سىناي يېرىم ئارىلى

سىناي يېرىم ئارىلى

مىسىرنىڭ ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان بىر قىسمى، ئۇ ئەقەبە قولتۇقى بىلەن سۇۋەيش قولتۇقى ئارىلىقىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ جەنۇب تەرىپى قىزىل دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ.

نامى سىناي يېرىم ئارىلى
دۆلىتى مىسىر
نوپۇسى 220 مىڭدىن ئاشىدۇ
چەتئەلچە نامى Sinai Peninsula
خەنزۇچە نامى 西奈半岛
يەر مەيدانى 61000 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ھاۋا ئىسسىق ھەم قۇرغاق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىناي يېرىم ئارىلىمىسىرنىڭ ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان بىر قىسمى، ئۇ ئەقەبە قولتۇقى بىلەن سۇۋەيش قولتۇقى ئارىلىقىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ جەنۇب تەرىپى قىزىل دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 61000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 220 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ مەركىزى ئارىش شەھىرى. سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىنى يەر ۋەزىيىتى تەكشى بولۇپ، دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئوتتۇرا قىسمىدىكى تېھ رايونى تاشلىق، شېغىللىقلارنى ئاساس قىلىدىغان چۆللۈكلەردىن ئىبارەت. ئارالنىڭ جەنۇبىدىكى تور رايونىغا تاغلىقلار جايلاشقان، بۇ جايدىكى كاتېرىنا چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2637 مېتىر كېلىدۇ. 

ئارالنىڭ غەربىي جەنۇنىدىكى سۇۋەيىش قولتۇق بويلىرىغىمۇ تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. سىناينىڭ ئىقلىمى قۇرغاق خاراكتېرلىك چۆل ئىقلىم تىپىغاكىرىدۇ. ھاۋاسى ئىسسىق، ھۆل-يېغىنى ئاز بولىدۇ. ئۇ جاينىڭ ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى تۆۋەن. سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلاردا ئاھالە بىر قەدەر زىچ بولۇپ، ئۈزۈم، ئانار، ئۆرۈك، ئەنجۈر، قوغۇن، تاۋۇز، ئارپا، بۇغداي، تېرىق، ھەرخىل سەي، خورما قاتارلىق ھەرخىل زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي، ئۆچكىنى ئاساس قىلىدۇ. سانائەتتە جەھەتتە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى زور كۆلەمدە ئېچىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماگارادا رايونىدا يىلىغا 600 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر كۆمۈرلۈك ئاچتى. مىسىر ھۆكۈمىتى زور مالىيە كۈچىنى سەرپ قىلىپ، سىناينىڭ سانائەت يېزا ئىگىلىكىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تىرىشماقتا. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/47841.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#