ئارگېنتىنا

ئارگېنتىنا

 ئارگېنتىنانىڭ تولۇق ئاتىلىشى ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتى. ئارگېنتىنا دېگەن ئىسىم لاتىن تىلىدىكى ‹‹كۈمۈش›› دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئارگېنتىنا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر 23 ئۆلكە ۋە فېدېراتسىيە پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېسدىن تەركىب تاپقان زۇڭتۇڭ تۈزۈمى، فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت.

ئۇيغۇرچە نامى ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى ئارگېنتىنا 阿根廷
ۋاقىت رايونى غەربى 3- ۋاقىت رايونى
دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى
نوپۇس زىچلىقى 16.22 ئادەم/ كىۋادرات كىلومېتىر(2014-يىل)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿根廷共和国
قىتئە تەۋەلىكى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى
پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېس
نوپۇسى 41 مىليون 800 مىڭ(2014-يىل)
يەر مەيدانى 2 مىليون 780 مىڭ 400 كۇۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارگېنتىنا ئارگېنتىنانىڭ تولۇق ئاتىلىشى ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتى. ئارگېنتىنا دېگەن ئىسىم لاتىن تىلىدىكى ‹‹كۈمۈش›› دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئارگېنتىنا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر 23 ئۆلكە ۋە فېدېراتسىيە پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېسدىن تەركىب تاپقان زۇڭتۇڭ تۈزۈمى، فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت. چىلى، بولىۋىيە، پاراگۋاي، برازىلىيە، ئۇرۇگۋاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتاشقان. ئارگېنتىنانىڭ كۆلىمى 2 مىليون 780 مىڭ 400 كۇۋادىرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 

41 مىليون 800 مىڭ(2014-يىل)، دۆلەت بايرىمى (1810-يىلى) 5 -ئاينىڭ 25-كۈنى. پايتەخت بوئىنۇس-ئايرىس، ئاھالىسى 11 مىليون دۆلەت نوپۇسى  39 مىليون 922 مىڭ.

ئارگېنتىنائىسپانىيىلىكلەر كېلىشتىن ئىلگىرى شىمالدىكى بىر قىسىم زىمىنى ئىنگا ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، جەنۇبىدا ماپۇتا دۆلىتى ھۆكۈم سۈرگەن. 16-ئەسىردە ئاستا-ئاستا ئىسپانىيە مۇستەملىكىسىگە ئايلانغاندىن كېيىن ئىككىنچى مىسوپاتامىيە(يەنى مۇنبەتلىگى ئىراقتىكى ئىككى دەريا ئارىلىقىغا سېلىشتۇرما قىلىنغان ئوروگۋاي دەرياسى بىلەن پاراگۋاي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقۇرى ئۈنۈملۈك تېرىلغۇ يەرلەر)، پامپاس مۇنبەت تۇپرىقى ۋە پاتاگونىيە ئوتلىقىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بىلەن زور كۆپ ساندىكى ئىسپانىيىلىكلەر كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1820-يىلى مۇستەقىللىق ئىنقىلاۋى پارتىلاپ 1826-يىلى بولىۋىيە، پاراگۋاي، ئۇرۇگۋايلار بىلەن بىرلىكتە مۇستەقىل بولغان، كېيىن باشقا دۆلەتلەر بىر-بىرلەپ ئايرىلىپ ئايرىلىپ كېتىپ قالدى زىمىندا بۈگۈنكى ئارگىنتىنا شەكىللەنگەن. مۇستەقىل بولغاندىن تارتىپ ئىزچىل مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقتا تۇرۇپ كەلگەن ئارگېنتىنادا 2001-يىلىدىكى ئىقتىسادى كىرزىستىن كېيىن تۇنجى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ھاكىمىيەت تىكلەندى.

ئاھالىنىڭ %85 نى  ئىسپانىيىلىكلەر ئەۋلادى، %12 نى ئىتالىيىلىكلەر ئەۋلادى ئىگەللەيدۇ. يەنە %3 ئارىلاشما قانلىقلار، ئىندىئانلار ۋە نېگىرلار بولۇپ ئىسپان تىلى دۆلەت تىلى. ئاھالىنىڭ  %92 دىن كۆپرەگى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پروتىستانتلار %2، يەھۇدىلار%2، مۇسۇلمانلار %1.6 ى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ.

ئارگېنتىنائارگىنتىنا پىسۇسى، (2006-يىلى) 3.054 پىسۇ = بىر دوللار. 2004-يىلى 2.92 پىسۇ = بىر دوللار. 2002-يىلى 3.06 پىسۇ = بىر دوللار 

دۆلەت بايرىقى

ئارگېنتىنائارگىنتىنانىڭ دۆلەت بايرىغى سۇس كۆك، ئاق، سۇس كۆك رەڭلىك، ئۆز ئارا تەڭ تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدىن تۈزۈلگەن شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە بايراقتۇر. بۇ بايراقنى 1812-يىلى فېۋرالدا مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ رەھبىرى  ماننۇ ئېيربېلگرانۇ لايىھىلىگەن. 1807-يىلى ھاۋا رەڭ ۋە ئاق رەڭلىك ھەربىي فورمىسىنى كىيگەن ئارگىنتىنا ئەسكەرلىرى مۇستەملىكىچىلىك قوشۇنىنىڭ كۆپ قېتىم ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ پايتەختنى قوغداپ قالغان. بۇ غەلىبىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئارگىنتىنا دۆلەت بايرىغىغا ئەسكەرلەر فورمىسىنىڭ رەڭگىنى ئىشلەتكەن. دۆلەت بايرىغى ئۈستىدىن ئاستىغىچە سۇس ھاۋا رەڭ، ئاق رەڭ ۋە سۇس ھاۋا  رەڭلىك توغرا بەلدەمدىن تەركىپ تاپقان، ئوتتۇرسىغا «ماي قۇياشى» سىزىلغان. ئاق ۋە سۇس ھاۋا رەڭ  ئادالەت بىلەن ھەققانىيەتنى نامايەن قىلغان ،«ماي قۇياشى» بولسا، ئارگىنتىنانىڭ  مۇستەقىللىق ھەركىتى قوزغالغان كۈنىم1810-يىلى 25-ماينى بىلدۈرگەن. قان ئەركىنلىك ئۈچۈن ئاققان، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۇرغۇغان ، قانلار دەريا بولۇپ ئاققان دەھشەتلىك  بوران-چاپقۇندا دۇنياغا كەلگەن  بۇ بايراق ئارگىنتىنا خەلقىنى باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، مۇستەملىكىچىلەرنى ۋەتەن زىمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا يېتەكلىگەن. 1816-يىلى  ئىيۇلدا رەسمى دۆلەت بايرىغى قاتارىدا  ئارگىنتىنانىڭ  بىپايان كەڭ كۆك ئاسمىنىدا جەۋلان قىلغان.  ئاق رەڭنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىسى ‹‹ماي قۇياشى››. قۇياشنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ ئەگرى ۋە تۈز نۇر سىزىقلار تارتىلغان. سۇس كۆك رەڭ ھەققانىيەتنىڭ سىمۋولى. ئاق رەڭ ئېتىقاد ،پاكلىق، دۇرۇسلۇق ۋە ئالىيجانابلىقنىڭ سىمۋولى. قۇياش ئەركىنلىك ۋە سۈبھى قۇياشنىڭ سىمۋولى.

دۆلەت گېربى 

ئارگېنتىنادۆلەت گېربىدە ئىككى قول بىلەن چىڭ تۇتۇپ تۇرغان بىر «ئەركىن خادا» بولۇپ ئۇنىڭغا بىر قىزىل «ئەركىن تۇماق » كىرگۈزۈپ قويۇلغان . بۇ خادا بىلەن تۇماق فرانسىيە ئىنقىلاۋىدىن كەلگەن بولۇپ ،مۇستەقىللىق  ۋە ئەركىنلىككە سىمۋول قىلىنغان . جەنۇبىي ئامىركىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت گېربىگە مۇشۇ ئىككى خىل نۇسخا سىزىلغان . چىڭ تۇتۇشۇپ تۇرغان  ئىككى قول  ئارگىنتىنانىڭ بىرلىكى ۋە ئىتىپاقلىغىنى كۆرسەتكەن  ،دۆلەت گېربىنىڭ  چوققىسىدىكى «ماي قۇياشى » ئەركىنلىك بىلەن تاڭ نۇرىنى بىلدۈرگەن .

ئارگېنتىنا مۇنبەت زىمىن ۋە ساپالىق پۇخرالىرى بىلەن 100 يىل ئاۋال دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت شەرىپىگە ئېرىشكەن ئارگېنتىنا كېيىنكى زامانىۋى سانائەت ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا سەل كېيىن قالغان بولسىمۇ يەنىلا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نىسبەتەن باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئارگېنتىنا زىمىنىنىڭ يېرىمىدىن كۆپ زىمىنى مۇنبەت ئوتلاق، %10زىمىنى مۇنبەت تېرىلغۇ يەر بولۇپ  تېرىقچىلىق ۋە كالا باقمىچىلىقى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كانچىلىق، نېفىت ۋە مېتاللورگىيە، ماشىنىسازلىق سانائىتى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %9.5، سانائەت %35.8، مۇلازىمەت %54.7 نى ئىگەللەيدۇ. 2006-يىلى مۇقىم تېلفون ئابونتى 8 مىليون 855 مىڭ، يانفون ئابونتى 22 مىليون 154 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 13 مىليون بولغان.

2006 -يىلى ئارگېنتىنانىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 161مىليارت 899 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 4100 دوللار توغرا كەلگەن. ئارگېنتىنانىڭ 2002-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %8-%9 بولۇۋاتىدۇ.[0]


41 مىليون 800 مىڭ(2014-يىل)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#