تۇزۇ مىللىتى
تۇزۇلار ئۆزىنى موڭغۇل ئاق موڭغۇل(چاغان موڭغۇل) دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خۇاڭشۈي دەرياسىنىڭ شىمالى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى ۋە ئۇنىڭغا تۇتاش جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەينى يىللىرى ھەيۋىسى جاھاننى بىر ئالغان چىڭگىزخان موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنلىرىنى باشلاپ، تۆت ئەتراپقا قوشۇن تارتىپ، نۇرغۇن قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھەيۋەتلىك چىليەنشەن تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى گۈزەل چىڭخەي(كۆكنۇر) كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا چەبدەس موڭغۇل قوشۇنى تۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەردارى ئالىي سانغۇن گېرلىت(گىرتاي) ئىكەن. ئۇ چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ تەرەپ-تەرەپكە قوشۇن تارتقان، ئاخىرىدا، ئوت-سۈيى مول مۇشۇ جايدا قوشۇن تۇرغۇزۇشقا بۇيرۇلغان. بۇ قوشۇن يەرلىك خورلار بىلەن نىكاھلىنىش نەتىجىسىدە تەدرىجىي ئاۋۇيا، ھازىرقى تۇزۇ مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن. كېيىنچە گېرلىتقا «نىدا» (تۇزۇلارنىڭ خوجىسى) دەپ نام بېرىلگەن، تۇزۇ مىللىتى ئۇنىڭغا ئەجدادى سۈپىتىدە چوقۇنغان.
تۇزۇلار ئۆزىنى موڭغۇل ئاق موڭغۇل(چاغان موڭغۇل) دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خۇاڭشۈي دەرياسىنىڭ شىمالى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى ۋە ئۇنىڭغا تۇتاش جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خۇجۇ تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، مىنخې ناھىيىسى، داتۇڭ ناھىيىسى، تۇڭرېن ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا؛ يەنە بىر قىسمى گەنسۇنىڭ تيەنجۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىدە ئولتۇراقلاشقان.
تۇزۇلارنىڭ كىيىم-كېچەك ئادىتى ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، ئەر-ئاياللىرى گۈللۈك، ئۆرە ياقىلىق چاپانلارنى كىيىدۇ. ئەرلەر دائىم پاختا رەختتىن تىكىلگەن كەمزۇل كىيىدۇ، بېلىگە بەلۋاغ باغلاپ، كەڭرى شىملارنى كىيىۋالىدۇ. ئاياللار يانتۇ پەشلىك ئۇزۇن كەمزۇل كىيىدۇ، يەڭلىرىنى ھەر خىل رەڭلىك رەختتىن تىكىدۇ، سىرتىغا پىنجەك كىيىدۇ. شىمنىڭ پۇشقىقىنىڭ سىرتىدا بىر چى ئېگىزلىكتە كانايچە بولىدۇ، كەشتىلەنگەن ئاياغ كىيىپ، بېشىغا ھەر خىل بېزەكلەرنى ئېسىۋالىدۇ. ئىلگىرى، تۇزۇلاردا ھاشىيە ئارتىش ئادىتى بار ئىدى. قىزلار 15 ياشقا كىرگەندە ئاتا-ئانىسى ئىگە بولۇپ، قىزلارنى كۆككە باش ئۇرغۇزۇپ ئەر-خوتۇن بولۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزلارنىڭ چېچى ئاياللارنىڭ چاچ پاسونىدا تارىلىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلار نىكاھ ۋە مۇھەببەتتە ئەركىن بولىدۇ، تۇغۇلغان پەرزەنتلەر قىزنىڭ جەمەتىگە تەۋە بولىدۇ. بۇ خىل ئۆرپ-ئادەت ھازىر ئۆزگەرتىلدى.
تۇزۇلارنىڭ ئۆز تىلى بار، يېزىقى يوق. ئىلگىرى ئۇلار خەنزۇ يېزىقىنى قوللىناتتى، يېقىنقى يىللاردا لاتىن ھەرپى شەكلىدىكى تۇزۇ يېزىقى ئىجاد قىلىنىپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلماقتا.
تۇزۇلار ئىلگىرى كۆپ ئىلاھلىق دىنغا ئېتىقاد قىلغان. يەنە بىر قىسمى تەرىقەتچىلەر دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. يۈەن، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ ۋە نۇرغۇن لاما دىنى ئىبادەتخانىلىرىنى سالغان. تۇزۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەنئەنىۋى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدىغان ئادەتنى ساقلاپ قالغان. چاچراپ كەتكەن كىچىك بوۋاقلارلا تۇپراققا دەپنە قىلىنىدۇ.
تۇزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا دېھقانچىلىق قىلىشقىمۇ، چارۋىچىلىق قىلىشقىمۇ بولىدۇ، ھەر خىل زىرائەتلەر تېرىلىدۇ، دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىدە ھاراق ئېچىتىش ئادىتى بار، ئۇلار ئېچىتقان ھاراق «دۇغ ھاراق» دەپ ئاتىلىدۇ، خۇجۇ ناھىيىسىدە ئېچىتىلغان ئاق ئارپا ھارىقى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.