خوتەن قىزىلگۈلى

خوتەن قىزىلگۈلى

خوتەن قىزىلگۈلىنىڭ ھەممە يېرى گۆھەر. گۈل چېڭىنى دەملەپ ئىچكىلى بولىدۇ، گۈل خەمىكىدىن ماي چىقارغىلى بولىدۇ، غولىنىڭمۇ دورىلىق قىممىتى بار. ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتى، ئوزۇقلۇق قىممىتى، ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى ۋە خىمىيە سانائىتىدىكى قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خوتەن قىزىلگۈلى
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئەتىرگۈل ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 和田玫瑰
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئەتىرگۈل تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى ئەتىرگۈل ئۇرۇقدېشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خوتەن قىزىلگۈلى خوتەننىڭ ئەتىياز پەسلى قىزىلگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، يېزىلارنىڭ گۈزەل تۈسكە كىرىدىغان پەسىل. 

خوتەننىڭ قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 1500 يىل بولغان بولۇپ، يىپەك يولى ئېچىلغاندا، خوتەننىڭ يىپىكى، فار - فۇر بويۇملىرى، قاشتېشى، چېيى، دورا - دەرمەكلىرىدىن باشقا، قىزىلگۈلىمۇ رايونلار ئارا ئالماشتۇرۇلاتتى. خوتەننىڭ قىزىلگۈلى ئىزچىل ھالدا دەمەشىق سورتىدىن دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ كەلگەن. يېقىندا، شاڭخەيدىكى بىر تەتقىقات ئورنى گېننى بېكىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق خوتەن قىزىلگۈلى تۈركىيىنىڭ قىزىلگۈل سورتى بىلەن يېقىنلىشىپ قالىدۇ، ئەمما تۈركىيە قىزىلگۈلىدىن سۈپەتلىك، دەپ قارىدى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خوتەن قىزىلگۈلى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق دەمەشىق قىزىلگۈلى، بۇلغارىيە قىزىلگۈلى، فرانسىيە دوگلاس قىزىلگۈلىدىن قېلىشمايدۇ.

خوتەن قىزىلگۈلىنىڭ سۈپىتى ھەم باھاسىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولۇشىنى خوتەننىڭ ئۆزگىچە قۇملۇق كېلىماتى ۋە جۇغراپىيەلىك شارائىتى بەلگىلىگەن. خوتەننىڭ ھاۋا كېلىماتى ئىچكى قۇرۇقلۇق قۇرغاق كېلىماتقا تەۋە بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. شۇڭا بۇنداق ئۆزگىچە كىلىمات ۋە مۇھىتتا ئۆسكەن قىزىلگۈلنىڭ سۈپىتى، پۇرىقى، تۈرى تەبىئىيلا باشقا جايدىكى قىزىلگۈللەردىن پەرقلىنىدۇ، ئۈنۈملۈك تەركىبىمۇ يۇقىرى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قىزىلگۈلنى تەكشۈرۈپ مۇنداق يەكۈن چىقارغان:خوتەن قىزىلگۈلىنى كۆپەيتىپ ئۆستۈرۈشتە ئىزچىل ھالدا ئەنئەنىۋى قەلەمچە قىلىپ تىكىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان ھەم كۆپ سانلىقلىرى قۇمساز تۇپراقتا ئۆستۈرۈلگەن، سورتى پەقەت بىر خىللا بولۇپ، شالغۇتلاشتۇرۇشتىن پۈتۈنلەي خالىي بولغان، ئۇنى ئۆستۈرۈشتە ئورگانىك ئۇغۇت ئىشلىتىلگەن، سانائەتنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىمىغان. شۇڭا خوتەن قىزىلگۈلىدە ئىزچىل ھالدا ئەڭ دەسلەپكى ئەلا سورت ۋە سۈپەت ساقلاپ قېلىنغان.خوتەن قىزىلگۈل مېيىنىڭ تەننەرخى ئىنتايىن يۇقىرى. ھازىر بىر مىللىلىتىر خوتەن قىزىلگۈل مېيىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1200 يۈەن بولۇپ، ئالتۇندىنمۇ قىممەت. 

خوتەن قىزىلگۈلىخوتەن قىزىلگۈلىنىڭ ھەممە يېرى گۆھەر. گۈل چېڭىنى دەملەپ ئىچكىلى بولىدۇ، گۈل خەمىكىدىن ماي چىقارغىلى بولىدۇ، غولىنىڭمۇ دورىلىق قىممىتى بار. ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتى، ئوزۇقلۇق قىممىتى، ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى ۋە خىمىيە سانائىتىدىكى قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.

خوتەنلىكلەر قىزىلگۈلنىڭ ھەممە يېرىنى، جۈملىدىن ئىچىدىن تارتىپ تېشىغىچە، گۈل بەرگىدىن تارتىپ يىلتىزىغىچە، تاشقى كۆرۈنىشىدىن تارتىپ جەۋھىرىگىچە ياخشى كۆرىدۇ. قىسقىسى ئۇلار قىزىلگۈلنىڭ پۇرىقى ۋە گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلانغاندىن باشقا، قىزىلگۈلنى ئىستېمال قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.خوتەنلىكلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئۆيىدە قىزىلگۈل گۈلقەنتى، قىزىلگۈل پېچىنىسى ياساشنى بىلىدۇ. خوتەندىكى يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلارنىڭ ھەممىسى مېھمانلارغا قىزىلگۈل پەرمۇدىسى چىقىرىدۇ. ئۇنى بىر چىشلىسىلا مېزىلىك پۇراق دېماققا ئۇرۇلۇپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تېخىمۇ ئېچىلىپ، يېگۈسى كېلىپلا تۇرىدۇ. قىزىلگۈل يەنە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ياسالغان دورىلارنىڭ قان تولۇقلاش، ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈش، ئاياللار كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش رولى بار. خوتەن قىزىلگۈل چېيىنىڭ رەڭگى ناھايىتى چىرايلىق، پۇرىقى ۋە تەمى بەك ياخشى.

خۇشبۇي ھىدىدىن كىشىنىڭ كەتكۈسى كەلمەيدىغان جاي - خوتەننىڭ قىزىلگۈل بازىرى. 5 - ئايلاردا خوتەن شەھىرىدىكى جەمە يولىنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئەتىگەن سائەت 7- 8 دىن بۇرۇن ئۈزۈپ كېلىنگەن يېڭى قىزىلگۈللەر دۆۋىسى ئىگىلەيدۇ، گۈلنىڭ پۇرىقى بازارنى بىر ئالىدۇ. شەبنەم كۆتۈرۈلگىچە ئۈزىۋېلىنغان قىزىلگۈل تېخى تولۇق ئېچىلمىغان بولغاچقا، پۇرىقى تاراپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭدىن ياغ كۆپ چىقىدۇ، سۈپىتى ياخشى. كىشىلەر بۇ يەردىن قىزىلگۈل سېتىۋېلىپ گۈلقەنت ياسىتىپ، ئۆيلىرىگە ئالدىراش قايتىشىدۇ. بۇ خىل گۈلقەنت يېڭى قىزىلگۈل بەرگى بىلەن ئاق شىكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئىزىش ماشىنىسىدا ئىزىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، ئاندىن 40 كۈن ئەتراپىدا ئاپتاپتا قويسا پىشىدۇ. پىشقاندىن كېيىنكى گۈلقەنت ئادەتتىن تاشقىرى تاتلىق ۋە مېزىلىك.

خوتەن قىزىلگۈلىخوتەندە ھازىر قىزىلگۈل ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 30 مىڭ مودىن ئاشىدۇ. مەركەزلىك ھالدا قىزىلگۈل ئۆستۈرۈلىدىغان جاي - كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى. بۇ يېزىدا ھەممە ئائىلە دېگۈدەك قىزىلگۈل ئۆستۈرىدىغان بولۇپ، پەقەت قىزىلگۈلدىنلا قىلىنغان كىشى بېشى كىرىم 1000 يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇ يېزىدا ئىلگىرى قىزىلگۈل مەنزىرىسى بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ يىل يەنە خوتەن قىزىلگۈل كەسپى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى. بۇنىڭدىكى مەقسەت بايرام ئارقىلىق نام چىقىرىش ۋە قىزىلگۈل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. 

خوتەنلىكلەر بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قۇم - بورانلىق ھاۋارايىدا ياشىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھەر ۋاقىت قىزىلگۈل بىلەن ئۆزىنى كۈتكەچكە، ئۇلارنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ، ئۆمرى قىسقىراپ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى كىشىلەردىن ساغلام تۇرىدۇ ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. 2004 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە تەشكىلاتى خوتەنگە تەكشۈرۈشكە كەلگەندە، خوتەننى رەسمىي ھالدا دۇنيادىكى تۆت چوڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رايونىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن.

قىسقىسى، خوتەن قىزىلگۈلى خوتەنگە گۈزەللىك، خوتەنلىكلەرگە ساغلاملىق بېغىشلايدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#