خانى مىللىتى

خانى مىللىتى

 خانى مىللىتى ئاساسەن يۈننەننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەيلاۋشەن تاغلىق رايونىغا تارقالغان. ئۇلار پەلەمپەيلىك ئېتىز بەرپا قىلىشقا ماھىر.

ئۇيغۇرچە نامى خانى مىللىتى
نوپۇسى 163.0 تۈمەن (2010)
خەنزۇچە نامى 哈尼族
چەتئەلچە نامى Hani minority

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خانى مىللىتىخانىلار بىرنەچچە يېرى تۈگۈچ قىلىنغان ئارغامچىنى ئۆيىدىكى ئەڭ بىخەتەر جايدا ساقلايدۇ، ئۇ ئۆي ئىگىسىنىڭ ھېساب دەپتىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىلىم-بېرىم، بېرىش، نىكاھتىن ئاجرىشىش، يەرنى رەنىگە بېرىش قاتارلىق ئەڭ مۇھىم ئىشلار خاتىرىلەنگەن. بۇ خىل ئارغامچا تۈگۈش ئارقىلىق ئىش-ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى تىلى بولسىمۇ يېزىقى يوق خانى خەلقى ئارىسىدا ئۆتمۈشتە ئۇزاق مەزگىل قوللىنىلغان. 1957-يىلىغا كەلگەندە، خانى مىللىتى لاتىن ھەرپى ئاساسىدا يېزىق ئىجاد قىلدى. خانى مىللىتى ئاساسەن يۈننەننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەيلاۋشەن تاغلىق رايونىغا تارقالغان. ئۇلار پەلەمپەيلىك ئېتىز بەرپا قىلىشقا ماھىر. يۈەنجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا ھەممىلا يەردە قاتمۇقات كەتكەن پەلەمپەي ئېتىزلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىلىرى بىرقانچە يۈز پەلەمپەيگە يېتىدۇ، جىلغىنىڭ تەكتىدىن تاغ چوققىسىغىچە سوزۇلۇپ بارىدۇ، پەلەمپەي ئېتىزلاردا يەنە بېلىق باققىلى بولىدۇ، شۇڭا ئەيلاۋشەن تاغلىق رايونى بېلىق-گۈرۈچ ماكانى دەپ ئاتىلىدۇ.

خانى مىللىتىخانىلار ئۆزى بوياپ توقۇغان قارا كۆك رەڭلىك ماتادىن كىيىم كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرلەر ئۇدۇل پەش چاپان ۋە ئۇزۇن ئىشتان كىيىدۇ، بېشىغا قارا ياكى ئاق رەختنى يۆگىۋالىدۇ. ئاياللار سول تەرەپتىن توپچىلىنىدىغان چاپان، ئۇزۇن ئىشتان كىيىدۇ، مەيدىسىگە تىزىقلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېسىۋالىدۇ، بېشىغا يۇمىلاق باش كىيىم كىيىدۇ. خانىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇرالغۇ ئۆيىنى تاغ قاپتىلىغا سېلىپ، تاغ تۈزۈلۈشى بويىچە كەنت قۇرىدۇ. ئۆيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كېسەك تام، ئۆگزىسى سامان بىلەن يېپىلغان بولۇپ، ئۈستى، ئوتتۇرىسى، ئاستىدىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتكە ئايرىلىدۇ، ئۈستىگە پارچە-پۇرات نەرسىلەرنى قويىدۇ، ئوتتۇرىسىدا ئادەم ئولتۇرىدۇ ياكى ئاشلىق ساقلايدۇ، ئاستىدا چارۋا مال باقىدۇ. 

خانى مىللىتىخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆپ ئىلاھقا ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ، «ئەجدىھا دەرىخى» نى قوغداش ئىلاھى قىلىدۇ، ھەربىر كەنتتە ئاممىۋى ئەجدىھا دەرىخى بولۇپ، ھەر يىلى ئۇ يەردە نەزىر-چىراغ بېرىدۇ. شىشۇاڭبەننادىكى خانىلار ھەر يىلى يەنە «لۇڭبا دەرۋازىسى» (يەنە كەنت دەرۋازىسى) غا نەزىر-چىراغ قىلىدۇ. ياش ئوغۇل-قىزلار ئەركىن مۇھەببەتلىشىدۇ، مۇجياڭ رايونىدا ئۆتمۈشتە يەنە» سەيلۇ «(يول دەسسەش) دەيدىغان ئادەت بولغان، يەنى ئوغۇل-قىزلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئائىلىسىدىكى چوڭلار ھەمراھ بولۇپ مەلۇم ئارىلىققا ماڭىدىكەن، ئەگەر يولدا توشقان، بۆرە قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ئۇچرىمىسا، چاي ئىچۈرگەن ھېسابلىنىدىكەن. ئادەم ئۆلسە ئومۇميۈزلۈك كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ.

خانى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىنتايىن مول، ئۇلار ياراتقان داستان «ئوسېمسې» ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. «باۋۇ» خانىلارنىڭ ئۆزىگە خاس چالغۇسى، بامبۇك نەيچىسىدىن ياسىلىدۇ، ئاۋازى تۆۋەن ھەم يېقىملىق. شىشۇاڭبەننا رايونىدا «دۇڭپۇسو ئۇسسۇلى» كەڭ تارقالغان، رىتىمى تېز، كەيپىياتى قىزغىن بولۇپ، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#