دۇنيا راك كېسىلى كۈنى

راك كېسىلى كۈنى

دۇنيا راك كېسىلى كۈنى خەلقئارا راكقا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ 2000-يىلى تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، پائالىيەت ۋاقتىنى ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى قىلىپ بېكىتكەن، ھەر قايسى تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئۇسۇل ئارقىلىق راك كېسەللىكى تەتقىقاتىنى تېزلىتىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىلگىرىلەش زور بولغان، بۇ بىر كۈن ئارقىلىق ئىنسانلارغا بەخت ئېلىپ كېلىپ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راك كېسىلى بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلەرنى ھەل قىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى دۇنيا راك كېسىلى كۈنى
تارقالغان رايونلار پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تارقالغان.
ئېنگىلىزچە نامى World Cancer Day
بايرامنىڭ ئەھمىيىتى راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راك كېسىلى بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش
خەنزۇچە ئاتىلىشى 世界癌症日
ۋاقتى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى
بايرام تىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

راك كېسىلى كۈنىخەلقئارا راكقا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، يەر شارىدىكى راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەن، 2000-يىلى پارىژدا دۇنيا بويىچە ئۇچرىشىش يىغىنى ئېچىلغان، بۇ يىغىندا پۈتۈن دۇنيادىكى راك كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنغان، ئۆسمە تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىشنى مۇراجىئەت قىلىشنى قارار قىلغان، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەھەتتە، پۈتۈن دۇنيادىكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى تېخىمۇ ياخشى بولغان داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، تېخىمۇ كۆپىگەن كىشلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ھەمدە بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا «پارىژ راكقا قارشى تۇرۇش نىزامنامىسى» ئىمزالىغان، بۇ نىزامنامىدە ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى دۇنيا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىش قارار قىلىنغان. پۈتۈن دۇنيا دائىرسى ئىچىدە ماس قەدەمدە ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتلەردە تېخىمۇ يېڭى بايقاشلارنى ھاسىل قىلىشقا تىرشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.

راك كېسىلى كۈنىراك كېسىلى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئۆلۈش سەۋەبىنىڭ بىرى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2005-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان مەزگىلىدە، راك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانى 84 مىليوندىن ئاشقان. راك ھۈجەيرىسىنى كونترول قىلالمىغاندا، راك ھۈجەيرىسى ئېشىپ ۋە كېڭيىپ كەتكەندە، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقانداق قىسملىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا راك ئۆسمىسى تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بەدەن ئەتراپىدىكى باشقا قىسمغا يۆتكىلىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان خەتەرلىك ئامىللار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاماكا ئىسىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا كۆپ خىل راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئوپېراتسىيە قىلىش، رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن داۋالاش ياكى خىمىيىلىك داۋالاش ئارقىلىق، زور بىر قىسىم راك كېسەلىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ قانچە بالدۇر بايقالسا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا شۇنچە پايدىسى بار. راك كېسىلى بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسملىرىدىكى كۆپ خىل كېسەللىكنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. بۇنى يەنە  يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ۋە سۆگەلسىمان ئۆسمە دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەنمۇ ئاتاشقا بۇلىدۇ. راك كېسىلىنىڭ بىر ئېنىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، غەيرىي ھۈجەيرىلەر تېز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ، ئاندىن بۇ ھۈجەيرىلەر چېگرادىن ھالقىپ ئۆتۈپ بەدەنىڭ باشقا قىسىملىرىغا كۆچىدۇ، قوشنا بولغان جايلارغا تارقىلىپ، باشقا ئەزا، ئورگان قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۆتكىلىش، راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى.

2007-يىلى دۇنيا راك كېسىلى كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى : بۈگۈنكى بالىلار، ئەتىدىكى دۇنيا؛
2008-يىلى دۇنيا راك كېسىلى كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى : مەن ساغلام ھەم شوخ بالىلىق چاغلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن؛

2009-يىلى دۇنيا راك كېسىلى كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى : مەن ئىس-تۈتەكسىز ئۆتكەن بالىلىق چاغلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن؛

2010-يىلى دۇنيا راك كېسىلى كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى : راك كېسىلىنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ؛

2011-يىلى دۇنيا راك كېسىلى كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى : ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئارقىلىق راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ؛

2012-يىلى دۇنيا راك كېسىلى كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى : ئورتاقلاشقاندا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ؛

2013-يىلى دۇنيا راك كېسىلى كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى : سىز راك كېسىلىنى چۈشنەمسىز؛

2014-يىلى دۇنيا راك كېسىلى كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى : راك كېسىلىنى تۈگىتىش خاتا چۈشەنچە؛

2015-يىلى دۇنيا راك كېسىلى كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى : راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەرگىزمۇ يىراق ئەمەس؛ 

2016-يىلى دۇنيا راك كېسىلى كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى : بىز قىلالايمىز، مەن راك ئۈستىدىن غالىپ كېلىمەن؛

1. تاماكا چېكىش؛ 

2. بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى زىيادە سېمىزلىك؛

3. مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتنى ئىستېمال قىلىش مىقدارى تۆۋەن؛ 

4. يېتەرلىك چېنىقماسلىق؛

5. ئىسپىرت ئىشلىتىش؛ 

6. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش؛

7. شەھەر ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشى؛ 

7. ئۆيدە كۆيدۈرگۈچى بۇيۇملار ئىشلەتكەندە ئۆي ئىچىنىڭ ئىسىپ كېتىشى؛

راك كېسىلى كۈنى2008-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سوزۇلما ھەرىكەت پىلانى يولغا قويۇلغان. 2013-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان. 2013-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتقىچە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە غەيرىي يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ يەر شارى ھەرىكىتى پىلانىنى ئوتۇرغا قۇيۇشنى مەقسەت قىلغان. راك كېسىلى، يۈرەك-قان تومۇر كېسىلى، دىئابېت كېسىلى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسىلى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ نىسبىتى 25% ئازايغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سېستىمىسىنىڭ باشقا تەشكىلات ۋە ھەمراھلىرى خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغان. راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش سىياسىتنى كۈچەيتىشتە، يېڭى بىلىم تارقىتىش كېرەك. ھازىرقى يېڭى بىلىملەرنى تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسا راك كېسىلىنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنىڭ تاكتىكىسى. راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پىلان يولغا قويۇش، بالدۇر بايقاش، داۋالاش ۋە غەمخورلۇق قىلىش، پۈتۈن يەرشارىدا ۋە دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك رايونلىرىدا كۆپ تارماقلارنىڭ راك كېسىلىنى كونترول قىلىش ھەمكارلىق تورى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ ھەر دەرىجىلىك سەھىيە سىستېمىسىنى تېز ۋە ئۈنۈملۈك بولغان تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#