بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان، ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 3-ھەپتىسىدىكى سەيشەنبە كۈنى بىر قېتىم قەرەللىك يىغىن ئۆتكۈزۈپ، 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدۇ، يىغىن بىرنەچچە ئاي داۋاملىشىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خۇجىنتاۋھەر نۆۋەتلىك قەرەللىك يىغىن ئۆتكۈزۈلگەندە، ھەرقايسى دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئەمەلدارنى يىغىنغا ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى يىغىنغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەيدۇ. يىغىندا تەسىس قىلغان يەتتە كومىتېت يىغىن خىزمىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ. يىغىندا قاراپ چىقىلىپ مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئىشلار ناھايىتى كەڭ دائىرىدە بولىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشلاردىن سىرت، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ھەمدە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» دائىرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئەزا دۆلەتلەرگە ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشىگە تەكلىپ بېرىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ قارارى ناھايىتى زور سىياسىي تەسىرگە ئىگە.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.