ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى

ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى

ئوسكار مۇكاپاتى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي پەخرىي كىنو مۇكاپاتى. نۆۋەتتە، دۇنيا بويىچە تەسىرى ئەڭ زور، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن كىنو مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ساھەسى ھەمدە ئىلىم - پەن ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.


ئۇيغۇرچە نامى ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى
چەتئەلچە نامى Academy Award
تارقاتقۇچى ئۇرۇن ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە ئىلمى ئىنستىتۇتى
خەنزۇچە نامى 奥斯卡金像奖
تارقىتىلغان ۋاقتى 1929-يىلى
تور بېكتى http://oscars.org/

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىئوسكار مۇكاپاتى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي پەخرىي كىنو مۇكاپاتى. نۆۋەتتە، دۇنيا بويىچە تەسىرى ئەڭ زور، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن كىنو مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ساھەسى ھەمدە ئىلىم - پەن ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.

1929- يىل 1 - ئايدا «كىنو سەنئىتى بىلەن ئىلىم - پەننى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش» ئۈچۈن، ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ساھەسى بىلەن ئىلىم - پەن ئىنستىتۇتى «ئىنستىتۇت مۇكاپاتى» (ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ رەسمىي ئاتىلىشى) تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان. شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ھوللېۋودتىكى روزۋېلت مېھمانخانىسىدا تۇنجى قېتىملىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، جەمئىي 15 دانە ئالتۇن ھەيكەل تارقىتىلغان.

1929-يىلى ئەمىل جەننىڭس «ئاخىرقى بۇيرۇق» ۋە «بارچە كىشىلەر يولىدا» ناملىق كىنودىكى ئىپادىسى بىلەن تارىختىكى تۇنجى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مىستىن ياسىلىپ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن بۇ ھەيكەل كىنو پليونكىسىنىڭ ئۈستىدە قىلىچ تۇتۇپ تىك تۇرغان باتۇر ئەزىمەتنىڭ ئوبرازى بولۇپ، دەسلەپتە ئىسمى يوق ئىدى. 1931-يىلىغا كەلگەندە ئىنستىتۇتقا يېڭىدىن كەلگەن ئايال كاتىپ بۇ ھەيكەلنى كۆرۈپلا تاغىسى ئوسكارنى ئەسلەپ ۋارقىراپ تاشلىغان، بىر مۇخبىر ئۇنىڭ سۆزىنى دەرھال گېزىتتە ئېلان قىلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر بۇ ھەيكەلنى «ئوسكار ئالتۇن ھەيكىلى» دەپ ئاتىغان. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئالتۇن ھەيكەل ئىسىمغا ئىگە بولغان.

ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى بىرىنچى قاراردىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە (1930 - يىلى ۋە1933 - يىلىدىن سىرت) ھەر يىلى بىر قېتىم تارقىتىلىپ كېلۋاتىدۇ. ھەر يىلى ئۈچىنچى ئاي ئەتراپىدا ئالدىنقى بىر يىللىق كىنو ۋە شۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنى باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش بەلگىلەنگەن. باھالاپ تاللاش ۋە مۇكاپات تارقىتىشقا ئىنستىتۇت تەشكىللىگەن مەخسۇس باشقۇرۇش كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ قارىمىقىدا 13 شۆبە جەمئىيەت تەسىس قىلىنغان، ئۇلار فىلىم ئىشلىگۈچىلەر جەمئىيىتى، رېژىسسورلار جەمئىيىتى، سېنارىستلار جەمئىيىتى، ئاكتيورلار جەمئىيىتى ۋە ئوپېراتورلار جەمئىيىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. باھالاپ تاللاش ئىسىم كۆرسىتىش ۋە بېلەت تاشلاشتەك ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. ئالدى بىلەن ھەرقايسى جەمئىيەتلەر بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بەش (ياكى بەشتىن ئاز بولغان) نامزاتنى تاللاپ چىقىدۇ، ئاندىن ئىنستىتۇت ئەزالىرى (نۆۋەتتە تەخمىنەن3200 ئادەم) بېلەت تاشلاپ، ئەڭ ياخشى فىلىمنى تاللاپ چىقىدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىن كەسىپ تۈرلىرى بويىچە ئەڭ ياخشى ئاكتيور، رېژىسسور، سېنارىست، ئوپېراتور قاتارلىقلارنى سايلاپ چىقىدۇ. باھالاش مەخپىي ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئېچىلغاندا، رىياسەتچى تەرىپىدىن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا پېچەت ئېچىلىپ مۇكاپاتلىنىدىغان ئىسىملىك ئېلان قىلىنىدۇ.

ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى باشتىن - ئاخىر ئامېرىكا ھوللېۋودنىڭ داغدۇغىلىق بايرىمى بولۇپ كەلمەكتە. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق بۇ مۇراسىمنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تارقىتىدۇ. مۇراسىمدا تارقىتىلىدىغان مۇكاپات تۈرى 23 تۈر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئايال ئاكتيور ۋە ئەر ئاكتيور مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىدىن باشقا، يەنە ئەڭ ياخشى ئوپېراتور، گۈزەل سەنئەت خادىمى، كىيىم لايىھىلىگۈچى، ئەسلىي ئاپتورى، ئۆزگەرتكەن سېنارىست، مۇزىكا سەپلىگۈچى، كېسىپ ئۇلىغۇچى، كۆرۈش سېزىم ئۈنۈمى، كومپوزىتور، ئاۋاز مۇكاپاتى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە كىنو ساھەسىدە زور نەتىجە ياراتقان پېشقەدەم ئاكتيورلار ۋە كىنو خادىملىرىغا بېرىلىدىغان »ئالاھىدە مۇكاپات «ھەمدە بەلگىلىك ساندىكى تولۇقلاپ بېرىش مۇكاپاتىمۇ بار.

مەملىكىتىمىزنىڭ كومپوزىتورى سۇسۇڭ «ئاخىرقى پادىشاھ» فىلىمىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، ئوسكار مۇزىكا ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مەملىكىتىمىزنىڭ رېژىسسورى جاڭ يىمو رېژىسسورلۇق قىلغان «قىزىل پانۇس ئېسىلدى» بىلەن «چيۇجۇنىڭ ئەرز قىلىشى» دېگەن فىلىملەر65 -،66 - نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىچوڭ كىچىكلىكى، 34سانتىمېتىرلىق ئېگىزلىكى ۋە 3.85كىلوگراملىق ئېغىرلىقى ھەقىقەتەنمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ خوشاللىقى ۋە مەغلۇب بولغۇچىلارنىڭ ئەپسۇسلۇقى بىلەن ماس كەلمەيدۇ. لايىھەلىگۈچى ئەينى چاغدا بەلكىم بۇ كىچىك ئالتۇن ئادەمنىڭ بۇنچىلىك كۆپ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. تۈمەنلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزەر نۇقتىسى بولغان چولپانلارمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئىستىكىنى يۇشۇرالمايدۇ، ھامان بىر كۈنى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

ياسالغان تەركىبى، ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى 1929-يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دەسلەپكى نەچچە يىلدا مىستىن ياسالغان، كېيىن مىس-نېكىل قېتىشمىسىدىن ياسىلدىغان بۇلۇپ ئاخىرىدا كىچىك ئالتۇن ھەيكەل 24 كاراتلىق يالتىراپ تۇرىدىغان ئالتۇن ھەيكەلگە ئايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گەجدىنمۇ ياسالغان، بىراق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردىن ھەقىقىي ئالتۇن ھەيكەل ئالماشتۇرۇپ بېرىلگەن.

مۇكاپات لوڭقىسى ئەمەلىيەتتىكى قىممىتى، ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئىقتىساد نۇقتىسىدىن قارىغاندا شۇنداق. گەرچە ئالتۇندىن ياسالسىمۇ، بىراق 1950-يىلدىن باشلاپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بۇ مۇكاپات لوڭقىسىنى سېتىش چەكلىنىش ھەققىدىكى بىر تۈرلۈك كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشى كېرەك بولدى. ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى مۇكاپات لوڭقىسىنى ساقلىمايدىغان بولسا، ئاكادېمىيە لوڭقىنى قايتۇرىۋالىدۇ، بىراق قايتۇرۇۋېلىش باھاسى پەقەت بىر ئامېرىكا دوللىرى. ئەمما ئىلگىرى كىشىلەر قاراڭغۇ بازاردا ناھايىتى قىممەت پۇلغا سېتىلغان مۇكاپات لوڭقىسىنى كۆرگەن.

تۇنجى تەلەيلىك شەخس، 1929-يىلى ئەمىل جەننىڭس «ئاخىرقى بۇيرۇق» ۋە «بارچە كىشىلەر يولىدا» ناملىق كىنودىكى ئىپادىسى بىلەن تارىختىكى تۇنجى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى قارا تەنلىك ئايال، ۋىۋيان لېي «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» فىلىمىدىكى سىكارلىت رولى بىلەن كىچىك ئالتۇن ھەيكەلنى قولىغا ئالغان. كىنودا قارا تەنلىك ئانا رولىنى ئالغان خەتتى ماكدەنىل كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولۇپ، بۇ رول بىلەن ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى قارا تەنلىك ئايال بولۇپ قالغان، بىراق مۇكاپات تارقىتىش كېچىلىكىدە ئۇ ئىرق ئايرىش رايونىدا ئولتۇرغان.

ئوسكار مۇكاپاتىنى رەت قىلغان تۇنجى كىشى، مارلون براندو «ئاتاق ئاتا» (ئۇيغۇرچىگە «ئاتامان» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) فىلىمى بىلەن ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بىراق مۇكاپات تارقىتىش كېچىلىكىگە ئۆزى كەلمەي، بىر ھىندىئان قىزچاقنى سەھنىگە چىقىپ مۇكاپاتنى ئېلىشقا ئەۋەتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمېتىنىڭ ھىندىئانلارغا بولغان ئادالەتسىز سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىسى، ئەن خاسۋېي، ھيۇ جەكمەن ۋە سىتىف مارتېن قاتارلىقلار رىياسەتچىلىك قىلىپ باققان بولۇپ، ئۇلار نەق مەيدان كەيپىياتىنى كۆتۈرۈشكە ناھايىتى ماھىر. بۇنىڭ ئىچىدە بوب خوپ 19قېتىم رىياسەتچى بولغان بولۇپ، بۇ ئالاھىدە شەرەپكە ئەڭ كۆپ قېتىم ئېرىشكەن كىشىدۇر.

ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوسكار، تارىختا ئىككى قېتىم ئوسكار ئىسىملىك كىشى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەھۋال بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى دەل ئوسكار خەممىرىستەين ئىككىنچى. ئۇ 1942-يىلى ۋە 1946-يىلى ئىككى قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئوسكار بىلەن تەقدىرى قوشۇلغان كىشىلەر، مەرىل سىترىت 18 قېتىم نامزاتلىققا ئېرىشىپ، تارىختىكى نامزاتلىققا ئېرىشكەن سانى ئەڭ كۆپ ئايال ئارتىس بولۇپ قالدى. كەسىرىن خېپبۇرن تۆت قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق ئوسكار خانىشىدۇر. جەك نىكولسون نامزاتلىققا ئېرىشىش سانى ئەڭ كۆپ ئەر ئارتېس بولۇپ، ئۈچ قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[4]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئىزدىنىش تورى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#