زايومغا مەبلەغ سېلىش تاكتىكىسى

زايومغا مەبلەغ سېلىش تاكتىكا ئۇسۇلنى قوللانغاندا سېتىۋېتىشنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ ھېسابلاش كېرەك.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىرىنچىدىن، زايومنى كېچىكىپ سېتىۋېلىپ، بالدۇر تېگىشىپ مەبلەغدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئادەتتە زايوم تارقىتىشنىڭ مەلۇم مۇددىتى بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە زايوم سېتىۋالماقچى بولغاندا، ياخشىسى ئەڭ ئاخىرقى كۈنى سېتىۋېلىش كېرەك. قەرەلى توشۇپ تېگىشىدىغاندىمۇ ئوخشاشلا تېگىشىۋېلىش مۇددىتى بولىدۇ، شۇڭا تېگىشىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى تېگىشىۋېلىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا مەبلەغنىڭ ئىگىلىنىش ۋاقتىنى ئازايتىپ، زايومغا مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدا نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

ئىككىنچىدىن، كونىسىنى سېتىۋېتىپ، يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يېڭى زايوم تارقىتىلغاندا، كونا زايومنى سېتىۋېتىپ، ئاندىن دىرى ۋە ئۆسۈمىنى قوشۇپ يېڭى زايوم سېتىۋېلىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، ئېرىشكەن پايدا كونا زايومنىڭ قەرەلىنى توشقۇزۇپ تېگىشكەندە ئېرىشىدىغان پايدىدىن كۆپ بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا سېتىۋېتىشنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ ھېسابلاش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، پايدىسى يۇقىرى زايومنى تاللاش كېرەك. زايوم پايدىسى ئامانەت پۇل بىلەن پاي چېكى، فوندىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان مەبلەغ سېلىش قورالى بولۇپ، بىخەتەرلىكى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا زايومغا مەبلەغ سالغاندا، پايدىسى يۇقىرى بولغان كارخانا زايومى، ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولىدىغان زايومنى يۈرەكلىك سېتىۋالسا بولىدۇ. شەخسىي مەبلەغ سالغۇچىلار سودا بېرژاسىنىڭ تاختىيىدا ئېلان قىلىنغان ھېساب خاتىرىلەيدىغان زايوم، كارخانا زايومى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان زايومنى ئېلىپ – ساتسا بولىدۇ. زايومنى ئېلىپ ساتسا %0.1 لىك شېرىنكانە ئېلىنىدۇ، باشلىنىش نۇقتىسى بەش يۈەن بولىدۇ، باشقا خىراجەت ئېلىنمايدۇ. نۆۋەتتە بازارغا سېلىنغان زايوملارنى سېتىۋېلىش ۋە سودا قىلىشتا ۋېكسېل ھېسابى ياكى فوند ھېسابىدىن پايدىلىنىش كېرەك. 

تۆتىنچىدىن، قەرەلى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا پۇل ئامانەت ياكى زايومنى تاللاشقا توغرا كەلگەندە ياخشىسى زايوم سېتىۋېلىش كېرەك.زايوم بازىرى كۆپ داۋالغۇمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭدا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش خەۋپ – خەتىرى، ئۆسۈم نىسبىتى خەۋپ – خەتىرى ۋە پۇل پاخاللىقى خەۋپ – خەتىرى مەۋجۇت. بۇ ئۈچ خىل خەۋپ – خەتەردىن باشقا، زايومدا يەنە ھەق تۆلەپ ياندۇرۇۋېلىش خەۋپ – خەتىرى، ئوبوروتچانلىق خەۋپ – خەتىرى بولىدۇ. ھەر بىر خىل خەۋپ – خەتەرنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار ، مەبلەغ سالغۇچىلار مۇناسىپ مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ. زايومنىڭ قايتۇرۇلۇش ئىناۋىتىگە ئاساسەن، خەلقئارادا زايومنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى باھالىنىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىناۋەت خەۋپ – خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە قولايلىق.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#