بۇقا سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇقا سۇقۇشتۇرۇشتا، ئىككى بۇقا مەيدانغا قويۇپ بېرىلىدۇ. مەيدانغا چۈشكەن ئىككى بوقا بىر-بىرىگە باش قويۇپ، كۈچ بىلەن بىر-بىرىنى ئۈسۈپ تۈرتىدۇ. كۈچلۈك بۇقا رىقابەتچىسىنى ئۈسۈپ ئىككى پۈكلىۋېتىدۇ ھەتتا ئۆلتۈرۈپمۇ قويىدۇ.
سوقۇشۇش جەريانىدا ئۈسمەي قاچقىنى، يىقىلىپ چۈشكىنى يېڭىلگەن بولىدۇ.
ئۆتكەن بىر مەزگىل «سول» لۇشىيەننىڭ تەسىرىدىن بۇ ئەنئەنىۋى ئويۇن ئېلىپ بېرىلمايدىغان بولغانىدى. پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىېتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، بولۇپمۇ يېزا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن كېيىن، بۇ ئويۇن يېڭىۋاشتىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى.مارالبېشى ناھىيىسى باشلامچى بولۇپ بۇقا سۇقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.
بۇقا سۇقۇشتۇرۇشتا، بۇقىلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى بەكمۇ كەڭ، سوقۇشۇشى بەكمۇ جىددىي ھەم ۋەھشىي بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جايلار بۇقا سوقۇشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا خەتەر چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەنى بۇقىلارنىڭ تاماشىبىنلارنى ئۈسۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كەڭرەك سورۇندا، ئەڭ ياخشىسى ئەتراپى توسۇقلۇق مەيدانلاردا ئېلىپ بارغىنى ياخشى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.