ئىلكان كاپىتالى

ئۈرۈمچى ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى 2007- يىل 2- ئايدا ،پۇل - مۇئامىلە مۇلازىمەت كەسپىگە كىرگەن بولۇپ ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى ۋە تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن 2012- يىل 2- ئايدا ئۈرۈمچى ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنى رەسمىي قۇرۇپ ،دىيارىمىزدىكى مىللىي كارخانىلار ئىچىدە تۇنجى پۇل- مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپى ئاپپارات بولۇپ قالدى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈرۈمچى ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى تۈرلۈك كەسىپلەر ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت قىلدىغان كەسپىي قوشۇنغا ئىگە بولۇپ، تەجرىبىلىك مالىيە ئىشلىرى باشقۇرۇش مۇتەخەسسىلىرى، ئاكسىيە ئانالىزچىسى، ئادۋۇكات قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى كەسپى مۇتەخەسسىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ھەمكارلىق ئورناتقان ھەمدە ئۆز مۇلازىمەت كەسپىنى قانات يايدۇرۇشقا زۆرۈر ئادەم كۈچىگە ،مول باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە، مۇقىم بازار ئاساسىغا ۋە كەسپى ئانالىز قىلىش ،كارخانا باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ،خېرىدارلارنى قانۇنلۇق ، بىخەتەر، كەسپى، ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

 مەزكۇر شىركەت  مۇلازىمىتى قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى توختام قانۇنى» ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى شىركەت قانۇنى» ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش نىزامى»،  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى پۇل مۇئامىلە قانۇنى» ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى نەرسە ھوقۇقى قانۇنى» ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى كېپىللىك قانۇنى » ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر قاتار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغان ھەمدە كۆپلىگەن قانۇن مۇتەخەسسىلىرىگە ھاۋالە قىلىپ ھەر تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرنىڭ قانۇنىيلىقى تولۇق دەلىللەنگەن. 

 كاپالەت سوممىسى ئارقىلىق سودا ئېلىپ بېرىش يۇقىرى خەۋپ- خەتەرگە چېتىلدىغان بولۇپ،بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا ماس كېلىشى ناتايىن. يۇقىرى تاناسىپلىق پىشاڭ خېرىدارلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ ياكى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا خېرىدارلار مەبلەغ سالدىغان سودا يۆلىنىشىنى بەلگىلەشتىن ئاۋۋال قوبۇل قىلالايدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە مەبلەغ سېلىش نىشانىنى ئەستايىدىل ئويلىنىشى لازىم. خېرىدارلار سودا قىلغاندا سېلىنغان مەبلەغ قىسمەن زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن خېرىدارلار مەبلەغ خەۋپ- خەتەرنى ئۈستىگە ئالالمىغۇدەك دەرىجىدە مەبلەغ سالماسلىقى كېرەك. خېرىدارلار ئۇچرىغان زىيان خېرىدار سالغان مەبلەغدىن ئېشىپ كېتىشى ھەم بۇنىڭغا مەسئۇل بولىشى مۇمكىن. خېرىدارلار سودىسىغا ئالاقىدار بارلىق خەۋپ- خەتەرنى پىششىق ئىگەللىشى ،ئەگەر چۈشەنمىگەن مەسىللەر بولسا ئايرىم مالىيە مەسلىھەتچىسىگە تەكلىپ - پىكىر قىلسا بولىدۇ.  

 ئۈرۈمچى ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى سەمىمىي تىجارەت قىلىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ئىزچىل ھالدا خەۋپ- خەتەرنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونترول قىلىشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغان. تۈرلۈك مۇلازىمەتلىرىدە شىركەتنىڭ قاتتىق بولغان مەشغۇلات خېيىم - خەتىرىنى كونترول قىلىش سىستېمىسىغا ئاساسەن، خېرىدارلار ئۈچۈن بىخەتەر بولغان پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىشتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىركەت قەتئىي ھالدا خېيىم- خەتەرنى كونترول قىلىش ۋە خېيىم -خەتەرسىز مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە خېرىدارلارنىڭ بارلىق سودىسى ئۈچۈن بىخەتەرلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قېلىپلاشقان باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق بازار پۇرسىتىنى قولدىن بەر مەي، خېرىدرلار ئۈچۈن قىممەت يارىتىۋاتىدۇ.





ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#