رام چاران

رام چاران

رام چاران 1985-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ھىندىستان تامىل نادۇ شىتاتىنىڭ پايتەختى چېننايدا تۇغۇلغان تۇغۇلغان. ھىندىستانلىق ئارتىس، ئۇسسۇلچى، فىلىم ئىشلىگۈچى، سودىگەر ۋە كارخانىچى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى رام چاران
باشقا نامى رام چاران تېخا، Charan ,查兰
يۇرتى تامىل نادۇ شىتاتىنىڭ پايتەختى چېنناي
كەسپى ئارتىس، ئۇسسۇلچى، فىلىم ئىشلىگۈچى، سودىگەر، كارخانىچى
چەتئەلچە نامى Ram Charan Teja
خەنزۇچە ئاتىلىشى 拉姆查兰特哈
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1985-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى
ۋەكىللىك ئەسىرى «پالۋان»

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رام چارانرام چاران 1985-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ھىندىستان تامىل نادۇ شىتاتىنىڭ پايتەختى چېننايدا تۇغۇلغان. ھىندىستانلىق ئارتىس، ئۇسسۇلچى، فىلىم ئىشلىگۈچى، سودىگەر ۋە كارخانىچى، ئۇ ئاساسلىق تېلېگۇ كىنو ساھەسى يەنى توللىۋودتا كىنو ئىشلەيدۇ. رام چاران ئىككى شىتاتلىق مۇكاپات، ئىككى فىلىمفەر جەنۇب مۇكاپاتى ۋە باشقا مۇھىم مۇكاپاتلارغا ئېرىشىكەن. 2013-يىلى ھىندىستان فوربېس تىزىملىكىدە 69-ئورۇنغا تىزىلغان.

ئۇنىڭ جەمەتى توللىۋودتىكى غوللۇق، كۈچلۈك فىلىم جەمەتلىرىنىڭ بىرى، بوۋىسى ۋە دادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تۇغقانلىرى توللىۋودتىكى مەشھۇر ئارتىسلاردىن.

رام چاران 2012-يىلى مەشھۇر ھوقۇقدار جەمەتتىن چىققان ئۇپسانا بىلەن توي قىلغان. رام چاران بىر چەۋانداز ماھارىتى ھەۋەسكارى ۋە كارخانىچى ئۇنىڭ بىر ئات توپى كوماندىسى ۋە مىدىيا شىركىتى بار. 2015-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنى قۇرغان.

رام چاران 2007-يىلى كىنو ساھەسىگە كىرگەن، ئۇ «Chirutha» دا قىساسكار چاراننىڭ رولىنى ئالغان، بۇ فىلىم بەك ياخشى بېلەت كىرىمى يارىتالمىغان بولسىمۇ لېكىن يېڭى ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن رام چاراننىڭ كىنودىكى ئىپادىسى ماختاشقا ئېرىشكەن، ھەمدە بۇ فىلىم بىلەن رام چاران فىلىمفەر جەنۇب ئەڭ ياخشى يېڭى ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

رام چاران2009-يىلى رام چاران «Magadheera» دە رول ئالغان، بۇ رام چاراننىڭ پەقەت ئىككىنچى فىلىمى بولسىمۇ لېكىن بۇ فىلىم بىلەن چاران بىراقلا توللىۋودتىكى ئەڭ داڭلىق چولپانلارنىڭ بىرسىگە ئايلانغان. مۇتلەق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بۇ تارىخي فىلىم شۇ ۋاقىتتا تارىختىكى ئەڭ بازارلىق تېلېگۇ فىلىمى رېكورتىنى ياراتقان ھەمدە يۈكسەك ياخشى باھاغا ئېرىشكەن، ئىككى تۈردە دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى چاران فىلىم «Orange» دە رول ئېلىپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن؛

2012-يىلى تەمەننا باتىيا بىلەن باش رول ئالغان فىلىم «Racha» مۇ خېلى ياخشى بېلەت كىرىمى ياراتقان ۋە ياخشى باھالارغا مۇيەسسەر بولغان.

2013-يىلى رام چاران فىلىم «Naayak» دە يەنە بىر قېتىم قوش رول ئالغان، بۇ فىلىممۇ ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.

بۇ يىلى رام چاران يەنە بوللىۋودقا كىرىشكە ئۇرۇنۇپ باققان لېكىن ئېچىنىشلىق مەغلۇب بولغان، ئۇ پرىيانكا چوپرا بىلەن بىللە باش رول ئالغان فىلىم «Zanjeer» سېلىنغان مەبلەغنىڭ يېرىمىنىمۇ قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلەلمىگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيىدىغىنى چاران بۇ كىنونىڭ بىر ناخشىسىنى ئۆزى ئېيتقان.

2014-يىلى رام چاران رول ئالغان فىلىم «Yevadu» ئۇنىڭ فىلىم ھاياتىدىكى يەنە بىر مۇھىم فىلىم بولۇپ بۇ فىلىم خېلى ياخشى بېلەت كىرىمى ياراتقان، چاراننىڭ رول ئېلىش ماھارىتىمۇ مەدھىيلەنگەن.

2015-يىلى چاران ۋە سامانسا ھەرىكەتلىك فىلىم «Bruce Lee» باش رول ئالغان.

2016-يىلى چاران دادىسى بىلەن بىللە رول ئالغان فىلىم قويۇلغان. [0]

رام چاران«Magadheera» (2009)، تېلۇگۇ تىلى كىنو بېلەت كىرىمى يۇقىرى تۇنجى ئەسەر. 

«پالۋان»، يەنە بىر نامى «دەرىجىدىن تاشقىرى ياخشى كۆرۈش». (2009-يىل) .

«قىزغۇچ سېرىق»، يەنە بىر نامى «مۇھەببەت، ئازىراق كۆپ». (2010-يىل).

«بوران ئىلاھى» (2012-يىلى).

«ئىككى مۇشت تەڭدىشى يوق» (2013-يىل).

2007-يىلى ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى ئەڭ ياخشى ئەر ناندى باھالاش ھەئىتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (7 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    71.4%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    14.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    14.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#