قۇلاق غوڭۇلداش كېسىلى

قۇلاق غوڭۇلداش كېسىلى

قۇلاق غوڭۇلداش كېسىلىنى ۋاقتىدا داۋالاتمىسا ھەر خىل قۇلاق كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى قۇلاق غوڭۇلداش كېسىلى
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ياشانغانلار
كېسەللىك ئورنى قۇلاق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇلاق غوڭۇلداش كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە تەسىر قىلىپ كېلۋاتىدۇ. قۇلاق غوڭۇلداش كېسىلىنى ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتمىسا ھەر خىل قۇلاق كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

شاۋقۇن سۈرەن سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قۇلاق غوڭۇلداش كېسىلى بارلار شاۋقۇن سۈرەندىن ساقلىنىشى كېرەك، بۇمۇ بىر خىل قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يۇقىرى ئاۋاز ۋە ئۇزۇن مەزگىل شاۋقۇن سۈرەن بىلەن ئۇچرىشىش ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە قۇلاق غوڭۇلداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا يۇقىرى خەتەر ئىچىدىكىلەر(ئۇزۇن مەزگىل كۈچلۈك شاۋقۇن مۇھىتىدا خىزمەت قىلىدىغانلار) شاۋقۇندىن مۇداپىئە كۆرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن، قۇلاق قوغدىغۇچ تاقاش، قۇلاقنى توسۇۋېلىش قاتارلىقلار. يەنە ئۇزۇن مەزگىل يۇقىرى ئاۋازدا تىڭشىغۇچ ئاڭلىماسلىق كېرەك.

قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە ياخشى بولمىغان تاماق ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. قەھۋە ۋە ھاراق قۇلاق غوڭۇلداشنى ئىغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ. تاماكا قاندىكى ئوكسىگېننى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئىچكى قۇلاقتىكى تۈكسىمان ھۈجەيرىمۇ بىر خىل ئوكسىگېنغا سېزىمچان ھۈجەيرە، شۇڭا ئوكسىگېن يېتىشمىسە تۈكسىمان ھۈجەيرە زەخمىگە ئۇچرايدۇ. ئادەتتە، ئازوتنىڭ يېغىلىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مايلىق، تاتلىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

قاننى جانلاندۇرۇش رولىغا ئېگە يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئۈنۈملۈك ھالدا قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قاننى جانلاندۇرىدىغان يېمەكلىكلەر قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى ياخشىلاپ قۇلاقنىڭ ئىچكى قان تومۇرلارنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئادەتتە قىزىل ھاراق، كۈدە، قارا لامىنارىيە، قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

قۇلاق غوڭۇلداش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەركىبىدە سىنىك مول بولغان يېمەكلىكىنى كۆپ يېيىش كېرەك. قۇلاق غوڭۇلداش، گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ سىنىك كەملىك بولسا مۇھىم سەۋەبنىڭ بىرسى. قۇلاق قۇلۇلىسى ئىچىدىكى سىنىكنىڭ مىقدارى باشقا ئەزالاردىن يۇقىرى. سىنىك مول بولغان يېمەكلىكلەردىن قوي گۆشى، بېلىق گۆشى، توخو گۆشى، ھەر خىل دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ، ئاپېلىسىن، ئالما، ياڭاق، بانان، تەرخەمەك، يېسىۋىلەك، تۇرۇپ قاتارلىقلار بار.

بىر قىسىم دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىشى مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن قۇلاق غوڭۇلداش كېلىپ چىقىدۇ. بىر قىسىم دورىلار قۇلاق غوڭۇلداشنى ئېغىرلىتىۋىتىدىغان بولغاچقا، قۇلاق غوڭۇلداش كېسىلى بارلار باشقا كېسەللەرنى تەكشۈرتكەندە دوختۇرغا ئۆزىنىڭ قۇلاق غوڭۇلداش كېسىلى بارلىقىنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.[1]

سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش كېرەك: قۇلاقنىڭ ساغلاملىقى بىلەن يېمەكلىكنىڭ مۇناسىۋىتى بەكمۇ مۇھىم. مايسىز يېمەكلىك، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش سېمىزلىكىنى ۋە قاندىكى ماينى، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى ئازايتىپ، مېڭە ۋە قۇلاقتىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ تەمىنلىنىشىنى ساقلاپ، نورمال شارائىتتا ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى ئارقىغا سوزىدۇ. بىز ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بەزى ياشانغانلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز، ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى يېمەكلىكى ئاددىي، مايسىز يېمەكلىكىنى ئاساس قىلىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا قۇلاق غوڭۇلداش كېسىلى بار بىمارلارغا پەرۋىش قىلىشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.

1. قۇلاققا تەسىرى بار دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قۇلاق غوڭۇلداش ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان مەسىلە. ھازىرقى ئادەملەرنىڭ تېببىي بىلىمى چەكلىك، خالىغانچە دورا ئىشلىتىدىغان ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. قۇلاق غوڭۇلداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورىلار كۆپ بولۇپ، قىزىتما پەسەيتىپ، ئاغرىق توختىتىدىغان دورىلار كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن،阿斯匹林类, 庆大霉素, 链霉素 ،،،،قاتارلىقلارنىڭ خەتىرى كۆپ.

2. تىڭشىغۇچ ئىشلەتكەندە يىرىم سائەتتە بىر قېتىمدىن ئارام ئىلىش كېرەك. ئۇزاق مەزگىل تىڭشىغۇچ ئىشلەتكەندە قۇلاق غوڭۇلداشنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، لېكىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر داۋاملىق تىڭشىغۇچ ئىشلەتكەندە، ھەر يىرىم سائەتتە بىر قېتىمدىن تىڭشىغۇچنى ئېلىۋېتىپ قۇلاقنى مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرۇش كېرەك. ئۇدا ئەمگەك قىلغاندىن كېيىن قۇلاقنى قوغداش، قاۋاقخانا دېگەندەك يەرلەردىكى شاۋقۇن سۈرەننىڭ غىدىقلىشىغا ئامال بار ئۇچراتماسلىق لازىم.

3. ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى بولسا نېرۋا خاراكتېرلىك قۇلاق گاسلىقتىن ھوشيار بولۇش، ئۇدا تۈنىگەندە ياكى روھى ۋە بەدەن جەھەتتە چارچاش مۇھىتىدا تۇرغاندا، جىددىيلەشكەن ۋاقىتتا، مەسىلەن، قۇلاق غوڭۇلداش، بېشى قىيىش، كۆڭلى ئىلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. شۇڭا 20-40 ياش بولسا تۇيۇقسىز گاسلىق كۆرۈلىدىغان ياش، شۇڭا ئاق سۆڭەكلەر ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.
0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#