جوۋشىمىڭ

جوۋشىمىڭ

جوۋشىمىڭ، 1981- يىلى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى  گۇيجۇ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى سۈيياڭ ناھىيەسدە تۇغۇلغان، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى، جۇڭگو بوكس تۈرىنىڭ ئەرلەر 48 كىلوگراملىقلار گۇرۇپپىسىدىكى بوكس تەنھەرىكەتچىسى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى جوۋشىمىڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى گۇيجۇ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى سۈيياڭ ناھىيەسى
بوي ئېگىزلىكى 162سانتىمېتىر
كەسپى بوكسچى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 邹市明
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1981- يىلى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 48 كىلوگىرام
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شاڭخەي تەنتەربىيە ئىنستىتۇتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جوۋشىمىڭدۆلەت مۇشلاشچىسى جوۋشىمىڭ، 1999- يىلى 11- ئايدا دۆلەتلىك كوللېكتىپ مەشىق كوماندىسىغا تاللانغان، ترېنېر جاڭچۈۋەنلىياڭ، 2003 - يىلى، دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، كۇبالىق باتىلەينىنى مەغلۇپ قىلىپئەرلەرنىڭ 48 كىلوگراملىقلار بويىچە 2-بولغان، دۇنيا لەۋھە تالىشىش بوكس مۇسابىقىسىنىڭ تارىخىدىكى جۇڭگونىڭ مېدال ئالالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن. 

2004- يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى، فىلىپپىن ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاسىيا ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدا جوۋ شىمىن  پاكىستان ماھىرى كەرىم بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن، جۇڭگو ئۈچۈن بىر پارچە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كىرىش بېلىتى ئالغان. 2004- يىلغىچە ئافېنا  شەھەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن.

2007- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچتە، تايلاند پايتەختى باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلگەن تايلاند پادىشاھى لوڭقىسى بوكس مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ماھىرى جوۋشىمىڭ، قازاقىستان ماھىرىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن يەڭگەن ھەمدە سەككىز چوڭ  كۈچلۈك كوماندىغا كىرگەن.

2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بوكس تۈرىنىڭ ئەرلەر يېنىك دەرىجىلىكلەر ( 48 كىلوگراملىقلار بويىچە ) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە جوۋ شىمىن، ئاخىرىدا0 -1 بولغان پەرق بىلەن موڭغۇل ماھىرى پۇلىيە بۇداۋئىرجى سەرداننى مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 50 -ئالتۇن مىدالنى ئالغان.

2009- يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بوكس تۈرىنىڭ ئەرلەر 48 كىلوگراملىقلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جوۋشىمىڭ، 24:3 بولغان پەرق بىلەن گۇاڭدۇڭ ماھىرى لىجيا جاۋ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ئۇدا بۇ تۈر مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان.

جوۋشىمىڭنىڭ مۇسابىقە كۆرۈنىشلىرى2012- يىلى لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بوكس تۈرىنىڭ ئەرلەر يېنىك دەرىجىلىكلەر ( 49 كىلوگراملىقلار ) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە جوۋ شىمىن، ئاخىرى 13 : 10 بولغان پەرق بىلەن تايلاند ماھىرى پېڭ برايىننى يېڭگەن، چېمپىيونلۇقنى قولدىن بەرمىگەن، جۇڭگو ئولىمپىك كوماندىسى ئۈچۈن 38 -ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن، بۇ يەنە جۇڭگونىڭ 2012- يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئالتۇن مىدالى بولغان.

2013- يىلى 1- ئاينىڭ 23-كۈنى جوۋشىمىڭ دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق تەنتەربىيە مەدەنىيەت تارقىتىش ئاپپاراتى شېڭ كۈچ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ( SECA) ۋە خەلقئارالىق داڭلىق كەسپىي بوكس ئومۇملاشتۇرۇش شىركىتى ( Top Rank) توختام ئىمزالىغان، جوۋشىمىڭ كۆرگەزمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان، كەسپىي مۇشلاشچى بولغاندىن كېيىن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئوڭۇشلۇق غەلبە قىلغان.

2013- يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى جوۋشىمىڭ ئايالى بىلەن بېيجىڭدىن ئامېرىكىغا يول ئالغان، ئۆزىنىڭ ئالتۇن بەلباغ ئارزۇ ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغان. ئامېرىكىنىڭ لوس- ئانژېلېس شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن لاس ۋېگاسقا بارغان، بىر يېپىق مەشىقنى باشلىغان، 4 -ئاي ئاۋمىندا ئۆتكۈزۈلگەن كەسپىي مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالغان.

2013- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنى جوۋشىمىڭ مېكسىكا ماھىرى ۋاللى زۇلاھىيەتنى مەغلۇپ قىلغان، كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى ئازادە غەلبە قىلدى، جوۋشىمىڭ ئايالى رەن يىڭنى نەق مەيداندا تەرجىمان قىلدى، نەق مەيداندىكى ۋە تېلېۋىزور ئالدىدا ئۆزىنى قوللايدىغان مۇشت مەستانىلىرىغا رەھمەت ئېيتقان.

2013- يىلى 11- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 10دىن 40مىنۇت ئۆتكەندە مۇسابىقە رەسمىي باشلانغان، ئاۋمېن ۋېنېتسىيە شەھىرىدە ئالتۇن ئۇنىۋېرسال سەنئەت سارىيىدىكى 2013- يىللىق « ئالتۇن ھەل قىلغۇچ جەڭ » كەسپىي بوكس چېمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئالتە مەيدان ئېلىشىش ئارقىلىق جۇڭگو ماھىرى جوۋشىمىڭ رىقابەتچىسى بولغان مېكسىكا ماھىرى توسىكانۇنى يەڭگەن، ئۈچ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا چېمپىيون بولغان، ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.

2014- يىلى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچتە، بوكس « ئالتۇن چىمپيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى » ئاۋمېندا ئالتۇن ئۇنىۋېرسال سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ جوۋشىمىڭ بوكس ھاياتىدا تۇنجى قېتىم يىقىتش ئۇسۇلى ئارقىلىق رەقىبىنى يېڭىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.

2014- يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاۋمېن ۋېنېتسىيە شەھىرىدە ئالتۇن ئۇنىۋېرسال سەنئەت سارىيىغا « خان قىلغۇچى جېڭى » ئۆتكۈزۈلگەن، 10 قېتىم ساناشتا  كولۇمبىيە مۇشلاشچى دېلا روسانى مەغلۇپ قىلغان، WBOئۇششاق دەرىجىلىكلەر  ( 112 قاداق ) ، خەلقئارا ئالاھىدە ئالتۇن بەلباغقا  ئېرىشكەن.

2014- يىلى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى  جوۋشىمىڭ تۆت بوكس تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇسابىقىسى بىلەن ئالدىنقى 15-ئورۇندا تۇرغان  ئاساسلىق  بۇ تەشكىلات خەلقئارالىق مۇسابىقىسى ، ئۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ چىۋىن مىقدار دەرىجىسى 7 - ئورۇندا تۇرىدۇ .ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا جوۋ شىمىن تىزىلىپ 4-بولغان. 

2014- يىلى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى، كەسپىي بوكس «ئالتۇن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 2» ئاۋمېن ۋېنېتسىيە كىشىلەر ئالتۇن ئۇنىۋېرسال سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى جوۋشىمىڭ تايلاند بوكس شاھى كۈنبى WBO ئۇششاق دەرىجىلىك دۇنيا بوكس شاھى ئالتۇن بەلباغ مەجبۇرىي تالىشىش جەڭ ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى تالاشتى، جوۋشىمىڭ گەرچە قاش سۆڭىكى سوقۇلۇپ بۇزۇلغانلىقىنى قان ئېتىلىپ چىقىپ، بىر مەھەل قان بىلەن مۇسابىقە مەيدانىنى بويىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا 12 لىق ئۇچرىشىشتا ساناش ئارقىلىق غەلبە قىلدى، كەسپىي مۇسابىقىدە ئۇدا 6 مەيدان غەلبە قىلدى، دۇنيا بوكس شاھى ئالتۇن بەلباغ خىرىس ھوقۇقى قولىغا ئالغان.

2015- يىل 3- ئاينىڭ 7- كۈنى، جوۋشىمىڭ كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى كەسىپ دۇنيا ئۇرۇشى، كەسپىي مۇشتلىشىش مۇسابىقىسى « قۇملۇق شىددەتلىك جەڭ » دە  تايلاند ماھىرى ئاتەيلۈن بىلەن ئاۋمېندا  IBF( خەلقئارا بوكس بىرلەشمىسى ) ئۇششاق دەرىجىلىك بوكس شاھى ئالتۇن بەلبىغىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى 12 مەيدان جاپالىق جەڭ قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ جوۋشىمىڭ، ساناش بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان.

2016- يىلى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى، شاڭخەي شەرق تەنتەربىيە مەركىزىدە، جوۋشىمىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى چېمپىيونى نادەن سانتانا بىلەن 10 مەيدان كەسكىن جەڭ ئېلىپ بارغان، WBOخەلقئارالىق ئۇششاق دەرىجىلىك ئالاھىدە بەلباغنى تالاشقان. ئەڭ ئاخىرىدا جوۋشىمىڭ، سەككىز مەيدان ئىچىدە رەقىبى مەغلۇب قىلىپ، قايتا ئالاھىدە ئالتۇن بەلباغقا  قايتا ئېرىشكەن.

2016- يىلى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى جوۋشىمىن، نيۇ مادىسون گۈللۈك باغچىسىدا 19 ياشلىق ۋېنگرىيە مۇشلاشچىسى ئىتائى بىلەن بىر مەيدان ئون قېتىملىق مۇسابىقە ئېلىپ باردى. ساناشقا تايىنىپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن رەقىبىنى مەغلۇب قىلدى، WBOخەلقئارا ئۇششاق دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى ئالتۇن بەلباغىنى قولغا كەلتۈردى.

جوۋشىمىڭ بوكس مەشىق قىلغاندىن باشلاپ مۇداپىئە ئارقىلىق قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئويناش ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەن، مۇنداق ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى جوۋشىمىڭنىڭ ئۇسلۇبىغا ماس كىلىپلا قالماي يەنە جوۋشىمىڭنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا چامباشچىلىق مەشىق قىلغانلىقى بىلەن ناھايىتى زور مۇناسىۋىتى بار.

ئۇنىڭدىن باشقا جوۋشىمىڭ يېڭىدىن « دېڭىز قاراقچىسى» بوكسىنى ئىجاد قىلغان، ئاتالمىش « دېڭىز قاراقچىسى» بوكسى خۇددى دېڭىز قاراقچىلىرىغا ئوخشاش چەبدەس، باتۇر، ئۇنىڭ ئىپادىسى « بىر مۇشت بىلەن تەككۈزۈش، دەرھال قېچىش» ۋە « مۇداپىئىيەنى چېكىندۈرگەن ۋاقتىتا، تۇيۇقسىز مۇشت چىقىرىپ قايتۇرما زەربە بېرىش، ھەم نۇمۇر ئېلىش».

2001- يىلى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى 48 كىلوگراملىقلار بويىچە 3-بولغان.

2003- يىلى 12- نۆۋەتلىك دۇنيا ئىشتىن سىرتقى بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، 48 كىلوگراملىقلار بويىچە 2- لىككە ئېرىشكەن.

2003- يىلى مەملىكەتلىك بوكس چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى 48 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە چېمپىيون بولغان.

2004- يىلى 22- نۆۋەتلىك ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە ئافىنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسى 48 كىلوگراملىقلار تۈرى بويىچە 2-لىككە ئېرىشكەن.

2004- يىلى ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، 48 كىلوگراملىقلار بويىچە مىس مېدال ئالغان.

2005- يىلى 13- نۆۋەتلىك دۇنيا ئىشتىن سىرتقى بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، 48 كىلوگراملىقلار بويىچە چېمپىيون بولغان.

2006- يىلى دوھا ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونى بولغان.

2007- يىلى 14- نۆۋەتلىك دۇنيا ئىشتىن سىرتقى بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، 48كىلوگراملىقلار بويىچە چېمپىيون بولغان.

2007- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان.

2007- يىلى گۇيجۇ ئۆلكىسى « 1 - ماي » ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكەن، كۆزگە كۆرۈنگەن ئون مۇنەۋۋەر ياش، مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى قاتارلىق دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن، گۇيجۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن « بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى» دېگەن نام بىرىلگەن.

2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بوكس تۈرىنىڭ ئەرلەر 48 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە چېمپىيون بولغان.

2009-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەنتا 2008CCTV تەنتەربىيە ساھەسىدىكى شەخسلەرنى يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر تەنھەرىكەتچى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2010- يىللىق گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان.

جوۋشىمىڭ

2011- يىللىق ئەرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 49 كىلوگراملىقلار مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قورۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان.

2012- يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەر بوكىس 49 كىلوگىراملىقلار  مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەنتا 2012CCTV تەنتەربىيە ساھەسىدىكى شەخسلەرنىڭ يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر تەنھەرىكەتچى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى « ئالتۇن نۇر ھەل قىلغۇچ جەڭ » كەسپىي بوكس چىمپيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلگەن « خان ئالتۇن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسى» تۈرىدە چېمپىيون بولغان.

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى دۇنيا بوكس شاھى ئالتۇن بەلباغ جەڭ ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى WBOئۇششاق دەرىجىلىك ( 112 قاداق ) خەلقئارا ئالاھىدە ئالتۇن بەلباغقا ئېرىشكەن.

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى بوكس « ئالتۇن چىمپيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى"دا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

2014-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى "خەلقئارا مەشھۇر مۇشلاشچى"مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

جوۋشىمىڭنىڭ باللىرىبېيجىڭ ۋاقتى 2011- يىلى 2- ئاينىڭ 5- كۈنى ئولىمپىك بوكس چىمپيۇنى جوۋشىمىڭ يۇرتى گۇيجۇ زۇنيىدا كۆپ يىل مۇھەببەتلەشكەن قىز دوستى رەن باۋ يىڭ بىلەن رەسمىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

چوڭ ئوغلى: جوۋمىڭشۈۋەن، 2011- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان.

2- ئوغلى : جوۋمىڭخاۋ، 2013- يىلى تۇغۇلغان. 

جۇڭگو بوكسى  ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى ئالتۇن مىدال مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن، جوۋشىمىڭ مەڭگۈ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلىدۇ، ئۇ جۇڭگو بوكس ساھەسىدىكى باشلامچىسى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#