ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى قىسقارتىلىپ «ئاسىيا بانكىسى» دېيىلىدۇ. ئۇ رايون خاراكتېرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى بولۇپ، 1966-يىلى 12-ئايدا رەسمىي تىجارەت باشلىغان. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى
چەتئەلچە نامى Asian Development Bank
خەنزۇچە نامى 亚洲开发银行
تىجارەت باشلىغان ۋاقىت 1966-يىلى 12-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى قىسقارتىلىپ «ئاسىيا بانكىسى» دېيىلىدۇ. ئۇ رايون خاراكتېرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى بولۇپ، 1966-يىلى 12-ئايدا رەسمىي تىجارەت باشلىغان. 

«ئاسىيا بانكىسى» نىڭ ئەزالىرى: بىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە غەيرىي رەسمىي ئەزالىرى؛ يەنە بىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمدە ئۇنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەر ۋە بۇ رايوندا بولمىغان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن ئىبارەت. 1986-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى دۆلىتىمىز بۇ بانكىنىڭ رەسمىي ئەزاسىغا ئايلاندى. 

ئاسىيا بانكىسىنىڭ كەسپىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى: مۇشۇ رايوندىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قەرز پۇل ۋە تېخنىكىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەش، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئاساسلىق كەسپى: تۈر قەرزى، تېخنىكىلىق ياردەم، پاي چېكى مەبلىغى، ئورتاق مەبلەغدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ مەبلىغى ئادەتتىكى مەبلەغ ۋە ئالاھىدە مەبلەغ دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئادەتتىكى مەبلەغ ئاساسلىقى ھەرقايسى ئەزالار تاپشۇرغان پاي پۇلى ۋە قەرز پۇلى ئارقىلىق توپلانغان مەبلەغنى كۆرسىتىدۇ. پاي پۇلى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇلىدۇ، ھەر قېتىمدا مەلۇم نىسبەتتىكى ئالتۇن ياكى ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان پۇل ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلى تاپشۇرۇلىدۇ. پاي دەسمايىسىنى تاپشۇرۇشتا، بۇ بانكا قەرز پۇلىنى ياكى كېپىللىك پۇلىنى قايتۇرماقچى بولغاندىلا ئەزا دۆلەتلەرنى تاپشۇرۇشقا سۈيلەيدۇ. قەرز پۇل بولسا زايوم تارقىتىش ئۇسۇلى بويىچە خەلقئارا كاپىتال بازىرىدىن توپلىنىدۇ. 

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى مۇدىرىيەت، كېڭەش مەجلىسى ۋە مەمۇرىي مەھكىمە دەپ بۆلۈنىدۇ. بانكا باشلىقى كۈندىلىك خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. باش بانكا فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلاغا جايلاشقان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#