- غۇنچە ئۈزۈم ()
- غۇنچە ئۈزۈم (ئۆسۈملۈك)
غۇنچە ئۈزۈم
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
غۇنچىئۈزۈمغۇنچە ئۈزۈم بولسا ئۈزۈم ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق، ئۈزۈمگە ئۇرۇقداش پىلەك تارتىپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، پىلىكى بىر مېتىردىن ئۈچ مېتىرغىچە كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئالقانسىمان يېرىلىدۇ؛ گۈل رېتى كونۇس شەكىللىك بولۇپ، يوپۇرماقنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆسىدۇ، گۈلى سۇس يېشىل، مېۋىسى كىچىك شىرنىلىك مېۋە بولۇپ، جىگەررەڭ كېلىدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرپان، پىچان، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدىن كۆپرەك چىقىدۇ.
ئۆتنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش، بەدەننى تازىلاپ، قىزىلنى سىرتقا تەپكۈزۈش؛ سۈيدۈك ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش، جىگەرنى ئاسراش.
گلوكوزا، مېۋە قەنتى، ساخاراروزا، ئالما كىسلاتاسى، يوپۇرماق كىسلاتاسـى، ئۈزۈم كىـسـلاتاسـى، گـلـوـكوزىد، ئاقسىل، Fe, P, Ca، كاروتـىـن، ۋىـتـامـىـنلاردىـن ۋىـتـامـىـن C، ۋىتامـىـن B2، ۋىـتـامـىـنPP، ئۇنىـڭدىـن باشـقا Procyanidol, Oenin Malridin, Delphinidin, Cyanidin. ئۇرۇقىدا ماي،Catechol، موزا كىسلاتاسى Phosphatidic acid قاتارلىقلار بار.
1. غۇنچە ئۈزۈمنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلار قىزىتمىسى، سىزلام، ھامىلە تەۋرەپ، بىئارام قىلىشقا مەنپەئەتلىك.
2. غۇنچە ئۈزۈمدىن 20 گرام، يۇمغاقسۈت يىلتىزىدىن 10 گرام ئېىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى قىزىل چىقىپ، سىرتقا تەپمىگەنگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. غۇنچە ئۈزۈم 15 گرام، كاكىنەچ، سېمىز ئوت 10 گرام، ئىتئۈزۈمى 5 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سىزلامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. غۇنچە ئۈزۈم، چىلان، ئارپىبەدىيان، كاسىنە، زىرىق 20 گرامدىن ئېلىپ شېكەر قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.
شەربىتى غۇنچە ئۈزۈم
قىزىل، ئۆتكۈر قىزىتما، سىزلام(سۆزنەك)،، جىگەر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.