دۇڭزۇ مىللىتى
دۇڭزۇ مىللىتى ئاساسلىقى گۇيجۇ، خۇنەن ئىككى ئۆلكىگە ۋە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا جايلاشقان. ئۇلار ئاساسلىقى دېھقانچىلىق بىلەن، قوشۇمچە ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دۇڭزۇ مىللىتى ئاساسلىقى گۇيجۇ، خۇنەن ئىككى ئۆلكىگە ۋە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا جايلاشقان. ئۇلار ئاساسلىقى دېھقانچىلىق بىلەن، قوشۇمچە ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.دۇڭزۇلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى باي ھەم مەزمۇنلۇق، «شېئىر ماكانى، ناخشا دېڭىزى» دېگەن نامى بار. تاش-ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەت، ناغرا راۋىقى سېلىشقا ئۇستا، فېڭيۈجياۋ كۆۋرۈكى ئۇلارنىڭ بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر.
دۇڭزۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزى ئېگىرىپ، ئۆزى توقۇپ، ئۆزى بويىغان دۇڭزۇ رەختىدىن يېشىل، سۆسۈن، ئاق، كۆك رەڭلىك كىيىم كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كەنتلەر تاغ باغرى، دەريا بويلىرىغا جايلاشقان، شەمشاد ياغىچىدىن سېلىنغان ياغاچ بىنا ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئادەم ئولتۇرسا، ئاستىدا چارۋا مال باقىدۇ ياكى پارچە-پۇرات نەرسىلەرنى قويىدۇ. يېمەك-ئىچمەكتە گۈرۈچنى ئاساس قىلىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ئاچچىق-چۈچۈك ئوزۇقلىنىشنى ياقتۇرىدۇ، ساكې، ھۈمەل چاي بىلەن مېھمان كۈتۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.
دۇڭزۇلار ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ، بولۇپمۇ «مەبۇدە» نى ئالاھىدە ئىززەتلەيدۇ، نۇرغۇن كەنتلەردە «مەبۇدە ئېتىكاپگاھى» ، «مەبۇدە ئىبادەتخانىسى» بار.
دۇڭزۇ مىللىتىنىڭ تىلى بار، لېكىن يېزىقى يوق، خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىپ كەلگەن. 1958-يىلى ئېلىپبەلىك يېزىق ئىجاد قىلىندى.
«قومۇش نەي چېلىپ كونا يىلنى ئۇزىتار، ناغرا راۋىقىدا مول ھوسۇل ئۈستىدە قىزغىن پاراڭلىشار» . ناغرا راۋىقى دۇڭزۇ كەنتىدىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە ئىمارەت بولۇپ، شەكلى مۇنارغا ئوخشايدۇ، ئۇ كەنت ئاھالىسى يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان، دەم ئالىدىغان ۋە كۆڭۈل ئاچىدىغان جاي. ھەممە كەنتتە ناغرا راۋىقى بار، بەزىلىرىنىڭ ئېگىزلىكى13 قەۋەت كېلىدۇ، تولىمۇ كۆركەم ياسىلىدۇ. ھېيت-بايرام كۈنلىرى، دۇڭزۇ خەلقى ناغرا راۋىقى ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ، قانغۇچە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.