شوتلاندىيە مۈشۈكى

 شوتلاندىيە مۈشۈكى دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان، مىجەزى مۇلايىم، تارتىنچاق، ئەقىللىق بولغان داڭلىق ئەرمەك مۈشۈك. 

ئۇيغۇرچە نامى شوتلاندىيە مۈشۈكى
ئىنگلىزچە نامى scottish cat
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 苏格兰猫
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شوتلاندىيە مۈشۈكىشوتلاندىيە مۈشۈكى دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان، مىجەزى مۇلايىم، تارتىنچاق، ئەقىللىق بولغان داڭلىق ئەرمەك مۈشۈك. شوتلاندىيە مۈشۈكى تۇنجى قېتىم 1961-يىلى شوتلاندىيەدىكى بىر مۈشۈك فېرمىسىدا سىكاندىناۋىيە مۈشۈكى ئاسلانلىغان بىر جۈپ سالپاڭ قۇلاق ئاسلان بولۇپ دەسلەپتە كېسەل دەپ قارالغان, كېيىن بارا بارا ئېتىراپ قىلىنىپ تېزلىكتە دۇنيادىكى ئەرمەك ھايۋانلار بازىرىدا بىر نەچچە قېتىم مۇكاپاتلىنىپ قىممەت باھالىق مۈشۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. شوتلاندىيە مۈشۈكى ھازىر شوتلاندىيە ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۈردە مەبلەغ سېلىپ كۆپەيتىۋاتقان تۈر بولسىمۇ سانى بىر قەدەر ئاز بولغانلىقتىن تاپماق تەس، باھاسى يۇقۇرى.

شوتلاندىيە مۈشۈكىشوتلاندىيە مۈشۈكىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى قۇلىقىنىڭ سالپاڭ ئىكەنلىكىدە بولۇپ بەدىنى ئادەتتىكى مۈشۈكلەردىن قىسقا ۋە پۇتلىرى تومراق، كۆزى چوڭ، بۇرنى ئىگىز، قۇيرۇقى قىسقا ۋە يۇمىلاق كېلىدۇ. ئارىلاش ئۇزۇقلىنىدۇ. تارتىنچاقلىقى ۋە پاكىزلىقى بىلەن داڭلىق.

شوتلاندىيە مۈشۈكىشوتلاندىيە مۈشۈكى قىممەتلىك مۈشۈك بولۇپ، گىن تەتقىقاتىدىن ئىسپاتلىنىشىچە ئەڭ قەدىمى مۈشۈك نەسىللىرىدىن بىرى بولسىمۇ بىراق بەك كېچىكىپ بايقالغان. كۆپچىلىك كىشىلەر شوتلاندىيە مۈشۈكىنىڭ سوغۇققا ئامراقلىقى ۋە سوغۇققا ئىنتايىن چىداملىق ئىكەنلىكىگە قاراپ شوتلاندىيە مۈشۈكى شوتلاندىيەگە ئافرىقىدىن كېلىپ قالغان يېپىق قۇلاقلىق مۈشۈك بىلەن سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ سوغۇققا چىداملىق مۈشۈكىدىن تۆرەلگەن شالغۇت مۈشۈك دەپ قارايدۇ. ئەمما كېيىنكى چېتىشتۇرۇپ سىناشلاردا بۇ ئىككى خىل مۈشۈكتىن زادىلا شوتلاندىيە مۈشۈكىگە ئوخشايدىغان تۈر مۇۋەپپىقىيەتلىك يېتىشتۈرۈلمىدى.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/866886.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#