چۆچۈرە
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. گۆشنى شىلىپ ئۇششاق توغراپ، پىيازنى چاناپ، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز ۋە ئازراق سۇ ياكى شورپا ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييار
لىنىدۇ.
2. خېمىرنىڭ تۇزىنى كۈچلۈكرەك قىلىپ يۇغۇرۇپ، نېپىز يېيىپ، بەش كۋادرات سانتىمېتىر چوڭلۇقتا جىلت كېسىپ، ھەربىر جىلتنىڭ ئىچىگە ئاز-ئازدىن قىيما ئېلىپ چۆچۈرە تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ.
3. گۆشنىڭ سۆڭەكلىرىنى قاينىتىپ، ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، پەمىدۇر، تۇز سېلىپ شورپا تەييارلىنىدۇ. قايناۋاتقان شورپىغا چۆچۈرىنى سېلىپ، قايناپ چىققاندا قۇيرۇق ياغنى ئۇششاق توغراپ سالىدۇ. چۆچۈرە لەيلەپ چىققاندا ئوتنى پەسلىتىپ، 3 5 مىنۇت پىشۇرۇپ، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە سېلىپ چۆچۈرىنى شورپىسى بىلەن چىنىگە ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.