سۆگەت بۇلاق
سۆگەت بۇلاق، ئۇيغۇر تىلدىكى مەنىسى «ئات سۇغۇردىغان بۇلاق» دىگەن مەنىدە بۇلۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى سۇيۇتقا كەنتى تەۋەسىدىكى يېشىل ئوت-چۆپ سۆگەت ئورمانلىقىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۆگەت بۇلاقسۆگەت بۇلاق، ئۇيغۇر تىلدىكى مەنىسى ئات سۇغۇردىغان بۇلاق دىگەن مەنىدە بۇلۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى سۇيۇتقا كەنتى تەۋەسىدىكى يېشىل ئوت-چۆپ سۆگەت ئورمانلىقىنىڭ ئوتتۇرسىدا، تاغنىڭ شىمالىي ئاقتوقاي تېغىنىڭ جەنۇبىي بىلەن يېقىن، ئۇچتۇرپان بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5 كىلومېتىر كېلىدۇ.
سۆگەت بۇلاقيازلىق ساياھەت پەسلىدكى ھاۋاسى ئوچۇق، ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان، مۇھىتى ئىنتايىن نەپىس بۇلۇپ سانسىزلىغان ساياھەتچىلەر مەنزىرە تاماشا قىلغاچ، بۇ يەردە ئارام ئېلىشقان.
«شىنجاڭنىڭ روۋېر خىمىيە سانائىتى تەزكىرىسى» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا: «سۆگەت بۇلاقنىڭ ئورنى ئۈچ مو. بۇلاقنىڭ سۈيىنىڭ سۈزۈكلىكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . 1960-يىلى قەدىمىي سۆگەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. كېيىن بىرنەچچە قېتىم رېمونىت قىلىش ئارقىلىق سۆگەت بۇلاقنىڭ مەنزىرىسى ياخشىلانغان. بۈگۈنكى كۈندە سۆگەت بۇلاقنىڭ يېنىدا قەدىمىي سۆگەت ۋە كىچىك دەرەخلەر بولۇپ، يېڭىدىن تىكىلگەن سۆگەتلەر مەجنۇنتاللارغا ئارلىشىپ يېشىللىققا تولدۇرغان. بۇلاق سىرتىدا كۆلىمى 100 مو كېلىدىغان يېشىل مەيدان بار، مەيداننى قاتار ئۆسكەن سۆگەت ئوراپ، خۇددى قورشاۋ تامدەك كۆرۈنىدۇ، بۇلار ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت يىغىنى، مۇسابىقە مەيدانى ھەر يىلى ئەتىيازدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، نورۇز بايرىمى قاتارلىق پائالىەتلەر ۋە دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۇ يەردە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.