيەدىن ياردەم بېرىش، باجدا ئېتىبار بېرىش، جەمئىيەتتىكىلەرنى ئىئانە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇلبۇسنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ – ئەكىلىشىگە مەدەت بېرىدۇ. ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتىنى قوللاشقا كېرەكلىك مالىيە مەبلىغىنى مەركەز مالىيەسى ۋە يەرلىك مالىيە تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى چىقىرىدۇ. ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتىنى قوللايدىغان باج ئېتىبار چارىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن باج باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

4–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش – تىرانسپورت شۇنىڭدەك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سۈپەت نازارەتچىلىكى بويىچە پىرىيوم–كارانتىن قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى چوڭ–چوڭ ئىشلارنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەيدۇ.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولىدۇ، ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمەت ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ئوقۇلبۇس مۇلازىمەت لايىھەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە يولغا قويىدۇ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۇنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش–تىرانسپورت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ نىزام شۇنىڭدەك شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئۇچۇرىدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

6–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش– تىرانسپورت تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ئەرزان، قولايلىق بولۇش تەلىپى بويىچە، دۆلەتنىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى تۈزىدۇ ھەمدە ۋاقتىدا تۈزىتىدۇ.

ئوقۇلبۇس ئىشلەيدىغان كارخانىلار مەھسۇلات سۈپىتى كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەيدىغان (جۈملىدىن ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرىدىغان، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) ئوقۇلبۇسنىڭ بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىرىنى زاۋۇتتىن چىقارماسلىقى، ساتماسلىقى كېرەك.

7–ماددا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىشىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى ھۆكۈمەت، مەكتەپ، جەمئىيەت ۋە ئائىلىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جەمئىيەتتىكى ھەممە ساھە ئوقۇلبۇسنىڭ قاتنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى، ئوقۇلبۇسنىڭ بىخەتەر قاتنىشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

8–ماددا ناھىيە دەرىجىلىك ۋە رايون شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش–تىرانسپورت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى پاش قىلىش تېلېفونى ئورنىتىپ، پاش قىلىش تور سۇپىسى بەرپا قىلىپ ھەمدە ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق دەرھال قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى؛ شۇ تارماقنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرمەيدىغان پاش قىلىش مەلۇماتىنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

2–باب مەكتەپلەر ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار

9–ماددا مەكتەپلەر ئوقۇلبۇس سەپلىسە بولىدۇ. قانۇن بويىچە قۇرۇلغان يولۇچى تىرانسپورت تىجارەت كارخانىسى، شەھەر ئاممىۋى قاتناش كارخانىسى شۇنىڭدەك ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇرغان ئوقۇلبۇس تىجارەت ئورنى ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلسا بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ باشقۇرۇش چارىسى چىقىرىپ، يولۇچى تىرانسپورت تىجارەت ئىجازىتىگە قانۇن بويىچە ئېرىشكەن يەككە تىجارەتچىلەرنى ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلىشقا تەشكىللىسە بولىدۇ.

10–ماددا ئوقۇلبۇس سەپلىگەن مەكتەپلەر ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنى قويۇپ، ئوقۇلبۇسنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەرگە قەرەللىك ھالدا بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىپ، ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەرنى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملار شۇنىڭدەك بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئوقۇلبۇستىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

11–ماددا ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغاندا، مەكتەپلەر ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار بىلەن ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى تۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوقۇلبۇسنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

مەكتەپلەر ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسىنى ناھىيە دەرىجىلىك ياكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

12–ماددا مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارغا، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرىگە قاتناش بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇلبۇسقا ئولتۇرۇشتىكى بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى ۋە ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىتىشى ھەمدە ئۇلارنى ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مانېۋىرىغا قەرەللىك تەشكىللىشى كېرەك.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەسىيلىرى ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، مەكتەپنىڭ ياكى ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىنىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ماسلىشىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەسىيلىرى بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قاتناش ۋاسىتىسىدە ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىشىنى رەت قىلىشى كېرەك.

13–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشىغا ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىك قىلىشى، ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، مەكتەپلەرنى قاتناش بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىشكە تەشكىللىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مەكتەپلەردە قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ماسلىشىشى كېرەك.

3–باب ئوقۇلبۇس ئىشلىتىش ئىجازىتى

14–ماددا ئوقۇلبۇس ئىشلىتىشتە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجازەت ئېلىش كېرەك.

ئوقۇلبۇس ئىشلىتىش ئىجازىتى ئېلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) قاتناش ۋاسىتىسى دۆلەتنىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئىسپاتى بولۇش ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملاتقان بولۇش؛

(2) ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ھەيدىگۈچى بولۇش؛

(3) ئوقۇلبۇسنىڭ مېڭىش لىنىيەسى، مېڭىش ۋاقتى، توختايدىغان بېكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇۋاپىق لايىھەسى بولۇش؛

(4) مۇكەممەل بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛

(5) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ توشۇغۇچىلار جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلاتقان بولۇش.

15–ماددا مەكتەپلەر ياكى ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئوقۇلبۇسنى ئىشلىتىش ئىجازىتى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ناھىيە دەرىجىلىك ياكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا يازما ئىلتىماسنى ۋە مۇشۇ نىزامنىڭ 14–ماددىسىدىكى شەرتكە توشىدىغانلىق ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئىش كۈنى ئىچىدە، تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى، قاتناش – تىرانسپورت تارمىقىغا ئەۋەتىپ پىكىر ئېلىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ۋە قاتناش – تىرانسپورت تارمىقى ئۈچ ئىش كۈنى ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى قايتما جاۋاب ئالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈش پىكرى تەييارلاپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللىشى كېرەك. شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى بېرىشى ھەمدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىگە ئوقۇلبۇسنىڭ تىپى ۋە ئولتۇرىدىغان ئادەم سانىنى ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك؛ تەستىقلىمىغانلىرىغا سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

16–ماددا ئوقۇلبۇسنىڭ بەلگە تاختىسىغا شۇ ئاپتوموبىلنىڭ نومۇرى، ئىگىسى، ھەيدىگۈچىسى، لىنىيەسى، مېڭىش ۋاقتى، توختايدىغان بېكىتى شۇنىڭدەك ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسىنى بەرگەن ئورۇن، كۈچكە ئىگە مۇددىتى قاتارلىق ئىشلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

17–ماددا ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى ئېلىنغان قاتناش ۋاسىتىسىگە بىرلىككە كەلگەن ئوقۇلبۇس بەلگە چىرىغى ۋە توختىتىش بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك.

ئوقۇلبۇس ئوقۇغۇچى سالماي يولغا چىققاندا، ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى، ئوقۇلبۇس بەلگە چىرىغى ۋە توختىتىش بەلگىسى ئىشلەتسە بولمايدۇ.

18–ماددا ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى ئالمىغان قاتناش ۋاسىتىسىدا ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

19–ماددا ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى ئالغان قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ياكى ئوقۇلبۇس قىلىنمايدىغانلىرىنىڭ بەلگە تاختىسىنى مەكتەپلەر ياكى ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

20–ماددا ئوقۇلبۇسنى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرتۈش كېرەك.

21–ماددا ئوقۇلبۇستا ئېھتىيات بولقىسى، پاراشوكلۇق ئوت ئۆچۈرگۈچ، قۇتقۇزۇش ساندۇقى قاتارلىق بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى بولۇشى كېرەك. بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسىنى قولايلىق ئورۇنغا قويۇش ھەمدە ساق، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئوقۇلبۇسقا مۇساپە خاتىرىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە سۈنئىي ھەمرا ئورۇن بەلگىلەش قۇرۇلمىسى ئورنىتىش كېرەك.

22–ماددا ئوقۇلبۇس بار مەكتەپلەر ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوقۇلبۇسنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاپ، بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئوقۇلبۇسنىڭ ساق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپىگە يەتمەيدىغان ئوقۇلبۇسنى توختىتىپ رېمونت قىلىشى، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشى كېرەك.

ئوقۇلبۇسنى قانۇن بويىچە مۇناسىپ ساپاغا ئېرىشكەن رېمونت كارخانىسىغا رېمونت قىلدۇرۇش كېرەك. ئوقۇلبۇس رېمونت قىلىدىغان كارخانا ئوقۇلبۇسنى بەلگىلەنگەن تېخنىكا قائىدىسى بويىچە رېمونت قىلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەن قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، رېمونت قىلىدىغان ئوقۇلبۇسنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنى بېكىتىپ، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە ئوقۇلبۇسنىڭ رېمونت سۈپىتىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

4–باب ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەر

23–ماددا ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەر بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك.

ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكۈچىلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرگە توشقان بولۇشى كېرەك:

(1) مۇناسىپ تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى ئالغان بولۇشى ھەمدە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ھەيدەش تارىخىغا ئىگە بولۇش، يېشى 25 ياشتىن يۇقىرى، 60 ياشتىن تۆۋەن بولۇش؛

(2) يېقىنقى ئۇدا ئۈچ قېتىملىق نومۇر تارتىش دەۋرىيلىكىدە نومۇرى تولۇق تارتىلمىغان بولۇش؛

(3) ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇش ياكى ئېغىر يارىلاندۇرۇشتەك قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى خاتىرىسى بولماسلىق؛

(4) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدەش ياكى مەست ھەيدەش خاتىرىسى بولماسلىق، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى نورمىدىن، سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش قاتارلىق قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق خاتىرىسى بولماسلىق؛

(5) جىنايەت خاتىرىسى بولماسلىق؛

(6) جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ساغلام بولۇش، يۇقۇملۇق كېسىلى بولماسلىق، ئاپتوموبىلنى بىخەتەر ھەيدەشكە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تۇتقاقلىق كېسىلى، روھىي كېسەل تارىخى بولماسلىق، ھاراقكەشلىك، زەھەركەشلىك خاتىرىسى بولماسلىق.

24–ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەردىن ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى ناھىيە دەرىجىلىك ياكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا يازما ئىلتىماسىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ نىزامنىڭ 23–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىق ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇشى، شەرتكە توشىدىغانلىرىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئوقۇلبۇس ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، دەپ ئەسكەرتىپ قويۇشى؛ شەرتكە توشمايدىغانلىرىغا سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

25–ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەر ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئوقۇلبۇس ھەيدىسە بولمايدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەردىن ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىرىنى ئوقۇلبۇس ھەيدەشكە تەكلىپ قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

26-ماددا ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەر ھەر يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك.

27–ماددا ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەر يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن–نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش قائىدىسى ۋە ھەيدەش قائىدىسى بويىچە، بىخەتەر، مەدەنىي يول يۈرۈشى كېرەك.

5–باب ئوقۇلبۇسنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى

28–ماددا ئوقۇلبۇس ئىمكانقەدەر جىددىي ئايلانما، تىك داۋان، قىياغا، سۇغا يېقىن خەتەرلىك يوللاردا ماڭماسلىق كېرەك؛ زادى ئامال بولمىسا، يول ياكى قاتناش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش ئورۇنلىرى يۇقىرىدا ئېيتىلغان خەتەرلىك بۆلەكلەرگە ئۆلچەم بويىچە بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئەسلىھەسى، سۈرئەتكە چەك قويۇش بەلگىسى، ئاگاھ بەلگە تاختىسى ئورنىتىشى كېرەك.

29–ماددا ئوقۇلبۇس ئۆتىدىغان يولدا بىخەتەر يۈرۈش شەرتىگە توشمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ياكى قاتناش بىخەتەرلىكى يۇشۇرۇن خەۋپى بولسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارنى يولنىڭ بىخەتەر يۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاشقا، يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە ۋاقتىدا تەشكىللىشى كېرەك.

30–ماددا ئوقۇلبۇستا ئوقۇغۇچى توشۇغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلىگەن جايغا ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى قويۇش، ئوقۇلبۇس بەلگە چىرىغى يېقىش كېرەك.

ئوقۇلبۇس ئوقۇغۇچى توشۇغاندا، تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن لىنىيەدە مېڭىش كېرەك، قاتناش قامال قىلىنغان، يولدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان شۇنىڭدەك تەبىئىي ئاپەت، ناچار ھاۋارايى شارائىتى ياكى چوڭ قاتناش ھادىسىسى قاتارلىق يول يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.

31–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئوقۇلبۇس لىنىيەسىنىڭ قاتناش تەرتىپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. قاتناش توسۇلۇپ قالغاندا، قاتناش ساقچىسى ئوقۇغۇچى توشىغان ئوقۇلبۇسنى ئالدىن ماڭدۇرۇشى كېرەك.

ئوقۇلبۇس ئوقۇغۇچى توشىغاندا، ئاممىۋى ئاپتوبۇس يولىدا شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنغان بولسىمۇ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ مېڭىشى رۇخسەت قىلىنغان يولدا ماڭسا بولىدۇ.

32–ماددا ئوقۇلبۇس ئوقۇغۇچىلارنى چىقارغان–چۈشۈرگەندە، ئوقۇلبۇس بېكىتىدە توختىشى كېرەك؛ ئوقۇلبۇس بېكىتى يوق يولدا ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە توختىسا بولىدۇ.

يول ياكى قاتناش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش ئورۇنلىرى ئوقۇلبۇس بېكىتىگە بەلگە تاختىسى ۋە ئوقۇلبۇس بېكىتى تاختىسىنى ئۆلچەم بويىچە ئورنىتىشى، ئوقۇلبۇس بېكەت سىزىقى سىزىشى كېرەك.

33–ماددا ئوقۇلبۇس يولدا ئوقۇغۇچىلارنى چىقىرىپ–چۈشۈرۈشكە توغرا كەلسە، يولنىڭ ئوڭ چېتىدە توختىشى، بىخەتەرلىك سىگنال چىرىغىنى ياندۇرۇشى، ئاپتوموبىل توختاش بەلگىسىنى ئېچىۋېتىشى كېرەك. ئوقۇلبۇس ئوخشاش يۆنىلىشتە پەقەت بىرلا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ماڭىدىغان يولدا توختىغاندا، كەينىدىكى ئاپتوموبىللار توختاپ تۇرۇشى، ياندىماسلىقى كېرەك. ئوقۇلبۇس ئوخشاش يۆنىلىشتىكى ئىككىدىن ئارتۇق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا توختىغاندا، ئوقۇلبۇس توختىغان يولنىڭ كەينىدىكى ۋە قوشنا يولدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى توختاپ تۇرۇشى، باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىشى كېرەك. ئوقۇلبۇسنىڭ كەينىدە توختىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سىگنال بېرىپ ياكى چىراغ يېقىپ ئوقۇلبۇسنى ئالدىراتسا بولمايدۇ.

34–ماددا ئوقۇلبۇسقا سالغان ئادەم سانى بەلگىلەنگەن ئادەم سانىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئارتۇق ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ.

مەكتەپلەر ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئوقۇلبۇسنى ھەيدىگۈچىدىن نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىشنى، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

35–ماددا ئوقۇغۇچى سالغان ئوقۇلبۇسنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىردىن، باشقا يولدىكى ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 60 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى يولدا سۈرئەت چەكلەش بەلگىسى، بەلگە سىزىقتا كۆرسىتىلگەن ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئەت ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن تۆۋەن بولسا، شۇ بويىچە بولىدۇ.

ئوقۇغۇچى سالغان ئوقۇلبۇسنىڭ جىددىي ئايلانما، تىك داۋان، تار يول، تار كۆۋرۈكتە شۇنىڭدەك قار–مۇز، پاتقاق يولدا ماڭغاندا ياكى تۇمان، يامغۇر، قار، قۇم – بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن ھاۋارايى شارائىتىدا ماڭغاندا ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتىنى 20 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

36–ماددا قاتناش ساقچىسى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان ئوقۇلبۇسنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تۈگەتكۈزۈش ئاساسىدا ئۆتكۈزۈۋېتىپ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ–ئەكىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىنى جازالىسا بولىدۇ.

37–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئوقۇلبۇسنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇلبۇسنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ۋە قاتناش ھادىسىسى ئۇچۇرىنى ئۇ قاراشلىق ئورۇنغا ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا قەرەللىك ئەۋەتىپ تۇرۇشى كېرەك.

6–باب ئوقۇلبۇسقا ئولتۇرۇش بىخەتەرلىكى

38–ماددا ئوقۇلبۇس بار مەكتەپلەر، ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئوقۇلبۇستا ئوقۇغۇچىلارغا يول بويى ئىگە بولىدىغان ئادەم قويۇشى كېرەك. ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار مەكتەپكە ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلىشتا ئىككى تەرەپ مەكتەپنىڭ ئوقۇلبۇستا ئوقۇغۇچىلارغا ئىگە بولىدىغان ئادەم قويۇشىنى پۈتۈشسە بولىدۇ.

مەكتەپلەر ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئوقۇلبۇستا ئوقۇغۇچىلارغا ئىگە بولىدىغان ئادەمگە قەرەللىك ھالدا بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىشى، ئۇلارنى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن– نىزاملارنى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى كېرەك.

39–ماددا ئوقۇلبۇستا ئوقۇغۇچىلارغا ئىگە بولىدىغانلار تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) ئوقۇغۇچىلار ئوقۇلبۇسقا چىقىپ – چۈشكەندە، پەستە تۇرۇپ يېتەكلىشى، قوماندانلىق قىلىشى، چىقىپ – چۈشۈش تەرتىپىنى ساقلىشى؛

(2) ھەيدىگۈچىنىڭ ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، ھاراق ئىچىپ، مەست بولۇپ ئوقۇلبۇس ھەيدىگەنلىكىنى ياكى سالامەتلىكى پەقەتلا يار بەرمىگەنلىكى شۇنىڭدەك ئوقۇلبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغانلىقى قاتارلىق يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللارنى بايقىسا ئوقۇلبۇسنى ھەيدىشىنى توسۇش؛

(3) ئوقۇلبۇسقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئېلىش، بىخەتەر ئولتۇرۇشىغا، بىزىندىنى تاقىشىغا ياردەم بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش، ئىشىك ئوبدان يېپىلغاندىن كېيىن، ھەيدىگۈچىگە ئوقۇلبۇسنى قوزغىتىش ھەققىدە بېشارەت بېرىش؛

(4) ئوقۇلبۇس مېڭىۋاتقاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇۋېلىشتەك خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توسۇش؛

(5) ئوقۇلبۇسقا چۈشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ، ئوقۇلبۇستىكى ئوقۇغۇچىلار تولۇق چۈشۈپ بولغاندا ئاندىن ئۆزى ئوقۇلبۇستىن ئايرىلىش. 

40–ماددا ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىنىڭ يېنىدىكى ئورۇنغا ئوقۇغۇچى ئولتۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ.

ئوقۇلبۇس ئوقۇغۇچى ئېلىپ ماڭغاندا، ھەيدىگۈچى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىگە بولغۇچىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئوقۇلبۇسقا چىقىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

41–ماددا ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئوقۇلبۇسنىڭ تورمۇزى، رولى، سىرتقى چىرىغى، چاقى، بىخەتەرلىك ئىشىكى، ئورۇندۇقى، بىزىندىسى قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان–كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋپى بار ئوقۇلبۇسنى ھەيدەپ يولغا چىقىشقا بولمايدۇ.

ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچى ئوقۇلبۇستا ئوقۇغۇچى بار ۋاقىتتا ماي قاچىلىماسلىقى، ئوقۇلبۇسنىڭ موتورىنى ئۆچۈرمەي تۇرۇپ، ئورنىدىن ئايرىلماسلىقى كېرەك.

42–ماددا ئوقۇلبۇس قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغاندا، ھەيدىگۈچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئىگە بولغۇچى ساقچىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى، ئاگاھ بەلگىسى قويۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇلبۇستا تۇرۇۋەرسە خەتەر يېتىدىغان بولسا، ئوقۇغۇچىلارغا ئىگە بولغۇچى ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەر جايغا چېكىندۈرۈشى ھەمدە مەكتەپ ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەسىيسى بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

7–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

43–ماددا دۆلەتنىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ئوقۇلبۇس ئىشلىگەن، ساتقانلارغا يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە، مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

44–ماددا قۇراشتۇرۇۋالغان ياكى بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدە ئوقۇغۇچى توشۇغانلارنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يىغىۋالىدۇ ھەمدە مەجبۇرىي بىراك قىلىدۇ؛ ھەيدىگۈچىگە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىگە 80 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.

45–ماددا ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى ئالمىغان قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغان ياكى ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشمىگەن ھەيدىگۈچىگە ئوقۇلبۇسنى ھەيدەتكەنلەرنىڭ شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تۇتۇپ قالىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.

يول تىرانسپورت تىجارەت ئىجازىتى ئالغان كارخانا ياكى يەككە تىجارەتچىلەردىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىمە بويىچە جازا بېرىلگەندىن باشقا، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

ئوقۇلبۇسنىڭ بەلگە تاختىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسىنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يىغىۋالىدۇ، شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

46–ماددا ئوقۇلبۇسقا بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ئوقۇلبۇسنى بىخەتەرلىك بويىچە ئاسراشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

47–ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەردىن ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئوقۇلبۇس ھەيدىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىغا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش قوشۇمچە جازاسى بەرسە بولىدۇ.

48–ماددا ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 200 يۈەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) ئوقۇلبۇستا ئوقۇغۇچى توشۇغاندا بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى قويمىغان، ئوقۇلبۇس بەلگە چىرىغى ياندۇرمىغان ياكى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن لىنىيەدە ماڭمىغان بولسا؛

(2) ئوقۇلبۇسقا ئوقۇغۇچىلارنى چىقارغان – چۈشۈرگەندە بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇلبۇسنى ئوقۇلبۇس بېكىتىدە توختاتمىغان بولسا؛

(3) ئوقۇلبۇس ئوقۇغۇچى يوق ئەھۋالدا يولدا ماڭغاندا، ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى، ئوقۇلبۇس بەلگە چىرىغى ۋە ئوقۇلبۇس توختىتىش بەلگىسىنى ئىشلەتكەن بولسا؛

(4) ئوقۇلبۇسنى ھەيدەپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئوقۇلبۇسنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان–كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرمىگەن ياكى بىخەتەر يۇشۇرۇن خەۋپى بار ئوقۇلبۇسنى ھەيدەپ يولغا چىققان بولسا؛

(5) ئوقۇلبۇستا ئوقۇغۇچى بار ۋاقىتتا ماي قاچىلىغان ياكى ئوقۇلبۇسنىڭ موتورىنى ئۆچۈرمەي تۇرۇپ، ئورنىدىن ئايرىلغان بولسا. ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەردىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن – نىزاملاردىكى يول يۈرۈش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىدۇ.

49–ماددا ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەردىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن بويىچە جازا بېرىلگەن ياكى يول قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغانلىقتىن، مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئوقۇلبۇس ھەيدەش شەرتىگە توشمايدىغان بولۇپ قالغانلىرىنىڭ ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ ھەمدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئەسكەرتىپ قويىدۇ.

50–ماددا ئوقۇلبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغانلارنىڭ ئوقۇلبۇسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ئەھۋال تۈگىگىچە تۇتۇپ قالىدۇ ھەمدە يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىدۇ.

51–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئوقۇلبۇسنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندا، ئوقۇلبۇسنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىپ، ئالاقىدار مەكتەپكە ياكى ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ كېتىشنى ئۇقتۇرۇشى ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ئەھۋال تۈگىگەندىن كېيىن تۇتۇپ قالغان ئوقۇلبۇسنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك.

52–ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇلبۇسقا يول بەرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى 200 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ.

53–ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇلبۇستا ئوقۇغۇچىلارغا يول بويى ئىگە بولۇشقا ئادەم قويمىغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 500 يۈەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

ئوقۇلبۇستا ئوقۇغۇچىلارغا ئىگە بولغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى مەكتەپ ياكى ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىگە چارە كۆرىدۇ ياكى ئىشتىن بوشىتىدۇ.

54–ماددا ئوقۇلبۇس ئىشلىتىش ئىجازىتى ئالغان مەكتەپلەر ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ئوقۇلبۇس ئىشلىتىش ئىجازىتىنى ئەسلىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقارغان يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىكار قىلسا بولىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ.

55–ماددا مەكتەپلەر مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، مۇشۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلگەندىن سىرت، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنى تالاپەت ھادىسىسىگە ئۇچراتقان بولسا، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپنىڭ جاۋابكارلىقى بار رەھبىرى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختىتىپ تۇرۇشقا تەستىقلىغۇچى ئورگان بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى جاۋابكارلىقى بار رەھبەر ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارنى بەش يىل ئىچىدە مەكتەپ باشقۇرماسلىققا بۇيرۇيدۇ.

56–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلماي، شۇ مەمۇرىي رايوندا ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكى چوڭ ھادىسىسى يۈز بېرىشكە سەۋەبچى بولغان بولسا، جاۋابكارلىقى بار رەھبەرگە ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

57–ماددا مائارىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش–تىرانسپورت، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سۈپەت نازارەتچىلىكى بويىچە پىرىيوم– كارانتىن قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار رەھبەرگە ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

58–ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

59–ماددا ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىك ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنى تالاپەتكە ياكى مال–مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

60–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بالىلار باغچىسىنىڭ جايلىشىشىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، بالىلارنىڭ يېقىن جايدا يەسلىگە كىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

يەسلىگە كىرگەن بالىلارنى ۋەسىيسى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان قۇرامىغا يەتكەن كىشى ئاپىرىپ–ئەكىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ۋەسىيسى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان قۇرامىغا يەتكەن كىشى ئاپىرىپ – ئەكىلەلمەي، قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ئاپىرىپ – ئەكىلىشكە توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ خاس ئوقۇلبۇس ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلەنگەن ۋە ئىشلەنگەن يەسلى ئوقۇلبۇسىنى ئىشلىتىش، مۇشۇ نىزامدىكى ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش كېرەك.

61–ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ نىزامنى يولغا قويۇش چارىسىنى چىقىرىشى كېرەك.

62–ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مۇشۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئوقۇلبۇسى بار مەكتەپلەر ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغانلار ياكى ئۇلار تەكلىپ قىلغان ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەر مۇشۇ نىزام يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇلبۇس ئىشلىتىش ئىجازىتى، ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

مۇشۇ نىزام يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يەسلى بالىلىرىنى توشۇيدىغان ئوقۇلبۇس ئېھتىياجنى قاندۇرالمىسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى ئالغان باشقا يولۇچى ئاپتوبۇسلىرىنى ئىشلىتىپ تۇرۇشقا بولىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/8248418.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#