شىقىلداق

شىقىلداق

شىقىلداق قوڭغۇراقگۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، شىقىلداققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئۆپكىنى تازىلاش، خىلىت ھاسىل قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى شىقىلداق
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 沙参
تەبىئىتى ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىقىلداقشىقىلداق قوڭغۇراقگۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، شىقىلداققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تۈۋىدىن تىك ئۆسىدۇ. ئېگىزلىكى 50 - 001 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى توم، كۇنۇس شەكلىدە، سىرتقى پوستى توق خورما رەڭدە بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى تېمىنىسىمان بولۇپ، گىرۋىكى رەتسىز ھەرە چىشلىق كېلىدۇ؛ گۈل رېتى كونۇسسىمان بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ. گۈلى سۇس كۆكۈش سۆسۈن، قوڭغۇراق شەكىللىك بولىدۇ. غوزا مېۋىسى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق بولىدۇ.

توسالغۇلارنى ئېچىش، ئۆپكىنى تازىلاش، خىلىت ھاسىل قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

ھۆل سوغۇق.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى باھار ۋە كۈزدە قېزىۋېلىپ، سىرتقى پوستىنى سويۇۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ، نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى كۈنگەي تاغ باغرى ۋە چىمەنلىكلەردە ئۆسىدۇ.

شىقىلداق20 گرام شىقىلداقنى سەككىز گرام ئۆرۈك مېغىزى، 12 گرام تەڭگىيوپۇرماق، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، كاۋاكلىق ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

12 گرام شىقىلداقنى 10 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقى، 12 گرام گۈلسامساق، 20 گرام غاز ئوتى بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى 1 ~ 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

شىقىلداقنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكىنى تازىلايدۇ. شىقىلداقنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#