بالەنگۇ ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆسۈملۈك پۈرۈلمە ۋە ئۇچلۇق پۈرۈلمە يوپۇرماقلىق بالەنگو (بىر خىل رەيھان) نىڭ ئۇرۇقى
ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە مايلىق ياغ (%45.30) ۋە ۋىتامىن B1 قاتارلىقلار بار. غول يوپۇرماقنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي بولىدۇ. ماينىڭ ئاساسى تەركىبى پېرىل ئالدىھىدى (Perilh aldehyde) ھەم %40-55 ئالاھىدە پۇراقلىق ئۇچۇچان ماي لىمونىن (Limonene) قاتـارلىقلار بـار. يـەن پـېرىـلـلاـنېـن (Perillanin)، ئورگىنىـن (Orginin)، ئادېنىن (Adenine) قاتارلىقلار بار.
شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك ئاجىزلىقى، ئۆتكۈر ئۇسسۇزلۇق، يۆتەل، ھەر خىل تەپ، بەزگەك، ئىچى سۈرۈش، تولغاق، ئۈچەي جاراھىتى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بالەنگۇدىن تەييارلانغان سۇيۇقلۇق ئاشقازاننى قىزىتىش ئارقىلىق ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاشقازان - ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى تېزلىتىدۇ. كاناي شاخچىلىرىنىڭ شىللىق پەردىسىدىكى ئاجرالما ماددىلارنى ئازايتىدۇ. تارتىشىشنى بوشاشتۇرىدۇ. راكقا قارشى تەسىرىمۇ بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.