جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى

جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى

مىلادىيە 1132-يىلىغا كەلگەندە سۇڭ گاۋزۇڭ ئاندىن لىنئەنگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. 1138-يىلى لىنئەننى رەسمىي پايتەخت قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن لىنئەننى ماكان تۇتۇپ ياتتى، لىنئەن شىمالدا خۇەيخې دەرياسى، چىنلىڭ تاغلىرى ئارقىلىق جىن سۇلالىسى بىلەن چېگرىلىناتتى. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغىچە جەمئىي توققۇز پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، 153 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.

ئۇيغۇرچە نامى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى
خەنزۇچە نامى 南宋
قىسقارتىلغان نامى 宋国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا
پايتەختى نەنجىڭ
ئەلباشى سۇڭ گاۋزۇڭ
نوپۇسى 80 مىليون
ئاساسلىق مىللىتى خەنزۇ
ئاساسلىق دىنى داۋجياۋ دىنى، بۇددا دىنى
سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھىلىق مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى«جىڭكاڭ ئۆزگىرىشى» يۈز بەرگەندىن كېيىن سۇڭ خۇيزۇڭنىڭ 9-ئوغلى كاڭ بېگى جاۋ گۇ يىڭتيەن مەھكىمىسى (ھازىرقى خېنەندىكى شاڭچيۇ ناھىيىسى) دە پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ، جەنۇبىي سۇڭ ئىمپېرىيىسىنى قۇردى. 1127-يىلى قىشتىن 1129-يىلى قىشقىچە بولغان ئارىلىقتا جىن سۇلالىسى قوشۇنى ئۇدا ئۈچ قېتىم جەنۇبقا ھۇجۇم قىلدى، سۇڭ گاۋزۇڭ − جاۋ گۇ يىڭتيەن مەھكىمىسىدىن ياڭجۇ، لىنئەن(ھازىرقى جېجياڭدىكى خاڭجۇ) ، مىڭجۇ(ھازىرقى جېجياڭدىكى نىڭبو) لارغا قېچىپ باردى، ئاخىر دېڭىز ئارقىلىق ۋېنجۇ(ھازىرقى جېجياڭدىكى ۋېنجۇ) غا كېلىۋالدى. جىن لەشكەرلىرى دېڭىزغىچە قوغلاپ كەلگەندە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ سۇ لەشكەرلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، 1130-يىلى يىلىنىڭ باشلىرىدا شىمالغا چېكىندى. مىلادىيە 1132-يىلىغا كەلگەندە سۇڭ گاۋزۇڭ ئاندىن لىنئەنگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. 1138-يىلى لىنئەننى رەسمىي پايتەخت قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن لىنئەننى ماكان تۇتۇپ ياتتى، لىنئەن شىمالدا خۇەيخې دەرياسى، چىنلىڭ تاغلىرى ئارقىلىق جىن سۇلالىسى بىلەن چېگرىلىناتتى. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغىچە جەمئىي توققۇز پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، 153 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.

جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، جىن سۇلالىسىگە قارشى تۇرغۇچى سانغۇنلار جىن سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغانىدى. خەن شىجۇڭ قوماندانلىقىدىكى خۇاڭتيەنداڭ(ھازىرقى جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ بىر بۆلەك سۇ يولى) جېڭى، ليۇ چى قوماندانلىقىدىكى شۇنچاڭ(ھازىرقى ئەنخۇيدىكى فۇياڭ) جېڭى، يۆ فېي قوماندانلىقىدىكى يەنچېڭ(ھازىرقى خېنەندىكى يەنچېڭ) جېڭى، ۋۇ جيې، ۋۇ لىنلار قوماندانلىقىدىكى خېشاڭيۈەن(ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىدىكى باۋجىنىڭ غەربىي جەنۇبى) جەڭلىرىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكتىن، جىن سۇلالىسىگە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلگەنىدى. لېكىن سۇڭ گاۋزۇڭ ۋە ۋەزىر چىن خۇي جاھىللىق بىلەن مۇرەسسەلىشىش سىياسىتى يۈرگۈزدى.

جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى

جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىشاۋشىڭ كېلىشىمىدىن كېيىن ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى ئازىيىپ، ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تىنچ شارائىت ھازىرلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى يوقىتىلغاندىن كېيىن شىمالدىكى ئاھالىلەر كەڭ-كۆلەمدە جەنۇبقا كۆچۈپ، جەنۇب ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلىدى. شۇڭلاشقا، جەنۇبنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكى خىلى تېز تەرەققىي قىلدى. جەنۇبنىڭ يېزا ئىگىلىكى، قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ۋە سودىسى ئىنتايىن گۈللىنىپ، شىمالدىن يەنىمۇ ئېشىپ كەتتى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى جەنۇبقا يۆتكەلدى. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئاساسىدا، جەنۇبتىكى شەھەرلەرمۇ تەرەققىي قىلدى. پايتەخت لىنئەننىڭ نوپۇسى 1 مىليون 200 مىڭدىن ئېشىپ، ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئاۋات شەھەرگە ئايلاندى.

 1141-يىلى قىشتا، سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جىن سۇلالىسى «شاۋشىڭ كېلىشىمى» نى تۈزدى، كېلىشىم بويىچە جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى جىن سۇلالىسىگە ئەل بولۇش، ھەر يىلى جىن سۇلالىسىگە 250 مىڭ سەر كۈمۈش، 250 مىڭ توپ يىپەك ئولپان تاپشۇرۇش ھەمدە شەرقتە خۇەيشۇي دەرياسىدىن غەربتە داسەنگۇەننىڭ شىمالىغىچە بولغان جايلارنى جىن سۇلالىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا بۆلۈپ بېرىش بەلگىلەندى. كېلىشىم ئىمزالىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، سۇڭ گاۋزۇڭ، چىن خۇيلار بىرلىشىپ يۆ فېيگە زىيانكەشلىك قىلىپ، تارىختىكى بىر چوڭ ناھەق دېلونى پەيدا قىلدى.

ئەپسۇسلىنارلىقى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە پايتەختنىڭ ئاۋاتلىشىشى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھ، ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىلا ساقلاپ يېتىشتەك چىرىك روھىي ھالىتىنى كۈچەيتىۋەتتى، ئۇلار ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا بېرىلىپ، شىمالدىكى قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى خىياللىرىغا كەلتۈرۈپمۇ قويۇشمىدى. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جەڭ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ۋەزىرلىرى ئىككى قېتىم شىمالغا جازا يۈرۈشى قىلدى، يەنى بىر قېتىم 1163-يىلى جاڭ جۈن باشچىلىقىدا، يەنە بىر قېتىم، 1206-يىلى خەن تۇجۇ باشچىلىقىدا شىمالغا جازا يۈرۈشى قىلىندى، بىراق ھەر ئىككى قېتىملىقى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە ئۆتكۈر مىللىي زىددىيەت ئىچىدە تۇرۇپ كەلدى، ئالدى بىلەن سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جىن سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى، شاۋشىڭ كېلىشىمىدىن كېيىن زىددىيەت بىرئاز پەسەيدى. مىلادىيە 1234-يىلى موڭغۇللار جىن سۇلالىسىنى يوقاتتى، نەتىجىدە سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جىن سۇلالىسىنىڭ زىددىيىتى سۇڭ سۇلالىسى بىلەن موڭغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئايلاندى. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا ھوقۇقدار ۋەزىر جيا سىداۋ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى، دۆلەت ئاجىزلاپ قۇدرەتلىك موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، 1279-يىلى مۇنقەرز بولدى. موڭغۇللار يۈەن ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈردى. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ھېسابلىغاندا، جاۋ جەمەتى قۇرغان سۇڭ سۇلالىسى 320 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#