دۇنيا لوڭقىسى

null

دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ شەرەپلىك،ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى بار،ئەڭ يۇقىرى رىقاببەت تېخنىكا سەۋىيىسىنى تەلەپ قىلىدىغان ،ئەڭ يۇقىرى نامدىكى پۇتبول مۇسابىقىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى
باشقا نامى FIFA World Cup
كوماندا سانى 205 كوماندا
خەنزۇچە ئىسمى 国际足联世界杯
دۆلەت تەۋەلىكى خەلقارا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ شەرەپلىك،ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى بار،ئەڭ يۇقىرى رىقاببەت تېخنىكا سەۋىيىسىنى تەلەپ قىلىدىغان ،ئەڭ يۇقىرى نامدىكى پۇتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپ ،ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى بىلەن ئىككىسى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىككى چوڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇسابىقە پائالىيىتى ،دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەتتا تەسىر كۈچى ۋە تارقىلىش ،قاپلىنىش نىسپىتى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە زور پائالىيىتى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ .

دۇنيا لوڭقىسى بولسا يەر شارىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر پۇتبول ساھەسىدە ئىنتىزار بولىدىغان مۇقەددەس شان-شەرەپ ،ھەمدە ھەر قايسى دۆلەت (ياكى رايۇن) لەردىكى بارلىق پۇتبول تەنھەركەتچىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسى ،دۇنيادىكى پۇتبول تەنھەركەتچىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كېڭەيتىشتىكى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى ،شۇڭا «ھاياتلىق لوڭقىسى »دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىرىشكەن .

بىرازىلىيە بولسا ھازىرغا قەدەر دۇنيا لوڭقىسىغا ئەڭ كۆپ ئىرىشكەن توپ ئەترىتى بۇلۇپ ،جەمئىي بەش قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان ھەمدە ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ كەينىدىكى مەڭگۈ دۇنيا لوڭقىسىنى ساقلاپ قالىدىغان سابىق دۇنيا لوڭقىسى لىمىت لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن .ھازىر دۇنيا لوڭقىسى بولسا تىتان راكىتاسى لوڭقىسى بۇلۇپ ،تۆت قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن گىرمانىيە 1974- – يىلى لوڭقىنى كۆتۈرۈپ ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىپ كەلگەن،ھەر ئىككىلىسى دۇنيا لوڭقىسى دەپ ئاتالغان . 

بۇ مۇسابىقە ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكىزىلىدۇ ،ھەرقانداق خەلقارا پۇتبول بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەت(رايۇن)لەرنىڭ ھەممىسى ۋەكىل ئەترەتنى چىقىرىپ بۇ چوڭ تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتسا بۇلىدۇ .

بىرازىلىيە                           5 قېتىم

گىرمانىيە                            4 قېتىم

ئىتالىيە                              4 قېتىم

ئارگىنتىنا                           2 قېتىم

ئۇرۇگۋاي                            2 قېتىم

ئەنگىلىيە                            1 قېتىم

فىرانسىيە                            1 قېتىم

ئىسپانىيە                            1 قېتىم


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#