Android

Google شىركىتى 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان Linux سۇپىسى ئاساسىدىكى ئوچۇق سىستېمىنىڭ نامى. 

ئىسمى ئاندىروئىد
چەتئەلچە ئىسمى Android
ئاچقۇچى شىركەت Google شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى Open Handset Alliance گۇرپىسى
تارقىتىلغان ۋاقتى 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى
ئەسلى كود ئەندىزىسى ئەركىن ۋە ئوچۇق مەنبە كود
خەنزۇچە ئىسمى 安卓
سېستىما ئاساسى Linux
تارقاتقۇچى Google شىركىتى
پىروگرامما تىلى C/C++ ۋە Java
ئاندىروئىد ئاتىسى ئەندى رۇبىن (Andy Rubin)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاندىروئىدAndroid دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى: ماشىنا ئادەم شۇنداقلا Google شىركىتى 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان Linux سۇپىسى ئاساسىدىكى ئوچۇق سىستېمىنىڭ نامى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل سۇپىدا سىستېما، ۋاستىچى ئۈسكىنە، كۆرۈنمە يۈز، قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ۋە ئابونت زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن.

ئەندى رۇبىن

2003-يىلى ئەندى رۇبىن (Andy Rubin) قاتارلىقلار Android شىركىتىنى قۇرغان ۋە Android ئەترىتىنى قۇرغان.2005-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى گۇگىل شىركىتى قۇرۇلغىنىغا 22 ئاي بولغان يۇقۇرى پەن تېخنىكا كارخانىسى Android شىركىتى ۋە Android ئەترىتىنى سېتىۋالىدۇ، ئەندى رۇبىن (Andy Rubin) گۇگىل شىركىتى قۇرلۇش بۈلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرىكتورى بولدى. شۇنداقلا داۋاملىق Android تۈرىگە مەسئۇل بولغان.Android نىڭ ئاساسى بولسا ئېچىۋېتىلىشچانلىق يادرولۇق Linux سىستېمىسى بولۇپ، Google شىركىتى 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى.  يۇمشال دېتال قەۋىتىنىڭ (soft ware stack) نىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئاساسى قىسمىنى Linux يادروسى ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى ئارقىلىق تەمىنلەيدۇ.

Java پىروگرامما قۇرالى

 باشقا قوللىنىشچان دېتاللارنى ھەرقايسى شىركەتلەر ئېچىپ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، قىسمەن پروگراممىلارنى JAVA ئارقىلىق ياسايدۇ.

2011-يىلى دەسلەپكى قەدەمدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، Android بازارغا چىقىپ تېز سۈرئەتتە تەرققىي قىلىپ ئون يىل زومىگەر دەپ ئاتالغان سىمبياننى تەدرىجى بازاردىن سىقىپ چىقارغان ھەمدە يەرشارى بويىچە ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىسىغا ئايلانغان. نۆۋەتتە Android يانفون ساھەسىدىلا ئەمەس بەلكى تاختا كومپىيۇتېر ساھەسىدىمۇ تېز سۈرئەتتە كېڭەيمەكتە، بىرلا ۋاقىتتا MP4 ساھەسىگىمۇ يۈزلەنگەن. ھازىر Android ئىشلىتىدىغان شىركەت–كارخانىلاردىن تەيۋەن HTC  (گۇگېلنىڭ تۇنجى يانفونى G1 نى ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقارغان)، كورىيە سامسۇڭ، ئامېرىكا موتورولا، ئەنگىلىيە سونى ئېرىكسون قاتارلىق خەلقئارالىق شىركەتلەر بار، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن خۇاۋېي، مېيزۇ، جوڭشىڭ، ليەنشياڭ، شىياۋمى، خوڭمى، ئوپپو، قاتارلىقلار بار.

ئاندىرئىدAndroid بولسا بىرخىل ھوقۇق چەكلىمىسىگە ئايرىلغان مەشغۇلات سىستېمىسى. بۇ خىل سىستېمىدا ھەر بىر قوللىنىلمىلارغا بىردىن سىستېما سالاھىيەت تونۇشى ئارقىلىق قوزغىلىدۇ. سىستېمىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىمۇ ئۆزىگە خاس تونۇش شەكلىگە ئىگە. Linux مانا مۇشۇنداق قوللىنىلما بىلەن قوللىنىلما، قوللىنىلما بىلەن سىستېما ئايرىۋېتىلگەن سىستېمىدۇر. سىستېمىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ھوقۇق چەكلەش يولغا قويۇلغان. ھوقۇق چەكلەش مەلۇم خىل ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئالاھىدە مەشغۇلاتنى چەكلەيدۇ ھەمدە ھەر بىر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن URI سانلىق مەلۇماتىنى زىيارەت قىلىشنىمۇ چەكلەيدۇ.

ئاندىروئىد قوللىنىشچان ئەپلىرى

Android بولسا JAVA ئارقىلىق تۈزۈلىدۇ، ئۇلىنىش ئېغىزىدىن تارتىپ ئىقتىدارلىرىغىچە ئىنتايىن كۆپ ئۆزگەرتىلگەن. ھەر بىر ئىقتىدارغا بىر Activity مەسئۇل بولىدۇ، ئىككىلىكلەر بولسا Connection ceServis ۋە AIDL ئارقىلىق بىرىكىدۇ. بەلگىلەنگەن سانلىق مىقدارغا يەتكەندە قوزغىلىش ئۈنۈمى يۈز بېرىدۇ.

Linux kernel كۈرۈنمە يۈزى

Android بولسا Linux kernel دا قوزغىلىدۇ، لېكىن GNU/Linux ئەمەس. چۈنكى GNU/Linux قوللايدىغان Cairo, X11, Alsa, FFmpeg, GTK, Pango قاتارلىقلارنى Android قوللىمىغاچقا چىقىرۋېتىلگەن. شۇڭلاشقا bionic نى Glibc نىڭ ئورنىغا، Skia نى Cairo نىڭ ئورنىغا، opencore نى FFmpeg نىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەن. نۆۋەتتە  Linux kernel نىڭ Android دىكى كونتروللىقى بولسا ئاساسلىقى بىخەتەرلىك، ساقلىغۇچ باشقۇرۇش، پروگرامما باشقۇرۇش، تور، قوزغىتىش مودىلى قاتارلىقلار. Android نىڭ ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن، بىرىكتۈرۈش دېتالى Repo نى قاچىلىشى كېرەك. Repo بولسا Android نىڭ Git خىزمىتىنىڭ ياردەمچى قورالى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (7 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    85.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    14.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#