ھاللىي
ھاللىي كىچىكىدىنلا ئاسترونومىيە ھەۋەسكارى، شۇ چاغلاردا ئىككى گەپنىڭ بىرىدە، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا، ئۆزىنىڭ كومپىسى ئارقىلىق لوندوننىڭ ماگنىت قىيپاش بۇلۇڭىنىڭ ′30°2 ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىققانلىقى تىلغا ئېلىناتتى. ھاللىي 20 يېشىدا ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ خانىش ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، قاقاس ساينت ھېلېنا ئارىلىغا بېرىپ، جەنۇبىي يېرىم شاردىكى تۇنجى رەسەتخانىنى قۇرۇپ، جەنۇبىي يېرىم شاردىكى يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى تۈزۈشكە تۇتۇش قىلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھاللىي1758-يىل 12-ئايدا، ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى رەسەتخانىدىكىلەر ئالدىرىشىپ، شەھەر خەلقىدىمۇ خىلمۇخىل گەپ-چۆچەكلەر بولۇنماقتا ئىدى. چۈنكى، بۇنىڭدىن 16 يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن پروفېسسور ھاللىي (1656-1742) 1758-يىلىنىڭ ئاخىرى بىر دانە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنىدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ناھايىتى سىرلىق، ھەتتا ئىنسانلارغا كېلىدىغان ئاپەت بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قارالغانىدى. پروفېسسور ھاللىينىڭ بېشارىتى توغرىمۇ-يوق؟ كىشىلەر تىت-تىتلىق ئىچىدە بۇنى كۈتۈۋاتاتتى. 12-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇزۇن قۇيرۇقىنى سۆرەپ ماڭغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز دەرۋەقە پەيدا بولدى، ئۇنى 1759-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە كۆرگىلى بولاتتى. قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ئۆز قەرەلىدە پەيدا بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى، كىشىلەر قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزدىن تۇنجى قېتىم بېشارەت بەرگەن ئەنگلىيىلىك ئاسترونومنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى «ھاللىي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى» دەپ ئاتىدى.
ھاللىي كىچىكىدىنلا ئاسترونومىيە ھەۋەسكارى ئىدى، شۇ چاغلاردا ئىككى گەپنىڭ بىرىدە، ھاللىينىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا، ئۆزىنىڭ كومپىسى ئارقىلىق لوندوننىڭ ماگنىت قىيپاش بۇلۇڭىنىڭ ′30°2 ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىققانلىقى تىلغا ئېلىناتتى. ھاللىي 20 يېشىدا ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خانىش ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، قاقاس ساينت ھېلېنا ئارىلىغا بېرىپ، جەنۇبىي يېرىم شاردىكى تۇنجى رەسەتخانىنى قۇرۇپ، جەنۇبىي يېرىم شاردىكى يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى تۈزۈشكە تۇتۇش قىلغان.
ھاللىيئەينى چاغدا كىشىلەر شىمالىي يېرىم شاردىكى يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى تۈزۈپ بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ئەتراپىدىكى يۇلتۇزلار كىرگۈزۈلمىگەنىدى. ھاللىي بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 1678-يىلى، 341 يۇلتۇزنىڭ ئورنىنى كىرگۈزۈپ، تۇنجى جەنۇبىي يېرىم شاردىكى يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى نەشر قىلدۇرغان، بۇ يۇلتۇزلار جەدۋىلى شىمالىي يېرىم شاردىكى يۇلتۇزلار جەدۋىلىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلىغان، 22 ياشلىق ھاللىي مۇشۇ سەۋەبتىن ئىنتايىن يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولۇپ، «جەنۇبتىكى تىخو براخ» دەپ ئاتالغان.
ھاللىينىڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز توغرىسىدىكى تەتقىقاتى 1680-يىلى باشلانغان. ئۇ تارىختا پەيدا بولغان 24 قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، 1456-يىلى، 1531-يىلى، 1607-يىلى، 1682-يىلى تۆت قېتىم كۆرۈلگەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ئوربىتىسىنىڭ ئىنتايىن ئوخشىشىدىغانلىقىنى بايقاپ، بۇ تۆت قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ئەمەلىيەتتە بىرلا قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ئىكەنلىكىگە دادىل ھۆكۈم قىلغان. ئۇ نيۇتون قانۇنىدىن پايدىلىنىپ ھېسابلاش ئارقىلىق، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش دەۋرىنىڭ 76 يىل بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققاچقا، بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ 1758-يىلى يەنە بىر قېتىم كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەرگەن، شۇڭا ھاللىينىڭ بېشارىتى دەلىللەنگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ھاللىي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى دەپ ئاتالغان بۇ يۇلتۇز يەنە 1834-، 1910-، 1986-يىلى كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.