ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى مائارىپ ئىنستىتۇتى
ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى مائارىپ ئىنستىتۇتى ___ بۇ مەكتەپ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىغا بىۋاستە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم بولۇپ، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى مائارىپ ئىنستىتۇتى 1978-يىلى 12-ئايدا ئاپتونوم رايون ۋە تۆمۈريول مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان. ئەسلى نامى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارسى ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى. 1984-يىلى 7-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى مائارىپ ئىنستىتۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ مەكتەپ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىغا بىۋاستە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم بولۇپ، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. تەربىيىلگەن مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچى 816 نەپەر. دارىلمۇئەللىمىن، بالىلار پېداگوگىكا سىنىپ ئوقۇغۇچىسى 383 نەپەر. مەكتەپ يەر كۆلىمى 61342 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 5844 كۋادرات مېتىر. كۇتۇپخانىدا ساقلانغان كىتاب 100000 پارچە.
تەسىس قىلىنغان كەسىپلەر: خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى، كاتىپلىق، ئىدىيە-سىياسىي، بارلىلار مائارىپى، مائارىپ باشقۇرۇش، ئومۇمىي پىسخولوگىيە، كومپيۇتېر ۋە ئۇنى قوللىنىش، ماتېماتىكا ئاساسلىرى، قوللىنىشچان ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، ئېنگلىز تىلى، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، تارىخ، جۇغراپىيە، سىياسىي، قانۇن، ئىقتىساد، بوغالتىرلىق قاتارلىقلار. قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىدارىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قارىتا ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق بەش خىل كەسىپ بويىچە ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى ئېلىپ بارغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.