تۇنجى مېتال ئومۇرتقا سېلىنغان ئادەم

تۇنجى مېتال ئومۇرتقا سېلىنغان ئادەم جېسسې توماس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەمدىلا 33 ياشقا كىرگەن ئامېرىكىلىق ئايال جېسسې توماسنىڭ ئومۇرتقىسىغا مۇشتۇمچىلىك سۆڭەك ئۆسمىسى ئۆسۈپ قالغان. دوختۇر ئۆسمە ئۆسكەن ئومۇرتقىنى داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن كېسىۋەتكەن. ئوپېراتسىيىدىن كېيىن جېسسې توماس ئەركىن يۈرەلمەي، ئالاھىدە ياسالغان جازىدا كېچە-كۈندۈزلەپ يېتىشقا مەجبۇر بولغان. 1676-يىلى 17-ئىيۇلدا مېتال ئومۇرتقا سالغان. بۇ ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، جېسسې توماسنىڭ ئۆرە تۇرۇش ۋە مېڭىش ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى مېتال ئۇمۇرتقا سېلىنغان ئايال سانالدى.

ئەمەلىيەتتە، ئېلىمىزنىڭ شاڭخەي شەھەرلىك سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ تەتقىقات ئورنى بىلەن رۈيجىڭ دوختۇرخانىسىنىڭ سۆڭەك بۆلۈمى 1970-يىلى ئىيۇندا ئۇمۇرتقا زور ھۆجەيرىلىك ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان 27 ياشلىق ئەر كىشىنىڭ ئۆسمىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسىنى ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۇمۇرتقا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىدى. كۆچۈرۈلگەن بۇ ئۇمۇرتقا تېبابەتچىلىكتە ئىشلىتىدىغان دات باسمايدىغان پولاتتىن ئىشلەنگەن. ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئىككى ئايدىن كېيىن بېمارنىڭ پۇتىدىكى پالەچلىك تۈگىگەن. ئالتە ئايدىن كېيىن بىمار ئورنىدىن قوپقان. ھازىر ئۇنىڭ ئۆز خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقىنىغا كۆپ يىللار بولۇپ قالدى.

بۇ تەتقىقات ئورنى بىلەن دوختۇرخانا 1970-يىلىدىن بۇيان بۇنداق ئوپېراتسىيىدىن تۆتنى ئىشلەپ ھەممسىدىلا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئەپسۇسكى، بۇ كىلىنكىلىق نەتىجە خەلقئارادا ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇلمىغان، ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئېلىمىز ئۇمۇرتقا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدە چەت ئەللەردىن ئىلگىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 

مېتالنى ئادەم بەدىنىدە قوللىنىش مەسىلىسىنى نۇرغۇن ئالىملار تەتقىق قىلغان. تەتقىقات شۇنى ئوچۇق كۆرسەتتىكى، ئادەم بەدىنىدىكى بەزى قۇرۇلمىلار بۇزۇلغاندا، بەزى مېتاللار ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئىشلىيەلەيدۇ، مەسىلەن، مېتال تانتال تاياقچىسى سۆڭەكنىڭ ئورنىدا ئىشلەيدۇ، مۇسكۇل تانتال تاياقچىسى ئۈستىدە ئۆسەلەيدۇ. سۇنغان سۆڭەكنى تىتان پلاستىنكىسى ۋە تىتان ۋېنتا بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. سۆڭەك تىتان پلاستىنكىسىنىڭ تۆشۈكلىرىدە ۋە ۋېنتىنىڭ ئارىلىقلىرىدە ئۆسۈۋېرىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى بەزى قۇرۇلمىلارنىڭ ئورنىدا ئىشلەيدىغان بۇنداق مېتاللار «جانلىقلارغا مايىل مېتاللار» دەپ ئاتىلىدۇ

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#