يۈرەك قوزغىلىش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1-رېتسېپ
تەركىبى: ئاق سەندەل، گۈلى گاۋزىبان، قىرقىلغان پىلە 10 گىرامدىن، ئەرىقى گۇلاب، ئەرىقى بىدمىشكى 10 مىللىلىتىردىن، زەپەر 5. 1 گىرام، قەنت 170 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئەرەقلەر بىلەن قەنتنى قىيام قىلىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، قىيامغا سېلىپ خېمىر تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: قۇرۇق بادرەنجى بۇ 50 گىرام، ئاق شېكەر 500 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: بارەنجىبۇيىنى چۆكۈشكۈدەك سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ، ئاندىن سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەر سېلىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: پىلە غوزىسى 500 گىرام، خولىنجان، مەستىكى، ئېگىر 30 گىرامدىن، زەپەر 10 گىرام، شېكەر ئۈچ كىلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى تازىلاپ، ئۈچ كۈن سۇغا چىلاپ قويۇپ ئاندىن قاينىتىپ، دورىلارنىڭ تەمى چىقىپ بولغاندىن كېيىن پىلە غوزىسىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، شېكەر سېلىپ سۇس ئوتتا قىيام قىلىپ، دورا سەل سوۋۇغاندىن كېيىن زەپەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.