يىلان

يىلان پۇت-قولى يوق يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، يەر بېغىرلىغۇچىلار سىنىپىغا تەۋە.

ئۇيغۇرچە نامى يىلان
ئىنگلىزچە نامى Snake;Serpent;Python
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
پىنيىنچە يېزىلىشى shé
كەنجى سىنىپى قوش تۆشۈكلۈكلەر كەنجى سىنىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئۆمىلىگۈچىلەر سىنىپى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
ئەترىتى يىلانلار ئەترىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يىلانيىلان پۇت-قولى يوق يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، يەر بېغىرلىغۇچىلار سىنىپىغا تەۋە، خۇددى ھەممە يەر بېغىرلىغۇچىلارغا ئوخشاش، پۈتۈن بەدىنى تەڭگىسىمان قاسراقلار بىلەن قاپلانغان.

بارلىق يىلانلارنىڭ ھەممىسى گۆشخور ھايۋان. ھازىر پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 3000 كۆپ خىلى بار. تېنى ئىنچىكە ئۇزۇن، پۇت-قولى تەدرىجى يوقالغان، ھەرىكەتچان قاپىقى يوق، قۇلاق تۆشۈكى يوق، پۇت-قولى يوق، ئالدى پۇتى پەردىسى يوق، بەدەن سىرتىدا تەڭگىچە قاسىرىقى بار. 

يىلان ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋان، ئىنسانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىن تۆۋەن، يەنە سوغۇق قانلىق ھايۋانلار دەپ ئاتىلىدۇ، مۇھىت تېمپېراتۇرىسىدىن ℃15 تۆۋەن بولغاندا، يىلان قىشلىق ئۈچەككە كىرىدۇ. 

بىر قىسىم زەھەرلىك، لېكىن كۆپىنچىسى زەھەرسىز. ئۇنىڭدىن باشقا «ئون ئىككى مۈچەل»دىمۇ «يىلان» دېگەن يىل مۆچىلى بار.

يىلانيىلان بەدىنى باش، گەۋدە ۋە قۇيرۇق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بېشى بىلەن گەۋدىسى ئوتتۇرىسىدىكى بويۇننىڭ چەك-چېگراسى ئانچە روشەن ئەمەس، گەۋدە ۋە قۇيرۇق قىسمى مەقئىتى ئارقىلىق چېگرىلىنىدۇ. يىلاننىڭ پۇت-قولى يوق، تېنى تەڭگىچە قاسراقلار بىلەن قاپلانغان، ئاپئاق بەدىنىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. يىلان زەھەرلىك يىلان ۋە زەھەرسىز دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، زەھەرسىز يىلاننىڭ باش قىسمى ئادەتتە يۇمىلاق كونۇس شەكلىدە بولۇپ، قۇيرىقىنىڭ ئۇچى ئىنچىكە، كېيىنكى ئۇچى توم؛ زەھەرلىك يىلاننىڭ باش قىسىمى يۇملاق ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە، يىلاننىڭ گەۋدە قىسمىدا ئۇزۇن كانايسىمان، قۇيرۇقى مەقئەتنىڭ كېيىن قىسمى.

يىلاننىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى: تېرە سىستېمىسى، ئسكىلىت سستېمىسى، مىئولوگىيە سىستېمىسى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى، ھەزىم سىستېمىسى، پۈرۈك سىستېمىسى، نېرۋا سىستېمىسى، سەزگۈ ئەزالىرى ۋە بويالغۇچى تەنچە قاتارلىق 10 قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. يىلاننىڭ نەپەسلىنىش ئەزاسى ئۆپكە.

يىلاننىڭ قاپىقى، ياش بېزى ۋە ھەرىكەتچان قاپىقى، ناغرا پەردىسى يوق، ناغرىخانىسى يىگىلەپ قۇلاق يۇتقۇنچاق نەيچىسى يوقالغان، ئىچكى قۇلىقىدا قېپقالغان قۇلاق تۈۋرۈكسىمان سۆڭىكى بىلەن چاسا سۆڭىكى تۇتىشىدۇ، چېكە ئويمىنى يوق، ئۇستىخان ۋە كۆكرەك سۆڭىكى چېكىنگەن، ئومۇرتقا تىپلىق، بىرىنچى بويۇن ئومۇرتقىسى ۋە قۇيرۇق ئومۇرتقىسىدىن باشقا، قالغان ئومۇرتقا سۆڭىكى ھەممىسى ھەرىكەتچان قوۋۇرغىدىن تەركىب تاپقان، جۈپ ئىچكى ئەزالىرى بەدەن شەكلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوڭ-سول سىممېترىك ھالىتىنى ئالدى كەينى گىرەلىشىپ كەتكەن ياكى بىرسىلا قالغان شەكىلگە ئۆزگەرگەن، دوۋسىنى يوق. يىلاننىڭ چىشى ئەركىكىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى بولسا قۇيرىقىغا قاراش، يەنى «ئەركىكىنىڭ ئۇزۇن، چىشىسىنىڭ قىسقا».

يىلانيىلان ئۆمىلىگۈچى ھايۋان — ئۇنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت شەكلى بار بولۇپ بىرىنچى خىلى، ئەگرى-بۈگرى ھەرىكىتى، بارلىق يىلانلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئالغا قاراپ ئۆمىلەپ يۆتكىلىدۇ.

ئىككىنچى خىلى، زەنجىر تاپانلىق ھەرىكەت، يىلاننىڭ كۆكرەك سۆڭىكى يوق، ئۇنىڭ قوۋۇرغىسى ئالدى-كەينىگە ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ، قوۋۇرغىسى تېرە مۇسكۇللىرى ۋە قورساق تەڭگىچىلىرى بىلەن تۇتاشقان.

ئۈچىنچى خىلى، يىلان تىنىنىڭ ئالدىنى كۆتۈرۈپ، ئىمكانقەدەر ئالدىغا سوزۇپ، قوللايدىغان جىسىم بىلەن ئۇچراشقان چاغدا، يىلاننىڭ كەينى قىسمى ئەگىشىپ تارىيىپ ئالدىغا بېرىپ، ئاندىن ئالدى بەدىنىنى يەنە كۆتۈرۈپ ئالدىغا سوزۇلۇپ يۆتكىلىدۇ، مۇشۇنداق ئالمىشىش ئۇزىراش-قىسقىراش ھەركىتى ئارقىلىق يىلان ئۈزلۈكسىز ئالدىغا ئۆمىلەپ ماڭالايدۇ.

يىلانيىلان، يەر بېغىرلىغۇچىلار سىنىپىدىكى يىلانلار كەنجى ئەترىتىگە  تەۋە، ھەقىقىي قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋان. زەھەرلىك يىلان قورقۇنچلۇق بولىدۇ، لېكىن دىققەت قىلسىلا ئۇنداق خەتەرلىك ئەمەس. يىلان چاشقان يېيىشنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلغان (پاقا، قۇشلارنىمۇ يەيدۇ) يىلانلارنىڭ تۇرقى، شەكلى ۋە رەڭگى ئۆزگىچە، پۈتۈن تېنى تەڭگىچە قاسراقلار بىلەن قاپلانغان، بويۇن خورازلىرىنىڭ قۇيرۇقى ئورغاقسىمان كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ ، پەقەت  قۇيرۇقىنى تەۋرىتىپ، تېز سۈرئەت بىلەن ئىلگىرلەيدۇ، جۆرە ئىزدىگەندە ئاۋاز چىقىرىدۇ، سۇ ئۈزەلەيدۇ. يىلان نەم، زەي، ئادەم ئاياغ باسمىغان ئوت-چۆپلەر بۈككىدە ئۆسكەن جايلارغا، دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن جايلارغا، دەرەخ كامىرى ياكى تاش دۆۋىلىرىدە، ياغاچ سايمانلىرى قويۇلغان ئوتۇن دۆۋىسى، قەدىمكى سوقما تاملاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوزۇقلۇق مول مۇھىتلاردا ياشايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ماكانى، پەيدا بولىدىغان، يوقىلىدىغان، كۆپىيىىدىغان جايى، يىلاننىڭ سۇدا ياشايدىغان تۈرلىرىمۇ بار.

يىلاننىڭ قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىش خۇسۇسىيىتى بار، قىش پەسلى كەلگەندە غار ئىچىدە نەچچە ئاي يىمەي، ئىچمەي، مىدىر - سىدىر قىلماي بەدەن ھالىتىنى ساقلاپ ئۇخلايدۇ. ھاۋا ئېچىلغاندا بەزىدە يەنە سىرىتقا چىقىپ ئاپتاپقا قاقلىنىدۇ، بەزىدە ئوزۇقلۇق يەيدۇ. شۇڭلاشقا، باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا، يىلانلار ئويغىندۇ، سىرتقا چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، ھەمدە قاسىراق تاشلايدۇ.

قاسراق تاشلىغاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، ھەرىكەت مىقدارى كۆپىيىپ، ئوزۇقلۇق مىقدارىمۇ كۆپىيىدۇ، بەدەن ئەھۋالى تەدرىجىي ئەسلىگە كىلىدۇ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، 4-ئاينىڭ ئاخىرى، 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى كۈيلەش مەزگىلىگە كىرگەندىن تارتىپ ، ئەركەك-چىشى يىلانلارنىڭ ئېنىق ۋە يۇرۇق «تات-تات» قىلىپ چىقارغان ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

يىلانھازىر دۇنيادىكى يىلانلارنىڭ تەخمىنەن 3000 تۈرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 650 خىلدىن ئارتۇق زەھەرلىك يىلان بار. جۇڭگودىكى يىلان تۈرىنىڭ 216 خىل، زەھەرلىك يىلان 65 خىل.

ئوخشاش بولمىغان يىلانلار يېشى ئوخشاش بولمايدۇ، ئاساسلىق تۈرى ياكى تۇرمۇش شارائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، كىچىك تىپتىكى يىلانلارنىڭ ئۆمرى 2 ~ 5 يىلغىچە، ئوتتۇرا تىپتىكى يىلانلارنىڭ 5 ~ 12 يىل ئەتراپىدا، يوغان يىلانلارنىڭ 10 ~ 20 يىل، بوغما يىلانلارنىڭ 30 ~ 40 يىل بولىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ياشىيالايدۇ. لېكىن يىلانلار ياۋايى ھالەتتە، ئانچە مۇقىم مۇھىتتا ياشىمايدىغان بولغاچقا، يېمەكلىكى بەزىدە كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان كېسەللىك ۋە كۈشەندىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى سۈنىىي بېقىش شارائىتىغا قارىغاندا قىسقا بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#