ئوپراھ ۋىنفرېي

ئوپراھ  ۋىنفرېي

ئوپراھ  ۋىنفرېي پەقەتلا دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئايال رىياسەتچىلا ئەمەس، يەنە ئايال ماگىنات، مەشھۇر ساخاۋەتچى، داڭدار ژۇرنالست، دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور ئايال جامائەت ئەربابىنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئوپراھ ۋىنفرېي
باشقا نامى ئوپراھ 奥普拉
مىللىتى ئامېرىكان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1954-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
كەسپى ئارتىس، فىلىم ئىشلىگۈچى، رىياسەتچى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 奥普拉·温弗莉
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
يۇرتى مىسسىسسىپى شتاتى
قان تىپى AB
پۈتتۈرگەن مەكتىپى تېنناس ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوپراھ  ۋىنفرېيئوپراھ  ۋىنفرېي ___ ئىنتايىن غۇربەت ئائىلىدە چوڭ بولغان، لېكىن دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا بايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ كەمسىتلىشكە تولغان مۇھىتتا چوڭ بولغان، لېكىن، دۇنيادىكى ئەڭ ئىززەتلىك ئايال نىگىرگە ئايلانغان. ئۇ ئەرلەر، ئاق تەنلىكلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئەرلەرگىمۇ، ئاق تەنلىكلەرگىمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلالىغان. ئۇ ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان «گېزەندە نىگىر » دىن ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان مەنىۋىي خانىشلىق تەختىگە چىقالىغان. مانا بۇ «ئامېرىكا چۈشى» نىڭ ھەقىقىي رېئاللىققا ئايلانغان نۇسخىسى. بۇ رىۋايەتلىك شەخس دەل ئامېرىكا، ھەتتا دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق رىياسەتچى – ئوپراھ.ۋىنفرېيدۇر.

ئوپراھ  ۋىنفرېي بايلىقى غايىپ خەزىنىگە ئۇچراپ قېلىپ ياكى لاتارىيە تارتىپ تاپقان بايلىق ئەمەس، ئۇنىڭ شۆھرىتى يولدىشىغا تايىنىپ چىققان ئەمەس، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى قوشۇن تارتىپ قولغا كەلگەنمۇ ئەمەس. مانا بۇ زۇۋاننىڭ كۈچى، مانا بۇ قەيسەرلىكنىڭ قۇدرىتى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ دۇنياۋىي تەسىرىنىڭ كەينىگە ئادەم ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان ھېسابسىز خورلۇق-كەمسىتىشلەر، سانسىز ئەجىر- مېھنەتلەر سىڭىپ كەتكەن.

ئوپراھ ۋىنفرېيئوپراھ ۋىنفرېي  1954-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى مىسسىسپى شىتاتىدا تۇغۇلغان. ئوپراھ  پەقەتلا دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئايال رىياسەتچىلا ئەمەس، يەنە ئايال ماگىنات، مەشھۇر ساخاۋەتچى، داڭدار ژۇرنالست، دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور ئايال جامائەت ئەربابىنىڭ بىرى. 

ئۇنىڭ ئەجرىگە يارىشا، بايلىقىمۇ كۈندىن–كۈنگە ئاۋۇپ بارغان، ھازىرقى بايلىقى 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.

ئوپراھ  ۋىنفرېيئوپراھ 1954-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى مىسسىسپى شىتاتىدا تۇغۇلغان. دادىسى ئۇ تۇغۇلىشى بىلەنلا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگىلى كېتىپ، ئانىسى باشقىلارنىڭ يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. ئوپراھ 6 ياشقا كىرگەندە، ئانىسى ئائىلىنى باقالماي، ئۇنى مومىسىغا بېرىۋىتىدۇ. ئۆز ئائىلىسىدىن ئايرىلغان گۆدەك ئوپراھ باشباشتاق تۇرمۇش قوينىغا كىرىپ كېتىدۇ. 9 يېشىدا نەۋرە ئاكىسىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراپ، يۈرىكىدە مەڭگۈلۈك داغ قالىدۇ. يولدىن چىققان بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ، 14 يېشىدا ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ، بالىسى تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ ئازابقا پايلىمىغان ئوپراھ خالىغانچە ياشاشقا باشلايدۇ. يانچۇقچىلىق قىلىدۇ، زەھەر چېكىدۇ، قاتتىق ھاراق ئىچىدۇ، ئوغۇللار بىلەن قالايمىقان ئارىلىشىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرىگەن ئانىسى يولدىشىغا بۇ ئەھۋاللارنى ئېيتىپ، ئۇنى تەربىيىلەشكە چاقىرتىپ كېلىدۇ. دادىسى ئوپراھنى ئۆز يېنىدا ھەربىيىچە تۈزۈم ۋە قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيىلەشكە كىرىشىدۇ. ھەرقانداق ئىش قىلىشتا ئەڭ يۇقىرى چوققىغا چىقىش نىشانىنى كاللىسىغا قۇيىۋىتىدۇ. ھەر ھەپتىدە كىتاب ئوقۇش دوكلاتى يازدۇرىدۇ، ھەر كۈنى ئىنگلىزچە يادلىتىدۇ. دادىسى ئوپراھقا دائىم ئېيتىپ بېرىدىغان بۇ ھېكىمەتنى ئۇ كېيىنكى كۈندىمۇ ئېسىدىن چىقىرىپ قويمايدۇ :«بەزى كىشىلەر ئىش تەۋرىتىدۇ، بەزى كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئىش تەۋرەتكىنىگە قاراپ تۇرىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر بولسا، باشقىلارنىڭ نېمە ئىش تەۋرەتكەنلىكىنىنىمۇ بىلمەي قالىدۇ». دادىسى دائىم ئۇنىڭ بىرىنچى خىلدىكى ئىنسانلاردىن بولىشى كېرەكلىگىنى جېكىلەيدۇ. بۇنداق ئاتىلارچە كۆيۈمچانلىق بىلەن بولغان مۇنتىزىم تەربىيىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ ئەڭ قالتىس ئىنسان بولۇشقا بەل باغلايدۇ. ئارقىدىن تېننېسسى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، بىرىنچى يىللىقتىلا ئۆزىنىڭ كۆرۈمسىز ئىكەنلىكىگە تەن بەرمەي، گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدۇ. نەتىجىدە، نۇتۇق قابىلىيىتى ۋە تارتىملىقلىقىغا تايىنىپ، «تېننېسسى خېنىمى» تاجىنى كىيىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىۋېتىدۇ. 3-يىللىققا چىققاندا، ۋ ت ۋ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاشۋېر كەچلىك خەۋەرلەر پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. 19 ياشلىق ئوپراھ بۇ پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلغان تۈنجى نېگىر ئىدى. ئۇ تىرىشچانلىقى ۋە زېرەكلىگىگە تايىنىپ، پىروگراممىنىڭ كۆرۈش نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ. نەتىجىدە، يىللىق كىرىمى 15 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ رىياسەتچىلىك ھاياتىنىڭ باشلىنىشى ۋە تۇنجى كۆپ پۇلغا ئېرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىرقىي كەمسىتىشكە تولغان بۇ رايوندا ھاقارەتكە ئۇچراپ تۇرسىمۇ قالتىس ئادەملەردىن بولۇش ئىرادىسىدىن قەتئىي يانمايدۇ.

ئوپراھ  ۋىنفرېيئوپراھ ۋىنفرېي 1976-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا، ۋ ت ز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بالېتمورېدا تۇرۇشلۇق رىياسەتچىسى ۋە مۇخبىرى بولۇشتەك ئەۋزەل پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ تېلېۋىزوردىكى تۇرقى ۋە كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا ئورتاقلىشىپ تۇرۇپ رىياسەتچىلىك قىلىشى ئىستانسىسا رەھبەرلىكىنىڭ دىتىغا ياقماي، توققۇز ئايدىن كېيىن، بۇ خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامېرىكا رادىيو شىركىتى« خەيرلىك سەھەر، ئامېرىكا» پىروگراممىسىنىڭ دىكتورى شەرىپىگە ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقي تالانتنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئىستانسىسا ئۇنىڭ تالانتىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنى رىچارد.شىر بىلەن «بالېتمورې ئاۋازى» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىگە بەلگىلەيدۇ. 7 يىل مابەينىدە ئوپراھ رىچارد بىلەن بىرلىكتە بۇ پىروگراممىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىدۇ. ئۇلار بۇ پىروگراممىدا نىكاھتىن ئاجرىشىش، تۇتاش تەنلىك قوشكېزەكلەر دىن تارتىپ 3 لىك پارتىيىسى مەسىلىلىرىگە قەدەر سەل قارىلىۋاتقان خىلۋەت تېمىلارنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. نەتىجىدە، بۇ پىروگراممىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى كۈندىن–كۈنگە ئېشىپ، 12 شەھەرنى قاپلاپ كېتىدۇ، –دە، چىكاكو رادىيو شىركىتى ۋ ل س تېلېۋىزىيەسىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، 230 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى يىللىق مائاش بىلەن (4 يىللىق توختام) ئوپراھنى «چىكاكو ئەتىگىنى» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىدۇ. ئوپراھ بىر ئايغا قالماي پىروگراممىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى 10 ھەسسە يۇقىرى كۆتىرىۋېتىدۇ. ئوپراھمۇ بىراقلا چولپانلارنىڭ ئالدىنقى قاتارلىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

1985–يىلى داڭلىق رېژىسسور كويېۋنسىي.جونس ئۇنىڭ پىروگراممىسىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى ئىشلەش ئالدىدا تۇرغان «بىنەپشە رەڭ» كىنوسىغا دادىللىق بىلەن باش رولغا تاللايدۇ. كۈتۈلمىگەندە، بۇ كىنو قويۇلىشى بىلەنلا ئاجايىپ زور تەسىر پەيدا قىلىپ، ئوسكار ۋە ئالتۇن شار مۇكاپاتنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىدۇ. تۇنجى رول ئالغىنىغا قارىماي، باش رولنى ئۆز كەچۈرمىشىدەك ئېلىۋەتكەن ئوپراھ ئامېرىكىدىكى ھەممە ئادەم تونۇيدىغان چولپانغا ئايلىنىدۇ، 1986–يىلى ئامېرىكا ئاياللار بىرلەشمىسى تارقىتىدىغان«ئاياللار ئۇتۇق مۇكاپاتى» نائىل بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ پىروگراممىسىنىڭ زىلزىلىسى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىلىدۇ.

ئوپراھ  ۋىنفرېيئوپراھ ۋىنفرېي ئۆزىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىنى غەلىبە پەشتىقى قىلغان ئوپراھ پروگرامما بىلەنلا توختاپ قالماي، ئۆزلۈكسىز ئىگىلىكىنى كېڭەيتىدۇ. 1988–يىلى نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، چېكاكودا غايەت زور كۆلەمگە ئىگە فىلىم ئىشلەش شىركىتىنى قۇرىدۇ. ئەسلىھەلىرى تولۇق ۋە ئەڭ ئىلغار بولغان بۇ شىركەت ئۇنىڭ ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ چاغدا بۇنداق كۆلەمدىكى شەخسىي شىركىتى بار ئايالدىن دۇنيادا ئاران ئىككىسى بار ئىدى.1997–يىلى ئۆز پروگراممىسىدا«كىتاب ئوقۇش كۇلۇبى» قۇرۇپ، يازغۇچى، رىياسەتچى، ئوقۇرمەن سۆھبىتى شەكلىدە كىتاب تونۇشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ كۇلۇبىدا تونۇشتۇرۇلغان كىتاب ئەسلىدىكىدىن 10 ھەسسە بازارلىق بولىدىغانلىقنىڭ بېشارىتى بولۇپ قالىدۇ. 2001–يىلى «ئوپراھ» ناملىق ژۇرنال تەسىس قىلىپ، تۇنجى سانىلا بىر مىليون پارچىدىن ئارتۇق سېتىلىدۇ، زاكاس ئۈزۈلمەيدۇ. مۇقاۋىسىغا «ئوپراھ» نىڭلا سۈرىتى بېسىلىدىغان، ماقالىلىرى ئۇنىڭ پروگراممىسىنى مەزمۇن قىلغان بۇ ژۇرنالنىڭ تىراژى كۈندىن–كۈنگە ئاشماقتا. ئۇنىڭ پروگراممىلىرىغىلا ئەمەس، ژۇرنىلىغىمۇ «ئوپراھ روھى» چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن.

ئۇنىڭ كىنو–فىلىمچىلىك ھاياتىمۇ شانلىق قۇرلارغا تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەسئۇللىقىدا،«بولىست مەيدانىدىكى قىزچاق» قاتارلىق يۈرۈشلۈك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، «قورقۇنۇشلۇق جىمجىتلىق »،«بۇ يەردە بالا يوق» قاتارلىق ھۆججەتلىك فىلىملەر ئىشلىنىپ ئالاھىدە ئالقىشقا سازاۋەر بولىدۇ. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن قالماي، يەنە ئۆي–زېمىن سودىسىغا مەبلەغ سېلىپ، زور پايدىغا ئېرىشكەن سودىگەر، ئامېرىكىدىكى ئەڭ زور خەير–ساخاۋەتچىنىڭ بىرى سۈپىتىدىمۇ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئۇ بۇ زور ئەجىر بەدىلىگە كەلگەن ئۇتۇقلىرى شەرىپگە نۇرغۇن مۇكاپات ۋە شان–شەرەپلەرگە نائىل بولىدۇ.

ئوپراھ  ۋىنفرېيئوپراھ ۋىنفرېي 1998–يىلى ئامېرىكىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك ئايال «ھېلارى بىلەن بىللە»، مەشھۇر نېگىرلار ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنيانى ئۆزگەرتكەن ئايال نېگىرلارنىڭ بىرىنچىسى»،« يەرشارىدىكى 100 مەشھۇر زات» (ئىككىنچىسى) شەرىپىگە، سەككىز قېتىم تېلېۋىزور ئامي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2007–يىلى خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتى تەرىپىدىن پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا نائىل بولغان. ئېلىنو ئۇنۋېرسىتېتى مەخسۇس«ئوراھ تەتقىقاتى» دەپ دەرسلىك تەسىس قىلغان.

ئوپراھ  ۋىنفرېيئوپراھ ۋىنفرېي ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئوپراھ 1985–يىلى «ئوپراھ زۇۋان جىلۋىسى» پىروگراممىسىنى رەسمىي تەسسىس قىلىپ، كېينكى «ئوپراھ ئاخبارات ئىمپىراتۇرلىقى» نىڭ ئاساسىنى تىكلەيدۇ. بۇ پىروگراممىغا ئىزچىل 16 يىل رىياسەتچىلىق قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى ئوپراھ رىياسەتچىلىككە ماس كېلىدىغان گۈزەللەردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە نېگىر ئايال. لېكىن، ئۇنىڭ دادىل قەدەملىرى، تىنىمسىز ئىزدىنىشلىرى ئۇنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىدۇ. ئۇ ئامېرىكا، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا تېلېۋىزىيە رىياسەتچىلىكىدىكى ئەنئەنىۋىي «ئاخبارات شەكىللىك پاراڭلىشىش» نى بۇزۇپ تاشلاپ، «كۆرۈرمەنلەر بىلەن بىرلىشىش كېتىش، سۆھبەتكار بىلەن ئەڭ زور دەرىجىدە يېقىنلىشىش، يۈرەكنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا شۇڭغۇش» تەك يېڭى ئۇسلۇبنى يارىتىدۇ ۋە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، دۇنيا رىياسەتچىلىكىنى يېڭى بىر پارلاق دەۋرگە باشلاپ كىرىدۇ. ئۇنىڭ سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىگە بۆسۈپ كىرىۋاتقان ئاتەش نۇتۇقلىرى ناھايىتى تېزلا ئۇنى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىگە، پىروگراممىسىنى ھەممە ئادەم كۈندە دېگۈدەك كۆرىدىغان پىروگراممىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئۇنىڭ تەسىرى شۇ دەرىجىگە بارغان ئىكەنكى، كىلىنتوندەك سىياسىيونلار سايلامدا غەلىبە قىلىشتا، تام.خاككىستەك چولپانلار تەسىرىنى ئاشۇرۇشتا ئۇنىڭ پىروگراممىسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئۇلار ئوپراھ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئۆزىگە مەڭگۈلۈك شەرەپ ھېس قىلىشىدۇ.

ئۇنداقتا،«ئوپراھچە رىياسەتچىلىك» تىكى سېھرى كۈچ زادى نەدە؟

1. سەمىمىيلىك، ئۆز قەلبىنى ئاشكارىلاش. ئۇ 1986–يىلىدىكى بىر پروگراممىسىدا، 10 نەچچە مىليون كۆرۈرمەننىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ بالىلىقتىكى باسقۇنچىلىققا ئۇچراش، بويىدا قېلىش كەچمىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تىلغا ئېلىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىدۇ. بۇ سانسىزلىغان كۆرۈرمەننىڭ قەلب تارىنى چەككەن.

2. ئۆز ئەمەلىيىتىدە دېگىنىنى قىلىش. ئۇ 1988–يىلى مەن ئورۇقلايمەن دەپ ۋەدە قىلىپ، 4 ئاي ئىچىدىلا قەيسەرلىك بىلەن 30 كېلو ئۇرۇقلىغان، كېيىن سەمىرىپ كەتمىگەن. بۇ ھال كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

3. ئەڭ قىزىق نۇقتىنى تۇتىۋېلىپ ۋايىغا يەتكۈزۈش. ئۇ 1993–يىلى جېكسوننى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ چاغدا جېكسون ھەمجىنىسلار مۇھەببىتىگە غەرق بوپتۇ، دېگەن گۇمان ئامېرىكىنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى. ئوپراھ ئامالسىز قالدۇرۇپ چاتما سوئال سوراش ئۇسۇلى بىلەن جېكسوندىن :«سىز نېمىشقا دائىم تار پىنجەك كېيىسىز؟ سىز تېخى يىگىتمۇ؟ سىزمۇ ئۇچرىشىشقا پۈتىشەمسىز؟ كىم بىلەن؟ كەلگۈسىدە توي قىلسىڭىز بالا تۇغامسىز؟» دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ، جاۋاب بېرىشكە قىستىغان.

4. ھەييارلىق، خۇپسەنلىك. ئۇ 2004–يىللىق بىر پروگراممىسىدا سەھنىدىن چۈشۈپ، 276 تاماشىبىنغا بىردىن قۇتا تارقىتىپ،«ئەگەر سىزنىڭ قۇتىڭىزدا ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى بولسا، سىز شۇ ماشىنىنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىسىز؟» دېگەن، تاماشىبىنلار ھەيران قالغان ھالدا، قۇتىنى ئاچقاندا، ھەر بىرسىنىڭ ئىچىدىن بىردىن ئاچقۇچ چىققان. ئوپراھ 7 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ، تاماشىبىنلارغا ماشىنا سوۋغا قىلغان. خۇپسەنلىك بىلەن قىلغان بۇ ئىش ئۇنىڭ تەسىرىنى يەنىمۇ ئاشۇرىۋېتىپ، ئامېرىكىدا بىر مەھەل«ھەممە ئادەمنىڭ بىردىن ماشىنىسى» بار دېگەن سۆز مودا بولغان. بۇ ئۇنىڭ ئايال مەبۇدقا ئايلىنىشىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان.

5. تاساددىپىيلىققا يول قويۇش. 2005–يىلى ئۇ مەشھۇر كىنو چولپىنى تام.خاككىسنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، تام خاككىس تۇيۇقسىز كىرىسلودىن سەكرەپ ئۆتۈپلا، يېڭى قىز دوستىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆز سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەن. بۇ قىلىق كېيىنچە كۈلكىگە قالغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ چاغدىكى تەسىر مىسلىسىز بولغان. ئوپراھ بۇ جەھەتتىمۇ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرىشنى بىلگەن.

6. ئەينەنلىك. ئامېرىكىلىق مەشھۇر يازغۇچى جامۇس.فرېي ئوپراھنىڭ پىروگراممىسىغا تايىنىپ،«ئالتۇن ئۇۋاق» ناملىق كىتابىنى بازارلىق كىتابقا ئايلاندۇرىدۇ. لېكىن تاماشىبىنلار« ئالتۇن ئۇۋاق» تىن گۇمانلىنىدۇ. ئوپراھ بۇ يازغۇچىنى قايتا پروگراممىغا ئېلىپ چىقىپ، ھەقىقىي، ئەينەن ئەھۋالنى دىيىشكە قىستاپ، ئۇنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىدۇ. ئوپراھ يەنە بىر قېتىم قايتىدىن چاقنايدۇ.

7. پوزىتسىيە. 2007–يىللىق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىقىنى تاللاش جېڭىدە، ئوبامانىڭ ئۇتۇش–ئۇتتۇرىشى زور دەرىجىدە ئوپراھقا باغلىق بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئوپراھ پروگراممىسىدا «ئۇ ئوباما، ھېلارى ئەمەس» دەپ كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ كەسكىن پوزىتسىيەسى پروگراممىسىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋېتىدۇ.

8. مۇناسىۋەت. ئوپراھنى مۇناسىۋەت باغلاشنىڭ پىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەتىراپىدا سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، سەنئەت ساھەسىدىكى چولپانلار چۆرگىلەپلا يۈرۈيدۇ. ئۇ بۇلاردىن پايدىلىنىپ، پروگراممىسىنى جانلاندۇرغاندىن باشقا يەنە، كېيىنكى مەنزىللەر ئۈچۈن داغدام يول ھازىرلىغان.

9. ھازىر جاۋابلىق. ئۇ دائىم دېگۈدەك چاچ پوسۇنىنى ئۆزگەرتىپ، ئەڭ قىممەت ئاياغلارنى ئالماشتۇرۇپ سەھنىگە چىققاچقا، بىر تاماشىبىن تۇيۇقسىز ئۇنىڭدىن «بۇنىڭ سىزگە نېمە پايدىسى بار؟» دەپ سوراپ قالىدۇ. ئوپراھ دەرھال «پۇلۇم بولسا ئەلۋەتتە خۇش بولىمەن، بۇ مېنىڭ كىملىكىمنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، مېنىڭ پۇتۇم يەرنى دەسسەپ تۇرسىمۇ ئوخشىمايدىغىنى، مېنىڭ ئايىغىم باشقىلارنىڭكىدىن ئېسىل» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنداق سۆزلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن تۆكۈلۈپلا تۇرىدۇ.

ئوپراھ ۋىنفرېي10. سۆھبەتكار ۋە تاماشىبىن بىلەن ئىچ–قويۇن تاشقويۇن بولۇپ كېتىش. ئۇ باشقىلارنىڭ قىسمىتىگە ھېسىداشلىق قىلىدۇ، ھېسسىياتىغا ئورتاقلىشىدۇ، پىسخولوگلارنى ئۆزى بىلەن بىللە رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، كىشىلەرنىڭ قەلىبىنى ئوپراتسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەنلەر ئۇنىڭ ئادەتتىكى بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ سەمىمىي دوستى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئىچ–باغرىنى تۆكىۋېتىدۇ، كۆرۈرمەنلەرمۇ ئۇنىڭ زۇۋانىدىن ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن تارتىپ قەلبىدە بېسىلىپ قالغان گېپىنى ئاڭلىغاندەك بولۇپ ھاردۇقى چىقىدۇ.

ئوپراھ  ۋىنفرېيئوپراھ ۋىنفرېي ___ زۇۋانىغا تايىنىپ دۇنيانى، كىشلەر قەلبىنى بويسۇندۇرۇپ،«ئاخبارات ئايال پادىشاھى»،« زۇۋان جىلۋىسى سۇلتانى» دەپ شۆھرەتلىنىدىغان بۇ بۈيۈك رىياسەتچىگە مەشھۇر زاتلارمۇ ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدۇ. دېسنىي ئاخبارات گۇرۇھىنىڭ لىدىرى ئاننىې.سۋىننېي«ئوپراھنىڭ قىممىتىنى مۇنداق سۈرەتلەشكە بولىدۇ. ئاخىرىدا، باشقىلار سېنىڭ بارلىق قىلغانلىرىڭنى ئۇنتۇپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما، سېنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن گۈزەل-تۇيغۇلارنى ئەسلا ئۇنىتىيالمايدۇ. بىزنىڭ ھاياتمىزدا شۇنداق مۇھىم، قەدىردان ئادەملەر باركى، ئۇلار مەيلى بىز ئۆرلەپ كېتەيلى ياكى چۈشۈپ كېتەيلى، ھەر ۋاقىت بىز بىلەن بىللە بولىدۇ. ئوپراھ دەل مۇشۇنداق ئىنسان. ئۇ دوستلىرى، ھەتتا بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن، ھەر ۋاقىت ئورنىدىن دەس تۇرالايدۇ» دەپ باھالايدۇ.ئامېرىكىلىق مەشھۇر مۇزىكانت، ئارتس چاز .بونو بولسا «ئوراھنىڭ قىممىتى شۇ يەردىكى، ئۇ كۆپچىلىككە دائىم دېگۈدەك يېڭى ئىش ۋە يېڭى تەپەككۇر بەخش ئېتىدۇ».

2011–يىلى 5–ئاينىڭ 26–كۈنى ئامېرىكا ئاخبارات تارىخى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولىدۇ. چۈنكى بۇ كۈندە«ئوپراھ زۇۋان جىلۋىسى» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سانى كۆرسىتىلىدۇ. جوردان، مادوننا، تام.خاككىس قاتارلىق چولپانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بۇ ئاخىرقى پروگراممىدا، ئوپراھ «مېنىڭ ئۇتۇقۇم ھەرگىز تاساددىپىيلىق ئەمەس» دەپ، ئۆزىنىڭ جاراھەتكە تولغان تارىخىنى ھۆڭرەپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ. بالىلىق بولالمىغان ئوپراھقا بىر مەستانىسى شۇ مەيداندىلا«سىز بالىلىق بولالمىغان بولسىڭىزمۇ، لېكىن سان–ساناقسىز بالىلارنىڭ ئانىسى» دەپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ «ئۆز مەبۇدىسى» غا بولغان تىلىكى ۋە قىيالماسلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#