سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى

جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى

 1900-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگو خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگلىيە، روسىيە، ياپونىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت تاجاۋۇزچى ئارمىيە تەشكىللەپ، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى سېيمورنىڭ باشچىلىقىدا داگۇ ئارقىلىق تيەنجىندىن ئۆتۈپ بېيجىڭغا بېسىپ كىرىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى باشلىدى.

نامى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى
ئورنى جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى
ۋاقتى 1900-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈندىن 1901-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنگىچە
چەتئەلچە نامى The Siege of the International Legation
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى چىڭ سۇلالىسى، يىخېتۇەن
ھەربىي كۈچ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى 80 مىڭ ئادەم، يىخېتۇەن 300 مىڭ ئادەم
خەنزۇچە نامى 八国联军侵华战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى1899-يىلى كۈزدىن باشلاپ جۇڭگودا داغدۇغىلىق يىخېتۇەن ھەرىكىتى كۆتۈرۈلدى، ئۇلار «چىڭ سۇلالىسىنى يۆلەپ، ئەجنەبىيلەرنى يوقىتىش» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كۈرەشنىڭ تىغ ئۇچىنى جاھانگىر تاجاۋۇزچى كۈچلەرگە بىۋاسىتە قاراتتى. 1900-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگو خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگلىيە، روسىيە، ياپونىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت تاجاۋۇزچى ئارمىيە تەشكىللەپ، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى سېيمورنىڭ باشچىلىقىدا داگۇ ئارقىلىق تيەنجىندىن ئۆتۈپ بېيجىڭغا بېسىپ كىرىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى باشلىدى.

جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى1900-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگو خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگلىيە، روسىيە، ياپونىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى لوفا، لاڭفاڭ ئەتراپىدا يىخېتۇەنچىلەرنىڭ قورشاپ زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ ئېغىر تالاپەت تارتىپ، تيەنجىندىكى كونسېسسىيىسىگە چېكىنىپ كىرىۋالدى. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى تيەنجىننى ئىشغال قىلدى. 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇلار يەنە ئەسكىرىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تيەنجىندىن بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلدى. 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى بېيجىڭنى ئىشغال قىلدى. سىشى تەيخۇ گۇاڭشۈي خاننى ئېلىپ شىئەنگە قېچىپ كەتتى. 9-ئايدا تاجاۋۇزچى ئارمىيىنىڭ سانى100 مىڭغا يەتتى، گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى ۋالدېرزى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى.

سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى بارغانلا جايىدا، بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىپ، پۇقرالارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن يېزا-بازارلارنى قۇرۇقداپ قويدى. بېيجىڭغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەممىلا جايدا بايلىقلارنى بۇلاپ-تالاپ، ئوت قويۇپ قىرغىنچىلىق قىلىپ، قىز-ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى. خان ئوردىسى ۋە يېخېيۈەندىكى بىباھا كىتابلار، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاز ئۇچرايدىغان دۆلەت گۆھەرلىرىمۇ ئۇلار تەرىپىدىن تالان-تاراج قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاررۇسىيىمۇ 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر چىقىرىپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى بېسىۋالدى. 

جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىبىرلەشمە ئارمىيەدىن 600 ~ 2500 ئادەم قازا قىلدى ۋە يارلاندى.  

چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنىدىن  15 ~ 20 مىڭ ئادەم قازا قىلدى ۋە يارلاندى. 

جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى1901 -يىلى 9-ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى روسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق 11 دۆلەت بىلەن «شىنچۇ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى، ئۇرۇش ئاياغلىشىپ، جۇڭگو پۈتۈنلەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى پۈتۈنلەي جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىكى قورالىغا ئايلىنىپ، «ئەجنەبىيلەرنىڭ سۇلالىسى» بولۇپ قالدى.

سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى غەلىبە قىلىپ، « شىنچۇ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى مەغلۇپ بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/567426.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#