ئۈزۈم شەكىللىك بېلىق قورۇمىسى
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. پاكىزە تازىلانغان بېلىقنىڭ باش، قۇيرۇق قاناتلىرىنى كېسىۋېتىپ، بېلىق گۆشىنى شىلىپ ئېلىپ، قىلتىرىق سۆڭەكلىرى پاكىزە ئادالىنىدۇ. بېلىقنىڭ تېرە تەرىپىنى كۆتەككە قويۇپ بىر سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ، ئاۋۋال ئۇزۇنىسىغا پىچاقنى تىك سېلىپ، بېلىق گۆشىنىڭ 1/3 قىسمى كېسىلگەندە پىچاقنى يانتۇ قىلىپ تېرىسىگە يەتكۈچە كېسىلىدۇ. ئاندىن كۆندىلەڭ تەرىپىدىن ئارىلىقىنى بىر سانتىمېتىر قالدۇرۇپ تېرىسىگە يەتكۈچە تىك كېسىلىدۇ. بېلىق گۆشىگە تۇز، زەنجىۋىل، پىياز، سېرىق ھاراق، سېپىپ 20 مىنۇتتەك تەملەندۈرۈلىدۇ.
2. تۇخۇمنى قاچىغا چېقىپ ئارىلاشتۇرۇپ بېلىق گۆشىنى تۇخۇمغا چىلاپ ئۈستىگە بىر قەۋەت بولكا ئۇۋىقى تەكشى يېپىشتۇرۇلىدۇ(ھەربىر پىچاق ئىزىغا كىرگۈزۈپ) .
3. ساپلىققا ماي قۇيۇپ، 7 دەرىجىدە قىزىتىپ، بېلىق گۆشىنى مايغا سالساق، تېرىسى قورۇلۇپ، گۆش ئۈزۈم شەكلىگە كىرىدۇ.
4. كەرەپشە(چىڭسەي) يوپۇرمىقىنى قايناق سۇغا بېسىپ، سوۋۇغاندا تەخسىنىڭ چېتىگە ئۈزۈم يوپۇرمىقى شەكلىدە تىزىپ بېرىلىدۇ.
5. باشقا بىر ساپلىققا بىر ۋاقىت ئىچىدە سۇ، شېكەر، ئاچچىقسۇ، تۇز سېلىپ قاينىتىپ، ئۈزۈم ھارىقى، مۇۋاپىق كراخمال سېلىپ، كۈنجۈت يېغى تېمىتىپ، بېلىقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.