- كۆكيار يېزىسى (كېرىيە ناھىيەسى)
- كۆكيار يېزىسى (تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى)
- كۆكيار يېزىسى (قاغىلىق ناھىيەسى)
كۆكيار يېزىسى
كۆكيار يېزىسى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى ئارال يېزىسى بىلەن قوشنا، شىمال تەرىپى جاي يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە ئارش يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۆكيار يېزىسى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى ئارال يېزىسى بىلەن قوشنا، شىمال تەرىپى جاي يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە ئارش يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 54.33 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر شەكلى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قىيسايغان، تۇپراق سۇغىرىلما تىنما تۇپراق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1408.3 مېتىر.
يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃24.3-، 7-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.2، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر. بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 208 كۈن، ئادەتتە شامال كۈچى 3 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى توققۇز بالغا يېتىدۇ. كۆكيار-ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى يېشىل دەريا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ياكى كۆك يار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ كېرىيە دەرياسى غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان بوستانلىقلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۈك-باراقسان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان.
قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن ھۆل-قۇرۇق مېۋە، تېرىلغۇ سايمانلىرى، قول سانائەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار بار، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار بار. يېزا بويىچە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ، بۇغداي، قوناق، شال، كېۋەز تېرىلىدۇ . قوشۇمچە چارۋىچىلىق، پىلىچىلىك ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.