تۆمۈرچىلىك
ئۇيغۇر خەلقىدىكى تۆمۈرچىلىكنىڭ تۈرى كۆپ، تارىخى ئۇزۇن.
ئۇيغۇرلار تۆمۈرچىلىكنى ئاق ئىش، قارا ئىش دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. پىچاقچىلىق، ئۇستىرا، قىلىچ، قايچا، قىڭراق، رەندە تىغى، ھەرە تىغى، ئىسكىنە، ئۈشكە، كەكە، پالتا، ئىكەك، دەرەش، قۇلۇپ، قاغىتۇمشۇق، ئىشك زەنجىرى، ئوۋ مىلتىقى، تۈنىكسازلىق، مىسكەرلىك، زەرگەرلىك ئەسۋابلىرى قاتارلىق بىر يۈز ئون ئۈچ خىلدىن ئارتۇق ھۈنەر تۆمۈرچىلىكتىكى ئاق ئىش تۈرىگە كىرىدۇ.
كەتمەن، كۈرەك، ئوغاق، بولقا، بازغان، لوم، ئات تاقىسى، نال، مىخ، قاماق(ماخاڭ) ، كويزا-كىشەن، قاپقان، چوڭ دەرۋازا زەنجىرى، ھالقا، ھارۋا-مەپە، ئات ئېگەر-جابدۇق، تۈگمەن، جۇۋاز، سوقما، توسما، قۇرۇلۇش سايمانلىرى قاتارلىق بىر يۈز ئاتمىش خىلدىن ئارتۇق ھۈنەر قارا ئىش تۈرىگە كىرىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۆمۈرچىلىكئۇيغۇر خەلقىدىكى تۆمۈرچىلىكنىڭ تۈرى كۆپ، تارىخى ئۇزۇن.
ئۇيغۇرلار تۆمۈرچىلىكنى ئاق ئىش، قارا ئىش دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. پىچاقچىلىق، ئۇستىرا، قىلىچ، قايچا، قىڭراق، رەندە تىغى، ھەرە تىغى، ئىسكىنە، ئۈشكە، كەكە، پالتا، ئىكەك، دەرەش، قۇلۇپ، قاغىتۇمشۇق، ئىشك زەنجىرى، ئوۋ مىلتىقى، تۈنىكسازلىق، مىسكەرلىك، زەرگەرلىك ئەسۋابلىرى قاتارلىق بىر يۈز ئون ئۈچ خىلدىن ئارتۇق ھۈنەر تۆمۈرچىلىكتىكى ئاق ئىش تۈرىگە كىرىدۇ.
كەتمەن، كۈرەك، ئوغاق، بولقا، بازغان، لوم، ئات تاقىسى، نال، مىخ، قاماق(ماخاڭ) ، كويزا-كىشەن، قاپقان، چوڭ دەرۋازا زەنجىرى، ھالقا، ھارۋا-مەپە، ئات ئېگەر-جابدۇق، تۈگمەن، جۇۋاز، سوقما، توسما، قۇرۇلۇش سايمانلىرى قاتارلىق بىر يۈز ئاتمىش خىلدىن ئارتۇق ھۈنەر قارا ئىش تۈرىگە كىرىدۇ. يەنە ئۇيغۇرلاردا مەزكۇر ئىشلارنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى بولىدۇ. پىچاقچىلىق، كەتمەنچىلىك، قۇلۇپسازلىق، تۈنىكىسازلىق، مىسكەرلىك، تاقىچىلىق قاتارلىقلار ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھۈنەر-كەسىپ بولۇپ، ئۇلار يەنە ئۆز سەنئىتىنى جارى قىلدۇرۇش يولىدا باشقا كەسىپلەرنى قوشۇمچە ئىشلەيدۇ.
يۇقىرىقى كەسىپلەرنىڭ ئايرىمىسى بولسىمۇ، ئىشلىتىش سايمانلىرى ئوخشاش بولىدۇ. مەسىلەن، ئوچاق، كۆمۈر، كۆيەك، بولقا، بازغان، سەندەل، قايچا، قىسقۇچ، ئېكەك، داغمال، تۆمۈر ئۈشكە، كەپشەر، دانىكا، سەركول قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
تومۈرچىلىكتىكى كەشپىياتئۇيغۇرلار تۆمۈر بىلەن ئىشلىنىدىغان ھەر قايسى ھۈنەرلەرگە ماھىر بولۇپلا قالماستىن، تۆمۈرنى تۆمۈرگە، پولاتنى تۆمۈرگە قوشۇپ كەپشەرلەشكە ماھىر، ئۇلار تىغ تىپىدىكى پىچاق، قىلىچ، قىڭراق، كەتمەن، ئورغاق قاتارلىقلارنىڭ دەستىسىنى تۆمۈردىن، تىغىنى پولاتتىن ياسايدۇ. يەنى كېسىلىدىغان تىغ تەرىپىگە پولاتتىن ياسايدۇ. يەنى كېسىلىدىغان تىغ تەرىپىگە پولاتتىن گاڭ باغلايدۇ. ئۇيغۇر ئۇستىلار ئىشلەتكەن دانىكا بىلەن كەپشەرلەش ئۆزىگە خاس يېڭى مىللىي كەشپىيات.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.