خۇگېنو ئۇرۇشى

خۇگېنو ئۇرۇشى

 خۇگېنو ئۇرۇشى فرانسىيە دىنىي ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۇرۇش 16- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فرانسىيە فېئودال ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سىياسىيغا دىنغا چېتىشلىق بىر مەيدان ئىچكى ئۇرۇش.

نامى خۇگېنو ئۇرۇشى
باش قوماندان كۇڭ ئەۋلادى شاھزادىسى ھېنرى Ⅲ
ئورنى فرانسىيە تەۋەسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 胡格诺战争
باشقا ئاتىلىشى فرانسىيە دىنىي ئۇرۇشى
ۋاقتى 1562-يىلىدىن 1598-يىلىغىچە؛ يەنە بىرىدە 1559-يىلىدىن 1594-يىلىغىچە دەپ قارالغان.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇگېنو ئۇرۇشىخۇگېنو ئۇرۇشى فرانسىيە دىنىي ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۇرۇش 16-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فرانسىيە فېئودال ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سىياسىيغا دىنغا چېتىشلىق 1562-يىلىدىن 1592-يىلىغىچە ( يەنە بىر رىۋايەتتە بولسا 1559-1594) داۋاملاشقان بىر قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش.

خۇگېنو ئۇرۇشى16-ئەسىرنىڭ ئوتتورىلىرىدا كارۋىن دىنى فرانسىيەدە كەڭ تارقىلىپ، فرانسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا، غەربىي جەنۇپ قىسىمىدا نۇرغۇن كارۋىم دىنى مۇرتلىرى-خۇگېنو مۇرتلىرى («خۇگېنو» نېمىسچىدە «قەسەم بېرىپ بىرلەشكەن ئىتتىپاقداشلار» دېگەن مەنىدە، فرانسىيەدە بولسا كارۋىن دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان يېڭى مەزھەپنى كۆرسىتىدۇ) مەيدانغا كەلدى. خۇگېنو مۇرتلىرى تەركىبىدە شەھەر پۇقرالىرى، دېھقانلار ۋە ئوتتۇرا، ئۇششاق پومېشىچىكلارلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن كاتولىك چېركاۋىنىڭ مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش غەرىزىدە بولغان فېئودال ئاڭسۆڭەكلەرمۇ بار ئىدى. بۇ ئاڭسۆڭەكلەر ئىتالىيە ئۇرۇشىدا فرانسىيە مەغلۇپ بولۇپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقى زەئىپلەشكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، چېركاۋنىڭ مۈلىكىنى تارتىۋېلىپ يەرلەرنى بۆلۈشۈۋېلىپ، ئەلنىڭ بېشى بولۇپ، پادىشاھ بىلەن ئۆزۈڭگە سوقۇشتۇرماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن خۇگېنو مەزھىپىدىكى ئاڭسۆڭەكلەر، پادىشاھ ۋە كاتولىك دىنىدىكى ئاڭسۆڭەكلەر ئارا ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى جەرياندا بىر-بىرىگە قارمۇ قارشى ئىككى لاگىر-شىمالدىكى ئېسىلزادىلەردىن جىس جەمەتى باشچىلىقىدىكى فرانسىيەنىڭ شەرقى شىمالىي قىسىمى ۋە ئوتتۇرا قىسىمىدىكى كاتولىك دىنىغا مەنسۈپ ئاقسۆڭەكلەر گورۇھى بىلەن جەنۇبتىكى ئېسىلزادىلەردىن بوربۇن جەمەتى باشچىلىقىدىكى خۇگېنو مەزھىپىگە مەنسۈپ ئاقسۆڭەكلەر گورۇھى پەيدىنپەي شەكىللەنگەن.

بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇش

(1562–1563) 

1562-يىلى 3-ئايدا كېنەز فرانسوۋا جىس مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنى باشلاپ ۋاسى بازىردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئاشلىق ئىسكىلاتىدا 

ئىبادەت قىلىۋاتقان خۇگېنو مۇرتلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. بۇ ۋەقە 30 يىل داۋاملاشقان خۇگېنو ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالغان.

ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكىرىي كۈچى كۆپ ئەمەس، ئۇرۇش جەريانىدا چەت ئەلدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە تايىنىپ، ئىسپانىيە بولسا كاتولىك مۇرتلىرىغا مەبلەغ ياردەم قىلغان. ئەنگىلىيە بىلەن گېرمانىيىدىكى يېڭى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەگلەر خۇگېنو مۇرتلىرىنى قوللىغان. 

1562-يىلى 12-ئايدا، ئۇرۇشتا كاتولىك دىنى مەزھىپىنىڭ سەركەردىسى مونتمورېنسى ئەسىرگە چۈشۈپ، مارشال جەڭدە كورسى قازا قىلغان. 

1563-يىلى 2-ئايدا، كىنەز گۇئىس ۋاسسى ئورلېئان قورشاپ ھۇجۇم قىلىشتا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. كوڭدەي يەنە ئەسىرگە چۈشۈپ، ناۋارا پادىشاھ ئانتونى ئۆلگەن، لۇئاڭ قورشاۋدىن قۇتۇلدۇرۇلغان. 

1563-يىلى 3-ئايدا، خان ئانا كەيسىلىن كەچۈرۈم بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، پروتېستانت دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېرىدۇ ۋە بەلگىلەنگەن رايۇنلاردىكى دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكىگە ئىگە قىلغان. 

ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش

(1567–1568) 

1567-يىلى 9-ئايدا، كوڭ ئەۋلاد ۋە كېلىنېنىڭ پروتېستانت ئارمىيىسىدىكى خان ئانا ۋە چارلېس Ⅸ نى تۇتقىن قىلىش ئەمەلگە ئاشمىغان، پارىژنى قورشىۋالغان. 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، پارىژ شەھىرىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپىدا، ساينت دېنىدا بىر قېتىملىق جەڭ بولغان، ئىككى تەرەپنىڭ يېڭىش-يېڭىلىش ئايرىلمىغان. گېرمانىيە پروتېستانت دىنى كېنەز خۇگېنوت مەزھىپىگە ياردەمگە ئەسكەر ئەۋەتكەن، كاتولىك ۋە ئوردا تىز پۈكمىگەن. 

1586-يىلى، ئىككى تەرەپ « لۇڭ جۇمو شەرتنامىسى » نى ئىمزالاپ، ئەن بۈۋاسىمە پەرمانى قايتا تەكىتلەنگەن. 

ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇرۇش 

 (1570-1569) 

1568-يىلى 9-ئايدا، چارلىز Ⅸ كاتولىك دىنى مەزھىپى بېسىمى ئاستىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىلگىرىكى دىنىي كەڭچىلىك  پەرمانى ئېلان قىلغان، خۇگېنوچىلار مەنئى قىلىنغان ھەر قانداق دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن، كاتولىك دىنى جەمئىيىتى بارلىق ئەمەلدار ۋە سودىيەلەرگە چوقۇم سادىق بولۇشقا قەسەم بەردى، پروتېستانت باستېر چوقۇم ئىككى ھەپتە ئىچىدە فرانسىيىدىن ئايرىلمىسا، ئىككى تەرەپ ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇرۇش پارتلىغان.

تۆتىنچى قېتىمىق ئۇرۇش 

(1573-1572)

1572-يىلى 8-ئايدا خوگېنۇ مەزھىپىدىكى ئاڭسۆڭەكلەر خۇگېنو مەزھىپىنىڭ داھىسى، ناۋاررانىڭ پادىشاھى ھېنرىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پارىژغا توپلانغانىدى. 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەر ۋاقتى سائەت ئىككىدە تولۇق قوراللانغان پارىژدىكى كاتولىك مۇرتلىرى ۋالىدىخان كادرىن بىلەن كېنەز جىنىسنىڭ قۇماندانلىقىدا، تاتلىق ئۇخلاۋاتقان خۇگېنو مۇرتلىرىنى پىلانلىق تۈردە قىرچاپ قىلىپ، 2000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خۇگېنو مەزھىپىنىڭ مۇھىم كاتتىۋېشى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سەركەردىسى كورنىمۇ بار ئىدى. بۇ قىرغىنچىلىق ئارقىدىنلا باشقا ئۆلكىلەرگە يامرىدى. 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ساينت پاتولومىئو بايرىمى بولغاچقا، تارىختا بۇ قېتىمقى قىرغىن «ساينت پاتولومىئو كېچىسى» دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش يەنە باشلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى قېتىملىق ئېلىشىشى نەتىجىسىدە جەنۇبتىكى خۇگېنو مەزھىپى باستۇرۇۋېتىلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە جەڭ قىلغانچە تېخىمۇ قەيسەرلەشكەن.

 1573-يىلى جەنۇبتىكى شەھەرلەر فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت بولۇپ تەشكىللىنىپ، شىمالدىن ۋە مەركەزدىن بۆلۈنۈپ چىققان.

بەشىنچى قېتىملىق ئۇرۇش 

(1576-1574)

1574-يىلى پروتېستانت دىنى داھىيسى كورنىن ئەۋلادى شاھزادە ھېنرى Ⅰ بوربون ۋە ناۋارا ھېنرى ئوردىدىن قېچىپ كەتكەن. 1574-يىلى 5-ئايدا، يېڭى دىنىي مەزھەپ يەنە بىر قېتىم ئىش باشلىغان. لانگېدوكلۇقلار سابىق باش ۋالىيسى گراف دانۋىل رەھبەرلىكىدە رەسمىي بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتكەن. 1575-يىلى، يېڭى دىنىي مەزھەپ ئومۇميۈزلۈك قوزغىلاڭ قوزغاپ، خۇگېنوچىلار سېينت بارتولومى كېچىسىدىكى قىرغىنچىلىقتىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن تولۇق سەپەرۋەر قىلغان.

1576-يىلى 5-ئايدا، ھېنرى Ⅲ نىڭ پەرمانى ئىمزالىدى، سېينت بارتولومى كېچىسى قىرغىنچىلىقى ئەيىبلەندى.

ئالتىنچى قېتىملىق ئۇرۇش 

(1577-1576)

1576-يىلى ھۆكۈمەت خوگېنۇ مەزھىپىدىكىلەر بىلەن خوگېنۇ مەزھىپىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان بولىئوۋ تىنچىلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. شىمالدىكى كاتولىك مۇرتلىرى بۇ شەرتنامىگە نارازى بولغاچقا جەنۇب بىلەن تىركىشىدىغان كاتولىك مۇرتلىرى بىرلەشمىسىنى رەسمىي قۇرۇپ چىقتى. ئىككى گۇرۇھنىڭ كۈرىشى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.

يەتتىنچى قېتىملىق ئۇرۇش 

(؟-1580)

1579-1580-يىللىرى : ھېنرى Ⅲ مۇقەددەس ئىتتىپاق تارقىتىشقا باشلىدى، ئەڭ ئاخىرقى ئىمزالىغان سۈلھى پۈتۈشكەن پروتېستانتلارغا قارىتا مۇداپىئە بىخەتەرلىك رايونىنى ئالتە يىل ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بارلىققا كەلگەن.    

سەككىزىنچى قېتىملىق ئۇرۇش

(1593-1584)

 1584-يىلى ئىككى مەزھەپتىكى فېئوداللار ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىدىغان، ھەر بىر گۇرۇھ ئۆز ئالدىغا پادىشاھقا قارشى كۈرەش قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. 1585-يىلى فرانسىيە پادىشاھى ھېنرى Ⅲ نىڭ ئېنىسى كېنەز ئانرۇ ئۆلگەندىن كېيىن ناۋاررادىكى ھېنرى تەخت ۋارىسى دەپ جاكارلاندى. پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىپ قالغانلىقىنى بىلگەن جىس جەمەتى رەھبەرلىكىدىكى كاتولىك مۇرتلىرى بىرلەشمىسى پادىشاھ ھاكىمىيىتى بىلەن ئادا-جۇدا بولۇپ، فرانسىيە پادىشاھى ھېنرى Ⅲ نى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى پائال تۈردە پىلانلىدى. 1588-يىلى 5-ئايدا ھېنرى 3-پارىفدىن قېچىپ چىقتى. 12-ئايدا ئادەم ئەۋەتىپ، كېنەز جېسنىڭ ئوغلى ھېنرى جېېنى ۋە ئىنىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈۋەتتى. ئىككىنچى يىلى ھېنرى Ⅲ ۋە خوگېنۇ مەزھىپىنىڭ داھىسى داۋاررادىكى ھېنرىلار ئۆز ئالدىغا لەشكەر تارتىپ، پارىژغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. 8-ئايدا ھېنرى Ⅲ كاتولىك مۇرتلىرى بىرلەشمىسى ئەۋەتكەن تېرورچى قاتىل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ناۋاررادىكى ھېنرى فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھېنرى Ⅳدەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن بوربون سۇلالىسى ۋالويە سۇلالىسىنىڭ فرانسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئورنىنى ئالدى. فرانسىيە كاتولىك مۇرتلىرى بىلەن پارىژ ئاڭسۆڭەكلىرى بىر خۇگېنو مۇرتلىرىنىڭ پادىشاھ بولۇشىنى ئېتراپ قىلىشنى خالىمايتتى. شۇڭا كاتولىك مەزھىپى بىلەن خۇگېنو مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋەردى. ھېنرى Ⅳ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش، شىمالدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋە بۇرژۇئازلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىش قاراىغا كەلدى ۋە 1593-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ساينت دېننى چېركاۋىدا رەسمىي كاتولىك دىنىغا كىرىپ، يېڭى دىن

 ئىتقادىدىن ۋاز كەچكەن. 1594-يىلى 3-ئايدا پايتەختكە كىرىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيۈزلۈك ئېتراپ قىلغان پادىشاھ بولۇپ قالغان، ئىچكى ئۇرۇشمۇ توختىغان.[3] 

ھېنرى Ⅳئۇرۇش داۋامىدا زەربىگە ئۇچرىغان كاتولىك مۇخلىسلىرىغا تەسەللىي بېرىش، خوگېنۇ مۇرتلىرىنىڭ غەزىپىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن

 1598-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى نانت پەرمانىنى ئېلان قىلىپ، كاتولىك دىنىنىڭ دۆلەت دىنى ئىكەنلىكىنى، بۇرۇن مۇسادىرە قىلىنغان يەر زىمىن، مال-مۈلۈكلەرنىڭ كاتولىك چېركاۋىغا قايتۇرۇپ بىرىلىدىغانلىقىنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خۇگېنو مۇرتلىرىنىڭمۇ دىنى ئېتىقاد ۋە چوقۇنۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ دىنى يىغىنلىرىنى ئېچىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى؛ دۆلەت خىزمىتىنى ئۆتەش جەھەتتە كاتولىك مۇرتلىرى بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى جاكارلاندى. شۇنداق قىلىپ، نانت پەرمانى كاتولىك مەزھىپى بىلەن خۇگېنو مەزھىپى سۈلھىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ قالغان. بۇ غەربىي ياۋرۇپادا يات دىندىكىلەرگە كەڭچىلىك قىلىشنىڭ تۇنجى نەمۇنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

  [1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

3.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#