چۇۋاش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

چۇۋاش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا جايلاشقان رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى. 

نامى چۇۋاش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
دۆلىتى روسىيە فىدراتسىيەسى
كۆلىمى 18,300كىۋادىرات كىلومىتىر
مەركىزى شەھىرى چېبوكسارى شەھىرى
كېلىماتى تىروپىك بەلباغ كېلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 楚瓦什共和国
مەمۇرى رايۇن شەكلى 1-دەرجىلىك مەمۇرى رايۇن
نوپۇسى 1,251,619
قۇرۇلغان ۋاقتى 1920-يىلى6-ئاينىڭ24-كۈنى
تىلى روس تىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چۇۋاشۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا جايلاشقان رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى. مەيدانى 18 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 312 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) . ئاھالىنىڭ كۆپىنى چۇۋاشلار تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن باشقا يەنە رۇس، تاتار، مولداۋىيە قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ. چۇۋاش 1920-يىلى ئوبلاست بولۇپ قۇرۇلغان. 1925-يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەرتىلگەن، مەركىزى چېبوكسارى شەھىرى. 

چۇۋاشچۇۋاشنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى ئانچە تەكشى بولمىغان تۈزلەڭلىكلەردىن ئىبارەت، شەرقىي قىسمىدىكى ۋولگا دەريا بويىدا ئېدىرلىقلار بار. ئۇ يەردە يەنە يەنە تورف، مايلىق سىلانېس، فوسفورلۇق مىنېرال قاتارلىقلار بار. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 450 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. سانائەت جەھەتتە ماشىنىسازلىق سانائىتىنى(تراكتور، ئېلېكتر ماشىنىلىرى) ، خىمىيە ۋە ياغاچ مەھسۇلاتلىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، قارا بۇغداي، كەندىر قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. موسكۋادىن ئورالغا سوزۇلغان تۆمۈر يول بۇ شەھەرنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. تاشيول ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان. چېبوكسارى ۋولگا دەريا بويىدىكى مۇھىم پورت بولۇپ، دەريا پاراخوتلىرى ئارقىلىق موسكۋا ھەم كاسپىي دېڭىزلىرىغا چىققىلى بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#