پۇل پاخاللىقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تاۋار بازىرىدا باھانىڭ ئۆرلەپ-چۈشۈپ تۇرۇشى دائىم بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنى ئاساسلىقى تاۋار قىممىتى ۋە تەمىنلەش بىلەن تەلەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن، ئەگەر مەلۇم بىر مەزگىلدە مال باھاسى ئومۇميۈزلۈك مۇقىم ئۆرلىگەن بولسا، بۇنى تاۋارنىڭ قىممىتى ۋە تەمىنلەش بىلەن تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولماستىن، بەلكى پۇل پاخاللىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ.مۇئەييەن مەزگىلدە، تاۋار ئوبوروتى جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولغان پۇل مىقدارى تاۋار باھاسىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنى بىرلىك پۇلنىڭ ئوبوروت قېتىم سانىغا بۆلگەنگە باراۋەر كېلىدۇ. ئالتۇن، كۈمۈش پۇل ئوبوروتىغا قاتناشتۇرۇلغان شارائىتتا، ئەگەر ئوبوروت جەريانىدىكى پۇل مىقدارى تاۋار ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتسە، بىر قىسىم پۇل ئوبوروتتىن چېكىندۈرۈلۈپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئادەتتىكى ئىجتىمائىي بايلىق سۈپىتىدە ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئوبوروتتىكى پۇل مىقدارى تاۋار ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىدىن ئاز بولسا، ساقلاپ قويۇلغان پۇل ئوبروتقا قاتناشتۇرۇلىدۇ. مۇشۇنداق ئىستىخىيىلىك تەڭشەش ئارقىلىق، ئوبوروتتىكى پۇل مىقدارىنى تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى بىلەن ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن، قەغەز پۇلنىڭ ئوبوروت ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. قەغەز پۇلنىڭ ئۆزى قىممەتكە ئىگە ئەمەس، ئۇ پەقەت مەجبۇرىي ئوبوروتنىڭ قىممەت بەلگىسىدىنلا ئىبارەت، خالاس. ئومۇمەن ئېيتقاندا، قەغەز پۇلنى ئالتۇنغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ساقلاش ۋاسىتىسى قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ قانچىلىك قەغەز پۇل تارقىتىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئوبوروت ئىچىدە تۇرىدۇ. ئۇنداقتا، ئەگەر قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتسە، بىرلىك پۇل ۋەكىللىك قىلىدىغان قىممەت كىچىكلەيدۇ، يەنى پۇل پاخاللىشىدۇ. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاۋارنىڭ قىممىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، شۇڭا، پۇل پاخاللىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى تاۋارنىڭ باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ.
بىر دۆلەتتە، قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارىنىڭ تاۋار ئوبوروت ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ خىل بولىدۇ، بىراق ئاخىرقى نەتىجىسى يەنىلا مال باھاسى سەۋىيىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىشىدىنلا ئىبارەت. ئېغىر پۇل پاخاللىقى خەلق ئىگىلىكىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، چوقۇم تەدبىر قوللىنىپ، پۇل پاخاللىقىنى پەسەيتىش ۋە چەكلەش كېرەك.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.