فىزىكا

فىزىكا  ئەسىلىدە گرېكچە physis دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «تەبىئەت»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى دەۋردە ياۋروپادا فىزىكا دېگەن سۆز تەبىئىي پەنلەرنىڭ ئومۇمىي نامى ئىدى. تەبىئىي پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ مۈستەقىل پەنلەرگە ئايلاندى. مەسىلەن، ئاسترونومىيە، خىمىيە، گېئولوگىيە، بىئولۇگىيە قاتارلىقلار. ھازىر فىزىكا تەبىئىي پەندىكى مۇھىم، دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولغان ئاساسىي پەن بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇرچە فىزىكا
ئىنگىلىسچە physis
خەنزۇچە 物理学
تۈرى تەبىئى پەنلەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فىزىكا (物理学) ئەسىلىدە گرېكچە physis دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «تەبىئەت»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى دەۋردە ياۋروپادا فىزىكا دېگەن سۆز تەبىئىي پەنلەرنىڭ ئومۇمىي نامى ئىدى. تەبىئىي پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ مۈستەقىل پەنلەرگە ئايلاندى. مەسىلەن، ئاسترونومىيە، خىمىيە، گېئولوگىيە، بىئولۇگىيە قاتارلىقلار. ھازىر فىزىكا تەبىئىي پەندىكى مۇھىم، دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولغان ئاساسىي پەن بولۇپ قالدى. ئۇ ئاساسەن ماددا ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى قانۇنيەتلىرىنى ۋە ماددىلارنىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىدۇ. فىزىكا بىلىملىرى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى باشقا تەبىئىي پەن ۋە تېخنىكا پەنلىرىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالدى.

 ئادەتتە تەتقىقات ئوبېكتىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ھەرىكەت شەكلىگە قاراپ مېخانىكا، ئاكۇستىكا، تېرمىكا (ئىسسىقلىق ئىلمىي) ۋە مولېكۇلا فىزىكىسى، ئېلېكترو ماگنېتىزم، ئوپتىكا، ئاتوم فىزىكىسى، يادرو فىزىكىسى، زەررىچىلەر فىزىكىسى («يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، قاتتىق جىسىملار فىزىكىسى، يىرىم ئۆتكۈزگۈچلەر فىزىكىسى قاتارلىق تارماق پەنلەرگە بۆلۈنىدۇ.

 مېخانىكا ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا مۇستەقىل پەنگە ئايلاندى. شۇنداقلا، گىدرومېخانىكا، ئېلاستىك مېخانىكا قاتارلىق تارماقلارغا ئايلاندى. رادىئو ئېلېكترونىكىسى تەرەققىي قىلىپ مۇستەقىل پەنگە ئايلاندى؛ ئېلېكتر تېخنىكىسى، ئىسسىقلىق تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكا پەنلىرى فىزىكىنىڭ مەلۇم قانۇنيەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئەمەلىي قوللىنىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، فىزىكا ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپلىگەن چەت پەنلەر مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن، خىمىيە فىزىكىسى، ئاسترو فىزىكا، يەر شارى فىزىكىسى (گېئوفىزىكا)، دېڭىز-ئوكيان فىزىكىسى، بىئوفىزىكا قاتارلىقلار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆپلىگەن مۇھىم ئۆتكۈر پەن -تېخنىكىلارمۇ تەرەققىي قىلدى. مەسىلەن، ئاتوم قۇۋۋىتىنىڭ پايدىلىنىلىشى، بوشلۇق ئىلمى، لازېر قاتارلىقلار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#