شەھەر ئۆي-زېمىنلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى

شەھەر ئۆي-زېمىنلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى

1994–يىل 7-ئاينىڭ 5–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8–يىغىنىدا ماقۇللاندى .

ئۇيغۇرچە نامى شەھەر ئۆي-زېمىنلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى
خەنزۇچە نامى 城市房地产管理法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شەھەر ئۆيزېمىنلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى(1994–يىل 7-ئاينىڭ 5–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8–يىغىنىدا ماقۇللاندى) 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1–ماددا بۇ قانۇن شەھەر ئۆي–زېمىن بازىرى تەرتىپىنى ساقلاش، ئۆي–زېمىن كەسپىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر پىلانى رايونىدىكى دۆلەتكە تەئەللۇق يەرلەر(تۆۋەندە قىسقارتىپ دۆلەت يەرلىرى دېيىلىدۇ) دائىرىسىدە ئۆي–زېمىن تەرەققىياتىغا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى، ئۆي–زېمىن سودىسى ۋە ئۆي–زېمىن باشقۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىشى لازىم. 

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئۆي–ئىمارەت يەر ئۈستىدىكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى ۋە قۇرۇلمىلارنى كۆرسىتىدۇ. 

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن دۆلەت يېرىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئۆي–ئىمارەت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. 

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئۆي–زېمىن سودىسى ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئۆي–زېمىن رەنىسى ۋە ئۆي–ئىمارەت ئىجارىسىنى كۆرسىتىدۇ. 

3-ماددا دۆلەت دۆلەتنىڭ يەرلىرىنى ھەقلىق، مۇددەتلىك ئىشلىتىش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە يولغا قويىدۇ. لېكىن، دۆلەت مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە دۆلەت يېرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بەرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

4-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئاساسەن، ئاھالە ئۆي–جاي قۇرۇلۇشىغا يار–يۆلەك بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى تەدرىجىي ياخشىلايدۇ. 

5-ماددا ئۆي–زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇشى لازىم. ئۆي–زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كشىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بۇنىڭغا دەخلى–تەرۇز يەتكۈزۈشىگە يول قويولمايدۇ. 

6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىيىتىگە مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەن ئايرىپ بەرگەن خىزمەت ھوقۇقى بويىچە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يېقىندىن ماسلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۆي–زېمىن خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش، يەر باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.

2–باب ئۆي–زېمىن تەرەققىياتىغا يەر ئىشلىتىش

1-پاراگراف يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش 

7-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش–دۆلەتنىڭ يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى دېيىلىدۇ) نى يەر ئىشلەتكۈچىگە مۇددەتلىك ھەقلىق بېرىشنى، يەر ئىشلەتكۈچىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىش ھەققىنى دۆلەتكە تاپشۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. 

8-ماددا شەھەر پىلانى رايونىدىكى كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەر قانۇن بويىچە دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى باشقىلارغا ھەقلىق بېرىشكە بولىدۇ. 

9-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا، شەھەر پىلانىغا ۋە قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش يىللىق پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

10-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەقلىق بېرىشتە، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى بويىچە ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەقلىق بېرىلىدىغان يىللىق ئومۇمىي يەر كۆلىمى لايىھىسىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن گوۋۇيۈەنگە ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى شەرت. 

11-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ئىشىنى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىلانلىق، باسقۇچلۇق ئېلىپ بارىدۇ. شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى ھەقلىق بېرىلىدىغان يەر، ئۇنىڭ ئىشلىتىش ئورنى، مۇددىتى ۋە باشقا شەرتلىرى توغرىسىدا شەھەر پىلانلاش، قۇرۇلۇش، ئۆي باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە لايىھە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، تەستىقلاش ھوقۇقى بار خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ، ئۇنى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى يولغا قويىدۇ. بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشىنى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ. 

12-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشتە «كىمئارتۇق» سودىسى، خېرىدار چاقىرىش ياكى ئىككى تەرەپ كېلىشىش ئۇسۇلى قوللىنىلسا بولىدۇ.

سودا، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى ۋە ھەشەمەتلىك ئۆي–جاي قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان يەرنى ھەقلىق بېرىشتە شارائىت يار بەرسە «كىمئارتۇق» سودىسى، خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم، «كىمئارتۇق» سودىسى، خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش شارائىت يار بەرسە، ئىككى تەرەپ كېلىشىش ئۇسۇلى قوللىنىلسا بولىدۇ.

ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىككى تەرەپ كېلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەقلىق بېرىلىدىغان يەرنىڭ ھەققى دۆلەت بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن باھادىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم. 

13-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى يىل چەكلىمىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

14-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشتە يازما توختام تۈزۈش لازىم. 

يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىنى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن يەر ئىشلەتكۈچى تۈزىدۇ.

15-ماددا يەر ئىشلەتكۈچى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئېلىش ھەققىنى توختام بويىچە تاپشۇرۇشى شەرت؛ توختام بويىچە تاپشۇرمىسا، يەر باشقۇرۇش تارمىقى توختامنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى بېرىشنى ئىلىتىماس قىلسا بولىدۇ.

16-ماددا يەر ئىشلەتكۈچى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئېلىش ھەققىنى توختام بويىچە تاپشۇرغان بولسا، شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى يەرنى توختام بويىچە بېرىشى شەرت؛ يەرنى توختام بويىچە بەرمىسە، يەر ئىشلەتكۈچى توختامنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق. يەر بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق. يەر باشقۇرۇش تارمىقى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشى ھەققىنى قايتۇرىدۇ ھەمدە يەر ئىشلەتكۈچى توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

17-ماددا يەر ئىشلەتكۈچى يەرئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكەن يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشنى زۆرۈر تاپسا، يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بەرگۈچى ۋە شەھەرلىك، ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر پىلانلاش مەمۇرىيىتى مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقى ئارقىلىق يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىنى ئۆزگەرتىش كېلىشىمى تۈزۈلىدۇ ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامى قايىتىدىن تۈزۈلىدۇ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققى مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ. 

18-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنىڭ ھەممىسى مالىيەگە تاپشۇرۇلۇپ، خام چوتقا كىرگۈزۈلۈپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ۋە يەردىن پايدىلىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ. يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنى تاپشۇرۇش ۋە ئىشلىتىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

19-ماددا دۆلەت يەر ئىشلەتكۈچى قانۇن بويىچە ئىگە بولغان يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى توختامدا پۈتۈشكەن مۇددەت توشمىغۇچە قايتۇرۇۋالمايدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا، جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، قانۇندىكى تەرتىپ بويىچە مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇلسا بولىدۇ ھەمدە يەر ئىشلەتكۈچىنىڭ يەردىن ئەمەلىي پايدىلانغان يىلىغا ۋە يەردىن پايدىلىنىش ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق تۆلەم بېرىدۇ. 

20-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى شۇ يەرنىڭ يوقىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. 

21-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يەر ئىشلەتكۈچى يەرنى داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسا، مۇددەتنى ئۇزارتىشنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ مۇددەت توشۇشتىن بىر يىل بۇرۇن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شۇ يەرنى جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن قايتۇرۇۋېلىشى زۆرۈر بولمىسلا، تەستىقلاپ بېرىدۇ، تەستىق بىلەن مۇددىتى ئۇزارتىلغان بولسا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامى قايتىدىن تۈزۈلىدۇ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرۇلىدۇ.

يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكەن مۇددەت توشۇپ، يەر ئىشلەتكۈچى مۇددەتنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، يۇقىرىدىكى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلانمىغان بولسا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى دۆلەت ھەقسىز قايتۇرۇۋالىدۇ.

22-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىپ بېرىش ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەستىقلىشى بىلەن يەر ئىشلەتكۈچى تۆلەم، ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققى قاتارلىقلارنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، شۇ يەرنى ئىشلەتكۈچىگە بېرىش ياكى دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقوقىنى يەر ئىشلەتكۈچىگە ھەقسىز بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغاندا، قانۇندا ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىشلىتىش مۇددىتىگە چەك قويۇلمايدۇ. 

23-ماددا تۆەندىكى قۇرۇلۇشلارغا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ئايرىپ بېرىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە تەستىقلاپ ئايرىپ بەرسە بولىدۇ: 

(1) دۆلەت ئورگانلىرىغا ۋە ھەربىي ئىشلارغا كېرەكلىك يەر؛ 

(2) شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا كېرەكلىك يەر؛ 

(3) دۆلەت نۇقتىلىق يار–يۆلەك بولىدىغان ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرىغا كېرەكلىك يەر؛ 

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلارغا كېرەكلىك يەر. 

3-باب ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى 

24-ماددا ئۆي–زېمىن تەرەققىياتىدا شەھەر پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، مۇھىت ئۈنۈمى بىردەك بولۇش پرىنسىپى بويىچە ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىش شەرت. 

25-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئىگە بولۇپ، ئۆي–زېمىننى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلىتىش ئورنى ۋە ئىش باشلاش مۇددىتى بويىچە پايدىلىنىش شەرت. توختامدا پۈتۈشكەن ئىش باشلاش پايدىلىنىش مۇددىتى توشۇپ بىر يىلغىچە پايدىلانمىغانلاردىن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنىڭ 20 تىن تۆۋەن بىكار قويۇش ھەققى ئېلىنسا بولىدۇ؛ ئىككى يىلغىچە پايدىلانمىغانلاردىن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەقسىز قايتۇرۋېلىنسا بولىدۇ؛ لېكىن، تەڭ كەلگىلى بولمايدىغان ئامىللار ياكى ھۆكۈمەت، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ھەرىكىتى ۋە ياكى ئىش باشلاش تەييارلىقلىرى سەۋەبىدىن يەردىن پايدىلىنىشنى كېچىكتۈرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىد%ا. 

26-ماددا ئۆي–زېمىن قۇرۇلۇشلىرىنىڭ لايىھلىنىشى، ئېلىپ بېرىلىشى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. ئۆي–زېمىن قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلسا بولىدۇ.

27-ماددا قانۇن بويىچە ئىگە بولغان يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە باھاغا سۈندۇرۇپ پاي قىلىپ قوشۇپ، ئۆي–زېمىن تىجارىتىنى شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ يول قويۇشقا بولىدۇ.

28-ماددا دۆلەت باج قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى كارخانىلىرىنىڭ ئاھالە ئۆي–جاي قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يار–يۆلەك بولىدۇ. 

29-ماددا ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى كارخانىلىرى پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى ۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى كارخانىسى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش لازىم:

(1) نامى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى بولۇش؛

(2) مۇقىم تىجارەت ئورنى بولۇش؛ 

(3) گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىزىملاتقان كاپىتال بولۇش؛ 

(4) يېتەرلىك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بولۇش؛ 

(5) قانۇن مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر. 

ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى كارخانىسى قۇرۇشتا، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىش كېرەك. سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىش كېرەك. سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە توشقانلىرىنى تىزىملاپ، تىجارەت كىنىشكىسى بېرىدۇ، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە توشمايدىغانلىرىنى تىزىملىمايدۇ. 

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، چەكلىك پاي شىركىتى قۇرۇپ، ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى ۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار شىركەت قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنىمۇ ئىجرا قىلىشى لازىم.

ئۆي–زېمىن تەرەققىيات كارخانىسى تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن بىر ئاي ئىچىدە، تىزىملىغان ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن تارماققا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. 

30-ماددا ئۆي–زېمىن تەرققىيات كارخانىسىنىڭ تىزىملاتقان كاپىتالى بىلەن سالغان ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ نىسبىتى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇش لازىم.

ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى كارخانلىرىدىن ئۆي–زېمىن قۇرۇلۇشىنى مۇددەتكە بۆلۈپ ئېلىپ بارىدىغانلىرىنىڭ مۇددەتكە بۆلۈپ سالىدىغان مەبلىغى شۇ تۈرنىڭ كۆلىمىگە لايىق بولۇشى ھەمدە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامى بويىچە مەبلەغنى قەرەلىدە سېلىپ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشى لازىم. 

4-باب ئۆي–زېمىن سودىسى 

1-پاراگراف ئومۇمىي بەلگىلىمە 

31-ماددا ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش، رەنىگە قويۇشتا، ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە شۇ ئۆي ئىگىلىگەن دائىرىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى تەڭلا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، رەنىگە قويۇلىدۇ. 

32-ماددا يەرنىڭ ئۆلچەملىك باھاسى، بېكىتىلمە ۋە ھەر خىل ئۆيلەرنىڭ قايتلانما باھاسىنى قەرەللىك بېكىتىش ھەم ئېلان قىلىش لازىم. كونكرېت چارسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

33-ماددا دۆلەت ئۆي–زېمىنغا باھا قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

ئۆي–زېمىنغا باھا قويۇشتا، لىللا، ئادىل، ئاشكارا بولۇش پرىنسپىغا ئەمەل قىلىش، دۆلەت بەلگىلىگەن تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باھا قويۇش تەرتىپى بويىچە يەرنىڭ ئۆلچەملىك باھاسى، بېكىتىلمە باھاسى ۋە ھەر خىل ئۆيلەرنىڭ قايتلانما باھاسىنى ئاساس قىلىش، شۇ جايدىكى بازار باھاسىدىن پايدىلىنىش لازىم. 

34-ماددا دۆلەت ئۆي–زېمىن سودىسىدا پۈتۈشكەن باھانى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

ئۆي–زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشلەر ئوي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن تارماقتا پۈتۈشكەن باھانى ئەينەن مەلۇم قىلىش لازىم. يوشۇرۇشقا ياكى يالغان مەلۇم قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

35-ماددا ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش، رەنىگە قويۇشتا، ئالاقىدار تەرەپلەر مۇشۇ قانۇننىڭ بەشىنچى بابىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملىتىشى لازىم.

2-پاراگراف ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش 

36-ماددا ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۆي–زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆي–زېمىنىنى باشقىلارغا سېتىشىنى، ھەدىيە قىلىشىنى ياكى باشقا قانۇنىي ئۇسۇللار بىلەن بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. 

37-ماددا تۆۋەندىكى ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ: 

(1) ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئىگە بولغان يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى مۇشۇ قانۇننىڭ 38–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە توشمىسا؛ 

(2) ئۆي–زېمىننى پېچەتلەش ياكى ئۆي–زېمىن ھوقۇقىنى باشقا شەكىل بىلەن چەكلەش ھەققىدە ئەدلىيە ئورگىنى ۋە مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە كېسىم، قارار چىقارغان بولسا؛ 

(3) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە قايتۇرۋېىلىنغان بولسا؛

(4) ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆي–زېمىن باشقا ئورتاقچىلارنىڭ يازما ماقوللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسا؛

(5) ھوقۇق تەۋەلىكى ئۈستىدە تالاش–تارتىش بار بولسا؛ 

(6) قانۇن بويىچە تىزىملاتمايلا ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ئېلىۋالغان بولسا؛

(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنغان باشقا ئەھۋاللار بار بولسا.

38-ماددا ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلار ئۆي–زېمىنىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم: 

(1) ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇرغان ھەمدە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ئالغان بولۇش؛ 

(2) ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە مەبلەغ سېلىپ ئۆي–ئىمارەت قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقانلار قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ 25 تىن كۆپرەكىنى ئورۇندىغان بولۇش؛ يەردىن بىر تۇتاش پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانائەتكە ياكى باشقا قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش شارائىتى ھازىرلانغان بولۇش. 

ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان چاغدا سېلىنىپ بولغان بولسا، ئۆي ئىگىدارلىق گۇۋاھنامىسىمۇ بولۇشى لازى%م. 

39-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئايرىپ بېرىشى ئۇسۇلى بىلەن ئىگە بولغانلار ئۆي–زېمىنىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى لازىم. تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەستىقلىسا، ئالغۇچى تەرەپ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش رەسىيىتىنى بېجىرىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنى تاپشۇرۇشى لازىم. 

يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئىگە بولغانلار ئۆي–زېمىنىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەستىقلىتىشقا مەلۇم قىلغاندا تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش رەسمىيىتىنى بىجىرمىسىمۇ بولىدىغان بولسا، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەرەپ گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان ئۆي–زېمىندىن قىلغان كىرىمى ئىچىدىكى يەر كىرىمىنى دۆلەتكە تاپشۇرىدۇ ياكى باشقىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

40-ماددا ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە يازما توختام تۈزۈلىدۇ، توختامدا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ئۇسۇلى ئېنىق يېزىلىدۇ. 

41-ماددا ئۆي–زېمىن ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختىمىغا يېزىلغان ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلەر بىللە يۆتكىلىدۇ. 

42-ماددا ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلار ئۆي زېمىننى ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن، شۇ يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى ئەسلىدىكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكەن يىل سانىدىن ئەسلىدىكى يەرئىشلەتكۈچى شۇ يەرنى ئىشلەتكەن يىل سانىنى ئېلۋەتكەندىن كېيىنكى قالدۇق يىل سانىنى كۆرسىتىدۇ.

43-ماددا ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلار، ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئالغۇچى تەرەپ ئەسلىدىكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقىلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكەن يەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر پىلانلاش مەمۇرىيىتى مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامى ئۆزگەرتىش كېلىشىمى تۈزۈشى ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىنى قايتىدىن تۈزۈشى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنى مۇناسىپ تەڭشىشى شەرت.

44-ماددا تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئالدىن سېتىلىشى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم: 

(1) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنى تولۇق تاپشۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ئالغان بولۇش؛ 

(2) قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ئالغان بولۇش؛ 

(3) ئالدىن سېتىپ بېرىلىدىغان تاۋار ئۆي بويىچە ھېسابلىغاندا، سېلىنغان مەبلەغ ئومۇمىي قۇرۇلۇش مەبلىغىنىڭ 25 تىن ئاشقان بولۇش ھەمدە قۇرۇلۇش سۈرئىتى ۋە پۈتتۈرۈپ تاپشۇرۇش ۋاقتى بەلگىلەنگەن بولۇش؛

(4) ئالدىن سېتىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ، تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازەت خېتى ئالغان بولۇش. 

تاۋار ئۆينى ئالدىن ساتقۇچى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىمىسى بويىچە، ئالدىن سېتىش توختامىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋە يەر باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىشتىن كىرگەن پۇل مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىلىشى شەرت 

45-ماددا تاۋار ئۆي ئالدىن سېتىلغان بولسا، ئۇنى ئالدىن سېتىۋالغۇچىنىڭ پۈتمىگەن شۇ تاۋار ئۆيىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەسلىسنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

3-پاراگراف ئۆي–زېمىن رەنىسى

46-ماددا ئۆي–زېمىن رەنىسى رەنىگە قويغۇچى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئۆي–زېمىن ئىگىدارلىقىنى ئۆزگەرتمەسلىك ئۇسۇلى بىلەن رەنىگە ئالغۇچىغا قەرز ئۈچۈن كېپىللىككە بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، رەنىگە ئالغۇچى قەرزنى رەنىگە قويۇلغان ئۆي–زېمىننى «كىمئارتۇق» قىلىپ سېتىپ تاپقان پۇلدىن قانۇن بويىچە ئالدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

47-ماددا قانۇن بويىچە ئىگە بولغان ئۆي ئىگدارلىق ھوقۇقى شۇ ئۆي ئىگىلىگەن دائىرىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بىلەن بىللە رەنە ھوقۇقى قىلىنسا بولىدۇ.

ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئىگە بولغان يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى رەنە قىلىنسا بولىدۇ. 

48-ماددا ئۆي–زېمىننى رەنىگە قويۇش يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ۋە ئۆي ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بىلەن بېجىرىلىدۇ. 

49-ماددا ئۆي–زېمىن رەنىسىدە رەنىگە قويغۇچى بىلەن رەنىگە ئالغۇچى يازما توختام تۈزۈشى لازىم. 

50-ماددا ئۆي–زېمىن رەنە ھوقۇقى ھېسابلانغان يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئېرىشكەن بولسا، شۇ ئۆي–زېمىن قانۇن بويىچە «كىمئارتۇق» قىلىپ سېتىلغاندىن كېيىن، تاپقان پۇلدىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى، ھەقلىق بېرىش ھەققىگە تەڭ پۇل تاپشۇرۇلۇپ بولغاندا، رەنىگە ئالغۇچى قەرز ئالدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ. 

51-ماددا ئۆي–زېمىن رەنە توختامى ئىمزالانغاندىن كېيىن، شۇ يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەر رەنە مۈلكىگە كىرمەيدۇ. رەنىگە قويۇلغان شۇ ئۆي-زېمىننى «كىمئارتۇق» قىلىپ سېتىشقا توغرا كەلگەندە، شۇ يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان ئۆي رەنە مۈلكى بىلەن بىللە قانۇن بويىچە «كىمئارتۇق» قىلىپ سېتىلسا بولىدۇ. لېكىن، رەنىگە ئالغۇچىنىڭ قەرزنى يېڭىدىن سېلىنغان ئۆينىڭ «كىمئارتۇق» سودىسى تاپاۋىتىدىن ئالدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى يوق.

4-پاراگراف ئۆي ئىجارىسى 

52-ماددا ئۆي ئىجارىسى ئۆي ئىگىدارىنىڭ ئىجارىگە بەرگۈچى سۈپىتى بىلەن، ئۆز ئۆيىنى ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجارىگە بېرىشىنى، ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ ئىجارىگە بەرگۈچىگە ئىجارە ھەققى تۆلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

53-ماددا ئۆي ئىجارىگە بەرگۈچى بىلەن ئىجارىگە ئالغۇچى يازما توختام تۈزۈپ ئىجارە مۇددىتى، ئىشلىتىش ئورنى، ئىجارە باھاسى، رېمونت قىلىش مەسئۇلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار، شۇنىڭدەك ئىككى تەرپنىڭ باشقا ھوقۇق–مەجبۇرىيەتلىرى ئۈستىدە پۈتۈشىدۇ ھەمدە ئۆي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

54-ماددا تۇرالغۇ ئۆي ئىجارىسىدە دۆلەت ۋە شۇ ئۆي جايلاشقان شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن ئىجارە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش كېرەك. ئۆينى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئۈچۈن ئىجارىگە ئالغاندا، ئىككى تەرەپ ئىجارە ھەققى ۋە باشقا ئىجارە مەزمۇنلىرىنى كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.

55-ماددا ئۆي ئىگىدارلىرى ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئىگە بولغان دۆلەت يېرىگە سېلىنغان ئۆينى پايدا تېپىش مەقسىتىدە ئىجارىگە بەرگەندە، ئىجارە ھەققى ئىچىدىكى يەر كىرىمىنى دۆلەتكە تاپشۇرىدۇ، بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

5-پاراگراف ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار 

56-ماددا ئۆي–زېمىن ۋاسىتىچى ئاپپاراتى ئۆي–زېمىن مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، ئۆي–زېمىن باھا قويۇش ئاپپاراتى، ئۆي–زېمىن بىدىكىلىك ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

57–ماددا ئۆي–زېمىن ۋاسىتىچى ئاپپاراتى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم:

(1) نامى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى بولۇش؛

(2) مۇقىم مۇلازىمەت ئورنى بولۇش؛ 

(3) زۆرۈر مال–مۈلكى ۋە خىراجىتى بولۇش؛ 

(4) يېتەرلىك كەسپىي خادىملىرى بولۇش؛ 

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر. 

ئۆي–زېمىن ۋاسىتىچى ئاپپاراتى تەسىس قىلىشتا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن، ئىش باشلاشقا بولىدۇ.

58-ماددا دۆلەت ئۆي–زېمىن باھا قويۇش خادىملىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

5-باب ئۆي–زېمىن ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش–باشقۇرۇش 

59-ماددا دۆلەت يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ۋە ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تىزىملاپ، گۇۋاھنامە تارقىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

60-ماددا ھەقلىق بېرىش ياكى ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.

ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى ئۈچۈن قانۇن بويىچە ئىگە بولغان يەرگە ئۆي سېلىشتا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بىلەن ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنى ئېنىقلايدۇ ھەمدە ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ. 

ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشتە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىغا ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرگەنلىكىنى تەك دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، تەڭ دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گوۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ ياكى ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ. 

قانۇندا باشقا بەلگىلىمە بولغانلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ. 

61-ماددا ئۆي–زېمىن رەنىسىدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن تارماققا تىزىملىتىش لازىم.

يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا رەنىگە قۇيۇلغان ئۆي–زېمىننى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەندە، مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە گۇۋاھنامە ئالماشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش لازىم.

62-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىشى بىلەن ئۆي باشقۇرۇش ۋە يەر باشقۇرۇش خىرمىتىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تارمىقى بىر تۇتاش مەسئۇل بولغان بولسا، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئۆي–زېمىن ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى تەييارلىسا، تارقاتسا بولىدۇ. مۇشۇ قانۇننىڭ 60-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە شۇ ئۆي ئىگلىگەن دائىرىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئۆزگەرتىلىشى ئۆي–زېمىن ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىگە يېزىلىدۇ. 

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

63-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 10-، 11–ماددىسىدىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي–زېمىن تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلىدىغان يەردىن پايدىلانسا، ھوقۇقنى ھەقلىق بېرىشنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەستىقلىغان ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بېرىۋەتكەن ئالاقىدار جاۋابكارلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ياكى ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. 

64-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 29-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالماي تۇرۇپ، ئۆي–زېمىن كەسپىي بىلەن ئۆز مەيلىچە شۇغۇللانغۇچىلارنى ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى كەسپىي پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە مەمۇرىي جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

65-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 38-ماددىسىنىڭ 1–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە مەمۇرىي جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

66-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 39–ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي–زېمىن ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنى ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە مەمۇرىي جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

67-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 44-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاۋار ئۆينى ئالدىن ساتقۇچىلارنى ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى، ئالدىن سېتىش پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قۇشۇمچە مەمۇرىي جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

68-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 57–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي–زېمىن ۋاستىچىلىكى بىلەن تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ ئۆز مەيلىچە شۇغۇللانغۇچىلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە مەمۇرىي جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

69-ماددا قانۇن، نىزام ئاساسى بولمىغان ئەھۋالدا، ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى كارخانىلىرىدىن ھەق ئالغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان پۇلنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلىمىشى ئېغىر بولغان بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ياكى ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. 

70-ماددا ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى، يەر باشقۇرۇش تارمىقى خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلىنىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۇرمىگەنلىرىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى، يەر باشقۇرۇش تارمىقى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ياكى باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئۇلاردىن قانۇنسىز ھالدا پۇل–مال ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتىنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. جىنايەت شەكللەندۇرمىگەنلىرىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

71-ماددا شەھەر پىلانلاش رايونى سىرتىدىكى دۆلەت يېرى دائىرىسىدە ئۆي–زېمىن تەرەققىيات ئۈچۈن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئۆي–زېمىن تەرەققىياتى سودىسى ۋە ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىشلىرىدا مۇشۇ قانۇندىن پايدىلىنىدۇ. 

72-ماددا بۇ قانۇن 1995-يىلى 1–ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#