جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى

2003-يىل 12-ئايدا بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىنى قوغداش، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ نىزام پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش يېڭى ئەمەلىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا تولۇق ماسلىشالمىغاچقا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中国共产党纪律处分条列

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى 2003-يىل 12-ئايدا بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىنى قوغداش، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ نىزام پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش يېڭى ئەمەلىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا تولۇق ماسلىشالمىغاچقا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان. 

2015-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئېچىپ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان. 

«جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىنى قوغداش، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، پارتىيە تەشكىلاتىنى پاكلاشتۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ لۇشىيەن، فاڭجېن، سىياسەت، قارارلىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى» تۈزگەن نىزام. 

«نىزام» ئومۇمىي پرىنسىپ، خاس قائىدە، قوشۇمچە پرىنسىپ ئۈچ قىسىم، 11-باب، 133-ماددىسى، تەتبىقلىنىدۇ، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

1-باب يېتەكچى ئىدىيە، پىرىنسىپ ۋە تەتبىقلاش دائىرىسى

1-ماددا بۇ نىزام پارتىيەنىڭ نىزامنامىسى ۋە باشقا قائىدە-نىزاملىرىنى قوغداش، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، پارتىيە تەشكىلاتىنى پاكلاشتۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پارتىيە ئەزالىرىغا ئىنتىزامغا-قانۇنغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت، قارارلىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنىڭ ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى›› غا ئاساسەن تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ نىزامدا ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېتەكچى قىلىندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

3-ماددا پارتىيە نىزامنامىسى پارتىيەنىڭ ئەڭ تۈپكى ئىچكى قائىدە-نىزامى بولۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتىكى باش قائىدە. پارتىيەنىڭ ئىنتىزامى پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى بىلەن بارلىق پارتىيە ئەزالىرى جەزمەن رىئايە قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەت قائىدىسى. پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن پاتىيە ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزامىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى ۋە قوغدىشى، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ چەكلىمىسىگە ئاڭلىق بويسۇنۇشى، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى كېرەك.

4-ماددا پارتىيەنىڭ ئىنتىزام جازاسى خىزمىتىدە تۆۋەندىكىدەك پىرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇش كېرەك:

(1) پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى ئەڭ ئالدىغا قويۇپ، بالدۇر ۋە كىچىكلىرىدىن باشلاپ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

(2) پارتىيە ئىنتىزامى ئالدىدا ھەممە باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى. پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن پارتىيە ئەزالىرىغا ئىنتىزامنى كەسكىن، ئادىل ئىجرا قىلىش شەرت، پارتىيە ئىچىدە ئىنتىزام چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ھەرقانداق پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

(3) ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى. پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى پاكىتنى ئاساس، پارتىيە نىزامنامىسى، باشقا قائىدە-نىزاملىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش خاراكتېرىنى توغرا بېكىتىپ، ئەھۋاللارنى پەرقلەندۈرۈپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

(4) دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى. پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىشتە، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە پارتىيە تەشكىلاتلىرى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى كېرەك. ھەر قانداق شەخسنىڭ ياكى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ قارار قىلىشى ۋە تەستىقلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىجرا قىلىشى شەرت.

(5) ئالدىنقىلاردىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى. پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەنبىھ بىلەن تەربىيە بېرىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق چارە كۆرۈشنى لايىقىدا قوللىنىش كېرەك.

5-ماددا بۇ نىزام پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.

2-باب ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئىنتىزام جازاسى بېرىش

6-ماددا پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىدىن پارتىيە نىزامنامىسى ۋە باشقا قائىدە-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە، سوتسىيالىستىك ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيە، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىكتىن بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىرىنى ھەم ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدىغانلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش شەرت.

7-ماددا پارتىيە ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان ئىنتىزام جازاسىنىڭ تۈرى:

(1) ئاگاھلاندۇرۇش؛

(2) قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش؛

(3) پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش؛

(4) پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش؛

(5) پارتىيەدىن قوغلاش.

8-ماددا پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئىنتىزام جەھەتتە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى:

(1) ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش؛

(2) تارقىتىۋېتىش.

9-ماددا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن پارتىيە ئەزالىرىنى بىر يىل ئىچىدە، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن پارتىيە ئەزالىرىنى بىر يېرىم يىل ئىچىدە پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە پارتىيە سىرتىدىكى تەشكىلاتلارغا ئەسلىدىكى ۋەزىپىسىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىگە كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.

10-ماددا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلگەن پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيە ئىچىدە سايلاش ياكى تەشكىل تەيىنلەش ئارقىلىق ئۆتەۋاتقان پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى كۆرسىتىدۇ. پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئىچىدە ئىككىدىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارغا جازا قارارى چىقىرىشتا، بارلىق ۋەزىپىسىدىن ياكى مەلۇم ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېنىق بېكىتىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭ مەلۇم ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش شەرت. ئەگەر ئۇنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋەزىپىسىدىن باشلاپ تەرتىپى بويىچە ئېلىپ تاشلاش شەرت. پارتىيە سىرتىدىكى تەشكىلاتلارغا بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىش كېرەك.

پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، پارتىيە ئىچىدە ۋەزىپىسى بولمىغانلىرىغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش كېرەك. ئۇلاردىن پارتىيە سىرتىدىكى تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىرىنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدا پارتىيە سىرتىدىكى تەشكىلاتقا تەكلىپ بېرىش كېرەك.

پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلگەن ياكى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن پارتىيە ئەزالىرىنى ئىككى يىلغىچە پارتىيە ئىچىدە ئەسلىدىكى ۋەزىپىسى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە، پارتىيە سىرتىدىكى تەشكىلاتلارغا ئۇنى ئەسلىدىكى ۋەزىپىسى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىگە كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.

11-ماددا پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بىر يىل پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش، ئىككى يىل پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش دەپ ئايرىلىدۇ. بىر يىل پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلگەن پارتىيە ئەزالىرىدىن جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ پارتىيە ئەزالىق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرتىگە توشمايدىغانلىرىنىڭ پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش مۇددىتى يەنە بىر يىل ئۇزارتىلىدۇ. پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش مۇددىتىنى ئۇزاق بولغاندا ئىككى يىلدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلگەن مەزگىلدە، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ. پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش مەزگىلىدە ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ئىپادىسى بولغانلىرىنىڭ پارتىيە ئەزالىق ھوقۇقى سىناش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ؛ ئۆزگەرتمەي تۇرۇۋالغانلار ياكى پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلىدىغان ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا قىلمىشى سېزىلگەنلەرنى پارتىيەدىن قوغلاش كېرەك.

پارتىيە ئەزالىرىدىن پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلگەنلىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسى تەبىئىي ئېلىپ تاشلىنىدۇ. پارتىيە سىرتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىرىنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدا پارتىيە سىرتىدىكى تەشكىلاتقا تەكلىپ بېرىش كېرەك. پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلگەن پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە ئەزالىق ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئىككى يىلغىچە پارتىيە ئىچىدە ئەسلىدىكى ۋەزىپىسى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە، پارتىيە سىرتىدىكى تەشكىلاتلارغا ئەسلىدىكى ۋەزىپىسى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىگە كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.

12-ماددا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلگەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بەش يىلغىچە پارتىيەگە قايتىدىن كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. پارتىيەگە قايتىدىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

13-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى (پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن يۇقىرى جازا بېرىلگەنلىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى پارتىيە تەشكىلاتى توختىتىشى كېرەك.

14-ماددا پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلغان، ئۆزى ھەم تۈزىتىپ كېتەلمەيدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش كېرەك. ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ بىر تەرەپ قىلىنغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرىدىن پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشتىن يۇقىرى (پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جازا بېرىلىدىغانلىرىدىن باشقىلىرى ئۆزلۈكىدىن ۋەزىپىسىدىن قالىدۇ.

15-ماددا ئۆز تارمىقىدىكى بارلىق ياكى كۆپ سانلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تارقىتىۋېتىش كېرەك. تارقىتىۋېتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش كېرەك. ئۇلاردىن پارتىيە ئەزالىق شەرتىگە توشىدىغانلىرىنى يېڭىباشتىن تىزىملاش ھەمدە يېڭى تەشكىلاتتا پارتىيە تۇرمۇشى ئۆتكۈزۈشكە قاتناشتۇرۇش كېرەك؛ پارتىيە ئەزالىق شەرتىگە توشمىغانلىرىغا تەربىيە بېرىش، مۆھلەت بېرىپ ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇش، تەربىيە بېرىلسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلىرىنى چېكىندۈرۈش ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك؛ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

3-باب ئىنتىزام جازاسى بېرىش قائىدىسى

16-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ:

(1) تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلىدىغان مەسىلىسىنى تاپشۇرغانلار؛

(2) بىر دېلودىكىلەرنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدىغان مەسىلىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلغان، تەكشۈرۈشتە راست بولۇپ چىققانلار؛

(3) زىياننىڭ ئورنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تولدۇرغانلار ياكى خەۋپلىك ئاقىۋەتنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالغانلار؛

(4) ئىنتىزامغا-قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرغانلار؛

(5) باشقا خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلار.

17-ماددا دېلودىكى پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللارغا ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قارار ماقۇللاپ ياكى ئۆلكە (مىنىستىرلىق) دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى (مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) قارار قىلىش ئارقىلىق مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا يوللاپ تەستىقلىتىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىغا مەزكۇر نىزامدىكى چارە كۆرۈش دائىرىسىنىڭ سىرتىدا يەڭگىللىتىپ چارە كۆرۈشكىمۇ بولىدۇ.

18-ماددا پارتىيە ئەزالىرىدىن پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدىغان بولسىمۇ، مۇشۇ نىزامنىڭ 16-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا مۇشۇ نىزامنىڭ خاس پىرىنسىپىدا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىگە، تەنقىد-تەربىيە بېرىلسە ياكى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ. ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان كەچۈرۈم قىلىشتا يازما يەكۈن چىقىرىش كېرەك.

19-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا ئېغىر ياكى ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ:

(1) ئىنتىزامنى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش داۋامىدا، قىلمىشىنى توختاتمىغانلار، قولىنى تارتمىغانلار؛

(2) باشقىلارنى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇرلىغانلار، كۈشكۈرتكەنلەر؛

(3) مۇشۇ نىزامدا ئايرىم بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار.

20-ماددا ئىنتىزامغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ جازا بېرىلگەندىن كېيىن ئىنتىزامغا يەنە قەستەن خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلىدىغانلارغا ئېغىرلىتىپ جازا بېرىش كېرەك.

ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن جازا بېرىلىشتىن بۇرۇن يەنە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلمىشى بايقالغان پارتىيە ئەزالىرىغا ئېغىرلىتىپ جازا بېرىش كېرەك.

21-ماددا يېنىك جازا بېرىش مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشىغا بېرىلىدىغان جازا دائىرىسىدىكى يېنىكرەك ياكى ئېغىرراق جازانى كۆرسىتىدۇ.

ئېغىر جازا بېرىش مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشىغا بېرىلىدىغان جازا دائىرىسىدىكى يېنىكرەك ياكى ئېغىرراق جازانى كۆرسىتىدۇ.

22-ماددا يېنىكلىتىپ جازالاش مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشقا بېرىلىدىغان جازا دائىرىسىدە بىر دەرىجە يېنىكلىتىپ جازالاشنى كۆرسىتىدۇ.

ئېغىرلىتىپ جازالاش مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشقا بېرىلىدىغان جازا دائىرىسىدە بىر دەرىجە ئېغىرلىتىپ جازالاشنى كۆرسىتىدۇ.

مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدىغان ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا 1-تارماقتىكى يېنىكلىتىپ جازالاش قائىدىسى تەتبىقلانمايدۇ.

23-ماددا بىر كىشىدە مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جازا بېرىلىدىغان ئىككىدىن ئارتۇق (ئىككى خىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىش بولسا، قوشۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپ بىر نەچچە خىل قىلمىشىغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى جازادىن بىر دەرىجە ئېغىرلىتىپ جازا بېرىش كېرەك؛ ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ بىرىگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش كېرەك.

24-ماددا ئىنتىزامغا خىلاپ بىر قىلمىش بىرلا ۋاقىتتا مۇشۇ نىزامدىكى ئىككىدىن ئارتۇق (ئىككى خىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ماددىغا چۈشۈپ قالسا، ئېغىرراق جازا بېرىش ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خاراكتېرىنى بېكىتىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

بىر ماددىدا بەلگىلەنگەن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققىدىكى مۇھىم شەرتلەر يەنە بىر ماددىدا بەلگىلەنگەن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققىدىكى مۇھىم شەرتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن، ئالاھىدە بەلگىلىمە بىلەن ئادەتتىكى بەلگىلىمە بىردەك بولماي قالغاندا ئالاھىدە بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

25-ماددا مۇشۇ نىزامدا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىككىدىن ئارتۇق (ئىككى كىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىشى بىرلىشىپ ئىنتىزامغا قەستەن خىلاپلىق قىلسا، باشلامچىسىغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ، باشقا ئەزالىرىغا بىرلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشتا ئوينىغان رولى ۋە ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقىغا قاراپ پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلىدۇ.

ئىقتىسادىي ساھەدە ئىنتىزامغا بىرلىشىپ خىلاپلىق قىلغانلارغا تاپاۋەت سوممىسىنىڭ مىقدارى ۋە ئوينىغان رولىغا قاراپ جازا بېرىلىدۇ. ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان گۇرۇھنىڭ مۇھىم ئەزالىرىغا شۇ گۇرۇھنىڭ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان ئومۇمىي سوممىسى بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ ئىنتىزامغا بىرلىشىپ خىلاپلىق قىلىشتا باشلامچى بولغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئىنتىزامغا بىرلىشىپ خىلاپلىق قىلغان ئومۇمىي سوممسى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

باشقىلارنى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلەرنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى جاۋابكارلىقىنى ئىنتىزامغا بىرلىشىپ خىلاپلىق قىلغاندا ئوينىغان رولىغا قاراپ سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

26-ماددا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى كوللېكتىپ ھالدا پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ قارار چىقارغان ياكى پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بولسا، ئورتاق قەستەنلىكى بولغان ئەزالىرى ئىنتىزامغا بىرلىشىپ خىلاپلىق قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ ئىنتىزامغا سەۋەنلىك بىلەن خىلاپلىق قىلغان ئەزالىرىغا ئىنتىزامغا كوللېكتىپ خىلاپلىق قىلغاندا ئوينىغان رولى ۋە ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

4-باب قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن پارتىيە ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان ئىنتىزام جازاسى

27-ماددا پارتىيە تەشكىلاتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقىغان خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قاتارلىق جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قىلمىشى جىنايەتكە چېتىلغان بولسا، ئۇلارغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشى كېرەك.

28-ماددا پارتىيە تەشكىلاتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقىغان جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قىلمىشى جىنايەتكە چېتىلمىسىمۇ ئۇلارنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى، كونكرېت قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىدىن تاكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسىغىچە جازا بېرىشى كېرەك.

29-ماددا پارتىيە تەشكىلاتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقىغان باشقا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قىلمىشى پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، پارتىيە، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىشى كېرەك.

پارتىيە ئەزاسىلىق شەرتلىرىنى يوقىتىپ، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر زىيان سېلىش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش كېرەك.

30-ماددا پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنغان پارتىيە ئەزالىرىدىن قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىلغانلىرىنى ئالاقىدار دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. مەمۇرىي جازا ياكى باشقا ئىنتىزام جازاسى بېرىش زۆرۈر بولغانلىرى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتقا ياكى تەشكىلاتقا تەكلىپ بېرىش كېرەك.

31-ماددا پارتىيە تەشكىلاتى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن، پارتىيە ئەزالىرىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغانلىرىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى قاتارلىق پارتىيە ئەزالىق ھوقۇقىنى توختىتىشى كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، پارتىيە ئەزالىق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدىغانلىرىنىڭكىنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

32-ماددا پارتىيە ئەزاسىنىڭ جىنايى قىلمىشى يېنىكرەك بولۇپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارغان بولسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەتلىك ھۆكۈمى چىقارغان ھەم جىنايى ئىشلار جازاسىنى كەچۈرۈم قىلغان بولسا، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش كېرەك.

جىنايەت ئۆتكۈزگەن پارتىيە ئەزاسىغا ئايرىم جەرىمانە قويۇلغان بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

33-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش كېرەك.

(1) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاساسىي جازا (جۈملىدىن كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى جاكارلاش) غا قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىنغانلار؛

(2) سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى ئايرىم ياكى قوشۇمچە بېرىلگەنلەر؛

(3) سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن قانۇن بويىچە ئۈچ يىللىقتىن يۇقىرى (ئۈچ يىللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلار.

سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن ئۈچ يىللىقتىن تۆۋەن (ئۈچ يىللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ئومۇمەن پارتىيەدىن قوغلاش كېرەك. پارتىيەدىن قوغلانمىسىمۇ بولىدىغان ئايرىم كىشىلەرنى پارتىيە ئەزالىرىغا جازا بېرىشنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە سېلىشتۇرۇپ، يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە تەشكىلاتىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

34-ماددا پارتىيە تەشكىلاتى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغان پارتىيە ئەزالىرىغا ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ كۈچكە ئىگە ھۆكۈمى، كېسىمى ۋە قارارى شۇنىڭدەك بېكىتكەن پاكىتى، خاراكتېرى ۋە قىلمىشىغا ئاساسەن، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىشى ياكى ئۇلارنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

پارتىيە تەشكىلاتى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن، مەمۇرىي چارە كۆرۈلگەن پارتىيە ئەزالىرىدىن پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىرىغا كۈچكە ئىگە مەمۇرىي جازا، مەمۇرىي چارە قارارىدا بېكىتىلگەن پاكىت، خاراكتېر ۋە قىلمىشقا ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىشى ياكى ئۇلارنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

پارتىيە تەشكىلاتى دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزامى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ياكى باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن باشقا ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن پارتىيە ئەزالىرىدىن پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىرىغا ئالاقىدار تەرەپلەر بېكىتكەن پاكىت، خاراكتېر ۋە قىلمىشنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىشى ياكى ئۇلارنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىش ياكى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقارغاندىن كېيىن، ئەدلىيە ئورگىنى، مەمۇرىي ئورگان قاتارلىقلار ئەسلىدىكى كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم، كېسىم، قارار قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتكەندە، ئەسلىدىكى پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى ياكى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىرىنى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كۈچكە ئىگە ھۆكۈم، كېسىم، قارار قاتارلىقلارغا ئاساسەن قايتىدىن مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

5-باب باشقا بەلگىلىمىلەر

35-ماددا پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىدىن قىلمىشى يېنىكرەك بولۇپ، كاندىدات پارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغانلىرىغا تەنقىد-تەربىيە بېرىشى ياكى ئۇلارنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتىنى ئۇزارتىشى كېرەك؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىنىڭ كاندىدات پارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش كېرەك.

36-ماددا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغاندىن كېيىن ئىز–دېرىكى بولمىغان پارتىيە ئەزالىرىنى ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

(1) ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدىغانلارنى پارتىيە تەشكىلاتى قارار چىقىرىپ، پارتىيەدىن قوغلىشى كېرەك.

(2) ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىز–دېرىكى بولمىغان ۋاقتى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنى پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك.

37-ماددا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىدىن پارتىيە تەشكىلاتى جازا قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئىنتىزامغا خىلاپ ئېغىر قىلمىشى بارلىقى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سېزىلىپ، پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدىغانلىرىنى پارتىيەدىن قوغلاش كېرەك؛ پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناشتىن تۆۋەن (پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جازا بېرىلىدىغانلىرىغا يازما يەكۈن چىقىرىش، پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بەرمەسلىك كېرەك.

38-ماددا ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشىغا ئالاقىدار جاۋابكارلار مۇنداق پەرقلەندۈرۈلىدۇ:

(1) بىۋاسىتە جاۋابكار خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئادا قىلمىغان ياكى توغرا ئادا قىلمىغان، كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ياكى ئاقىۋەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان پارتىيە ئەزاسى ياكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرنى كۆرسىتىدۇ.

(2) ئاساسلىق جاۋابكار رەھبەر بىۋاسىتە باشقۇرغان خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئادا قىلمىغان ياكى توغرا ئادا قىلمىغان، كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ياكى ئاقىۋەتتە بىۋاسىتە رەھبەرلىك جاۋابكارلىقى بولغان پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرنى كۆرسىتىدۇ.

(3) مۇھىم جاۋابكار رەھبەر باشقۇرىدىغان خىزمىتى ياكى قارار چىقىرىشقا ئارىلىشىش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئادا قىلمىغان ياكى توغرا ئادا قىلمىغان، كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ياكى ئاقىۋەتتە ئاساسلىق بولمىغان رەھبەرلىك جاۋابكارلىقى بولغان پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرنى كۆرسىتىدۇ.

مۇشۇ نىزامدا ئېيتىلغان جاۋابكار رەھبەر ئاساسلىقى ئاساسلىق جاۋابكار رەھبەر ۋە مۇھىم جاۋابكار رەھبەر دەپ ئايرىلىدۇ.

39-ماددا مۇشۇ نىزامدا ئېيتىلغان تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇش ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ گۇمان قىلىنغان پارتىيە ئەزاسىنىڭ تەشكىل دەسلەپتە تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى ئالاقىدار تەشكىلاتقا مەسىلىسىنى تاپشۇرۇشى ياكى مەسىلىسى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈلۈۋاتقان ۋە دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە تەشكىل بىلمىگەن مەسىلىلىرىنى تاپشۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ گۇمان قىلىنغان پارتىيە ئەزالىرىدىن دېلونى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلىشىپ، تەشكىل ئىگىلەپ بولغان ئىنتىزامغا خىلاپ ئاساسلىق پاكىتلىرىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىرىغا يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ.

40-ماددا ئىقتىسادىي زىياننى ھېسابلىغاندا ئاساسلىقى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياننى ھېسابلاش كېرەك. بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىش بىلەن بىۋاسىتە سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بولغانلىقتىن زىيانغا ئۇچرىغان مال-مۈلۈكنىڭ ئەمەلىي قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ.

41-ماددا ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا ئېرىشىۋالغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى تاپشۇرغۇزۇش ياكى تۆلەشكە بۇيرۇش كېرەك.

ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا ئېرىشىۋالغان خىزمەت ۋەزىپىسى، كەسپىي ئۇنۋانى، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋانى، مۇكاپاتى، سالاھىيىتى قاتارلىق باشقا مەنپەئەتلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە بىكار قىلىش ھەققىدە دېلو بېجىرگۈچى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى ئالاقىدار تەشكىلات، تارماق ۋە ئورۇنلارغا تەكلىپ بېرىشى كېرەك.

مۇشۇ نىزامنىڭ 36–، 37-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا ئېرىشىۋالغانلىقى تەكشۈرۈشتە راست بولۇپ چىققان مەنپەئىتى مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

42-ماددا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىش قارارىنى شۇ قارار چىقىرىلىپ بىر ئاي ئىچىدە جازا بېرىلگەن پارتىيە ئەزاسى قارايدىغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا ۋە ئۆزىگە ئېلان قىلىش ھەمدە كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەشكىلىي مۇناسىۋىتى بويىچە جازا قارارى ماتېرىيالىنى جازالانغۇچىنىڭ ئارخىپىغا سېلىش كېرەك؛ پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشتىن يۇقىرى (پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جازا بېرىلگەنلەرنىڭ ۋەزىپىسى، مائاشى قاتارلىقلارنى مۇناسىپ ھالدا ئۆزگەرتىش رەسمىيەتلىرىنى بىر ئاي ئىچىدە بېجىرىپ بولۇش كېرەك؛ پارتىيە سىرتىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدىغان ياكى ۋەزىپىسى تەڭشىلىدىغانلىرىنى پارتىيە سىرتىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تەڭشەش توغرىسىدا پارتىيە سىرتىدىكى تەشكىلاتلارغا تەكلىپ بېرىش كېرەك. پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا، جازا قارارى چىقارغۇچى ياكى جازا قارارى چىقىرىشنى تەستىقلىغۇچى تەشكىلاتنىڭ تەستىقى بىلەن مۇددىتى ئۇزارتىلسا بولىدۇ. بېجىرىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

43-ماددا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىش قارارىنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ياكى جازالانغان پارتىيە ئەزاسى ئىشلەيدىغان ئورۇن جازا قارارىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى جازا قارارى چىقارغان ياكى تەستىقلىغان ئورگانغا ئالتە ئاي ئىچىدە دوكلات قىلىشى كېرەك.

44-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە بولغان پارتىيە ئىچىدىكى باشقا قائىدە–نىزاملارغا تەتبىقلىنىدۇ. لېكىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئېلان قىلغان ياكى ئېلان قىلىشنى تەستىقلىغان پارتىيە ئىچىدىكى باشقا قائىدە–نىزاملاردا ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

6-باب سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازا

45-ماددا ئۇچۇر تورى، رادىيو، تېلېۋىزىيە،گېزىت-ژۇرنال، كىتاب، لېكسىيە، مۇنبەر، دوكلات يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق ئۇسۇلدا بۇرژۇئاچە ئەركىنلەشتۈرۈش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغان، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپقا قارشى تۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرىگە قارشى تۇرىدىغان ماقالە، نۇتۇق، خىتابنامە، بايانات قاتارلىقلارنى ئاشكارا ئېلان قىلغانلارغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ماقالە، نۇتۇق، خىتابنامە، بايانات قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان، ئاڭلاتقان-كۆرسەتكەن، باسقان، نەشر قىلغان ياكى يۇقىرىدىكى قىلمىشلارغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن بىۋاسىتە جاۋابكار بىلەن رەھبەر جاۋابكارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى ياكى پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

46-ماددا ئۇچۇر تورى، رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، كىتاب، لېكسىيە، مۇنبەر، دوكلات يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ قىلمىشى يېنىكرەك بولسا، ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلارغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

(1) تۆت ئاساسىي پىرىنسىپقا زىت، پارتىيەنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىگە زىت ۋە بۇرمىلانغان ياكى باشقا ئېغىر سىياسىي مەسىلە بار ماقالە، نۇتۇق، خىتابنامە، بايانات قاتارلىقلارنى ئاشكارا ئېلان قىلغانلار؛

(2) مەركەزنىڭ مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېنلىرىنى كەلسە-كەلمەس ئەيىبلەپ، پارتىيەنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە بىردەكلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار؛

(3) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرگەنلەر، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنى ھاقارەتلىگەنلەر ۋە تۆھمەت قىلغانلار ياكى پارتىيە تارىخى، ئارمىيە تارىخىنى بۇرمىلىغانلار.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلارنى ئېلان قىلغان، كۆرسەتكەن-ئاڭلاتقان، باسقان، نەشر قىلغان ياكى يۇقىرىقىدەك قىلمىشلارغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن بىۋاسىتە جاۋابكارلار بىلەن رەھبەر جاۋابكارلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ياكى پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

47-ماددا 45–، 46–ماددىلاردا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ بىرى كىرگۈزۈلگەن كىتاب-ژۇرنال، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇشلۇق، تور ئۈن-سىن پىروگراممىلىرى قاتارلىقلارنى ياسىغان، ساتقان، تارتقانلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

45–، 46-ماددىلاردا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ بىرى كىرگۈزۈلگەن كىتاب-ژۇرنال، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇشلۇق قاتارلىقلارنى يېنىغا ئېلىپ چېگرادىن كىرىپ-چىققانلار ۋە پوچتىدىن يوللىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

48-ماددا پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىسى، ئاساسىي تەلىپى ياكى چوڭ-چوڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىگە قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە تەشكىلاتچىلىق قىلغان ھەم قاتناشقانلاردىن ياكى لېكسىيە، مۇنبەر، دوكلات يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىسى، ئاساسىي تەلىپى ياكى چوڭ-چوڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ، ناھايىتى ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلاردىن پىلانلىغۇچىلىرى، تەشكىلاتچىلىق قىلغۇچىلىرى ۋە تايانچلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

باشقا قاتناشقۇچىلار ياكى يۇقىرىقى ھەرىكەتلەرنى ئۇچۇر، ماتېرىيال، پۇل-مال، سورۇن بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق يوللار بىلەن قوللىغانلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق بىلمەي، مەجبۇرىي ئارىلىشىپ قالغانلاردىن تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەندىن كېيىن ھەقىقىي تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بولغانلىرىغا جازا كەچۈرۈم قىلىنسا ياكى جازا بېرىلمىسە بولىدۇ.

تەشكىل تەستىقلىمىغان ئەھۋالدا باشقا يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

49-ماددا پارتىيە رەھبەرلىكىگە، سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە قارشى تۇرىدىغان ياكى ھۆكۈمەتكە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان تەشكىلاتلارغا تەشكىلاتچىلىق قىلغانلاردىن ۋە قاتناشقانلاردىن پىلانلىغۇچىلىرى، تەشكىلاتچىلىق قىلغۇچىلىرى ۋە تايانچلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

باشقا قاتناشقانلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

50-ماددا خۈيداۋمېن تەشكىلاتى ياكى بىدئەتچىلەر تەشكىلاتلىرىغا تەشكىلاتچىلىق قىلغانلاردىن ۋە قاتناشقانلاردىن پىلانلىغۇچىلىرى، تەشكىلاتچىلىق قىلغۇچىلىرى ۋە تايانچلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

باشقا قاتناشقۇچىلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەي قاتنىشىپ قالغانلاردىن تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بولغانلىرىغا جازا كەچۈرۈم قىلىنسا ياكى جازا بېرىلمىسە بولىدۇ.

51-ماددا پارتىيە ئىچىدە مەخپىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ پارتىيەنى پارچىلايدىغان ھەرىكەتنى قىلغانلارغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

مەخپىي گۇرۇھقا ياكى پارتىيەنى پارچىلايدىغان باشقا ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلارغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

52-ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا توپلىشىپ ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ يۈرۈش، ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ يامانلىق قىلىش، دوست تارتىپ گۇرۇھ تەشكىللەش، خۇسۇسىي كۈچ توپلاش ياكى مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزى ئۈچۈن كۈچ توپلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ سىياسىي دەسمايە توپلىغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى ياكى پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

53-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى ۋە رەھبەرلىك جاۋابكارلىقى بولسا، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ياكى پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) پارتىيە ۋە دۆلەت, نىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلماي تۇرۇۋالغانلار؛

(2) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا زىت قارارلارنى قەستەن چىقارغانلار؛

(3) مەركەز قارار قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ–چوڭ سىياسەت مەسىلىسىدە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ قارار چىقارغانلار ۋە سىرتقا ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى ئېلان قىلغانلار.

54-ماددا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ ۋەقە تۇغدۇرغانلار ياكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلاردىن پىلانلىغۇچىلىرى، تەشكىللىگۈچىلىرى ۋە تايانچلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

باشقا قاتناشقۇچىلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەي مەجبۇرىي ئارىلىشىپ قالغانلاردىن تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بولغانلىرىغا جازا كەچۈرۈم قىلىنسا ياكى جازا بېرىلمىسە بولىدۇ.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە خىلاپ باشقا قىلمىشى بولغانلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

55-ماددا دىنىي ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە ۋە قارارلىرىغا قارشى تۇرغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلاردىن پىلانلىغۇچىلىرى، تەشكىللىگۈچىلىرى ۋە تايانچلىرىغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

باشقا قاتناشقۇچىلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەي مەجبۇرىي ئارىلىشىپ قالغانلاردىن تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بولغانلىرىغا جازا كەچۈرۈم قىلىنسا ياكى جازا بېرىلمىسە بولىدۇ.

56-ماددا دىنىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە ۋە تەدبىرلىرى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يولغا قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلغان ياكى پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلاردىن پىلانلىغۇچىلىرى، تەشكىللىگۈچىلىرى ۋە تايانچلىرىغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

باشقا قاتناشقۇچىلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەي مەجبۇرىي ئارىلىشىپ قالغانلاردىن تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بولغانلىرىغا جازا كەچۈرۈم قىلىنسا ياكى جازا بېرىلمىسە بولىدۇ.

57-ماددا تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىشىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلار ياكى دەلىل-ئىسپاتنى ياسىۋالغانلار، يوق قىلىۋەتكەنلەر، يۆتكىۋەتكەنلەر، يوشۇرۇۋالغانلار؛

(2) باشقىلارنىڭ پاش قىلىشى، دەلىل-ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشىنى توسقانلار؛

(3) بىر دېلودىكىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلار؛

(4) تەشكىلنى يالغان ئەھۋال بىلەن تەمىنلەپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى يوشۇرغانلار؛

(5) تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىشىدىغان باشقا قىلمىشى بارلار.

58-ماددا خۇراپاتلىق ھەرىكەتلىرىگە تەشكىلاتچىلىق قىلغانلارغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

خۇراپاتلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ يامان تەسىر پەيدا قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەي ئارىلىشىپ قالغانلاردىن تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بولغانلىرىغا جازا كەچۈرۈم قىلىنسا ياكى جازا بېرىلمىسە بولىدۇ.

59-ماددا دۆلەت (چېگرا) سىرتىدا، چەت ئەلنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانا (كونسۇلخانا) سىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەر ياكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغاندىن كېيىن، دۆلەت (چېگرا) سىرتىغا قېچىپ كەتكەنلەرگە ۋە چەت ئەلنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانا (كونسۇلخانا) سىغا قېچىپ كىرىۋالغانلارغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

دۆلەت (چېگرا) سىرتىدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزگە قارشى ماقالە، نۇتۇق، خىتابنامە، باياناتلارنى ئاشكارا ئېلان قىلغانلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

يۇقىرىدا ئېيتىلغان قىلمىشلارغا قەستەن قولاي شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەرگە پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

60-ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق پائالىيەتلەردە سىياسىي جەھەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىززەت-ئابرۇيى، مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلارغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

61-ماددا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە سىياسىي قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق خاتا ئىدىيە ۋە قىلمىشلارنى مەيلىگە قويۇۋېتىپ، ئاپاق-چاپاق بولۇۋېلىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

62-ماددا پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، خىزمەت ئادىتى قاتارلىق پارتىيەمىزنىڭ قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

7-باب تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازا

63-ماددا دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ چوڭ-چوڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلماي تۇرۇۋالغان ياكى ئىشلارنى كېڭىشىش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ئۆزى ياكى ئاز سانلىق كىشىلەر بىلەن قارار قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

64-ماددا پارتىيەنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىدىن پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلماي تۇرۇۋالغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى بىلەن رەھبەر جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

65-ماددا پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەقسىمات، يۆتكەش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق قارارلىرىنى ئىجرا قىلماي تۇرۇۋالغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ياكى پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

66-ماددا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ياكى خىزمەت تەلەپلىرىگە ئاساسەن، تەشكىلگە چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر، چوڭ-چوڭ ئىشلار توغرىسىدا يوليۇرۇق سوراش دوكلاتى قىلمىغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

ئۆزىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ۋە بارغانلىقىنى تەلەپ بويىچە دوكلات قىلمىغانلاردىن ياكى ئەينەن دوكلات قىلمىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

67-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) شەخسىيلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى دوكلات قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دوكلات قىلمىغانلار، ئەينەن دوكلات قىلمىغانلار؛

(2) تەشكىل سۆھبەتلەشكەندە، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەندە، تەشكىلگە مەسىلىنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەنلەر؛

(3) شەخسىي ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئەينەن تولدۇرمىغانلار.

شەخسىي ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئۆزگەرتىۋالغان ۋە ياسىۋالغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

پارتىيەگە كىرىشتىن ئىلگىرىكى ئېغىر خاتالىقىنى يوشۇرغانلارنى ئادەتتە رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك؛ پارتىيەگە كىرگەندىن كېيىن ئىپادىسى ياخشى بولغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

68-ماددا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى، مەكتەپداشلار ئۇيۇشمىسى، سەپداشلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلغانلار ۋە قاتناشقانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ياكى پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

69-ماددا باشقىلارنى ئىنتىزام جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغۇزۇش مەقسىتىدە قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

70-ماددا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقى بىلەن سايلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

71-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) تەنقىد قىلىش، پاش قىلىش، شىكايەت قىلىشقا توسقۇنلۇق، بېسىم قىلغانلار ياكى تەنقىد قىلىش، پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ماتېرىياللىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ بېسىۋالغانلار، كۆيدۈرۈۋەتكەنلەر ۋە ياكى ئۇنى قەستەن باشقىلارغا ئاشكارىلىغانلار؛

(2) پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇنازىرىلىشىشى، ئاقلىشى، گۇۋاھلىق بېرىشىغا بېسىم ئىشلىتىپ، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

(3) پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەرز قىلىشىغا بېسىم ئىشلىتىپ يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار ياكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەرز قىلىشىنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(4) پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار.

تەنقىد قىلغۇچى، پاش قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچى، گۇۋاھچى ۋە باشقا كىشىلەرگە زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلارغا 1-تارماقتىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئېغىر ياكى ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك قىلمىشى بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارى بىلەن رەھبەر جاۋابكارلىرى 1-تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

72-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) دېموكراتىك كۆرسىتىش، دېموكراتىك سىناش، تەشكىلىي تەكشۈرۈش ۋە پارتىيەنىڭ ئىچكى سايلىمىدا ئاۋاز بەرگۈزۈش، ياردەم بەرگۈزۈش قاتارلىق تەشكىلسىزلىك ھەرىكەتلىرىنى قىلغانلار؛

(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن بېلەت تاشلاش، سايلاش پائالىيەتلىرىدە تەشكىلىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ تەشكىلسىزلىك ھەرىكەتلىرىنى قىلىپ، باشقىلارنى بېلەت تاشلاش، ئاۋاز بېرىشكە تەشكىللىگەنلەر، قۇتراتقۇلۇق قىلغانلار، ئازدۇرغانلار؛

(3) سايلامدا پارتىيە نىزامنامىسىگە، پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى قائىدە –نىزامىغا ۋە ئالاقىدار قائىدىلەرگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلغانلار.

73-ماددا كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتىدە، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىدىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

كادىرنى خاتا كۆزىتىپ، خاتا ئىشلىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى ياكى رەھبەر جاۋابكارلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

74-ماددا كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش، سىناش، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇنۋانىنى باھالاش ۋە ئەسكەر ئېلىش، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن، كەسىپ ئالماشتۇرغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان، بۇرمىلىغان ياكى خىزمەت ھوقۇقى ۋە ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزى مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالغان ياكى باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

75-ماددا پارتىيەنىڭ نىزامنامىسى ۋە باشقا قائىدە-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختىپەزلىك ۋاسىتىسى ياكى باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرتىگە توشمايدىغانلارنى پارتىيەگە قوبۇل قىلغان ياكى پارتىيە ئەزاسى ئەمەسلەرگە پارتىيە ئەزاسىلىق ئىسپاتى بەرگەنلەردىن بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى بىلەن رەھبەر جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

بەلگىلەنگەن ئالاقىدار تەرتىپلەرگە خىلاپ ھالدا پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلغانلاردىن بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى بىلەن رەھبەر جاۋابكارلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

76-ماددا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ چەت ئەل تەۋەلىكىگە ئۆتكەنلەرگە ياكى دۆلەت (چېگرا) سىرتىدا دائىملىق تۇرۇش، ئۇزاق تۇرۇش ئىجازىتىگە ئېرىشكەنلەرگە پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

77-ماددا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ شەخسىي ئىش بىلەن دۆلەت (چېگرا) سىرتىغا چىقىش كىنىشكىسى، شياڭگاڭ-ئاۋمېنغا چىقىش يول خېتى بېجىرگەنلەردىن ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ دۆلەت (چېگرا) سىرتىغا كىرىپ-چىققانلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

78-ماددا چەت ئەلدىكى ئاپپاراتلار ياكى دۆلەت (چېگرا) دىن ۋاقىتلىق چىققۇچى ئۆمەك (گۇرۇپپا) لەردىكى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىلدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلىپ قالغانلىرىغا ياكى تاشقى خىزمەت، مەخپىي خىزمەت، ھەربىي خىزمەت قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدىغان پارتىيە ئەزالىرىدىن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، كىشىلەر بىلەن ئالاقىلەشكەن ۋە بېرىش –كېلىش قىلىشقانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ياكى پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

79-ماددا چەت ئەلدىكى ئاپپاراتلار ياكى دۆلەت (چېگرا) سىرتىغا ۋاقىتلىق چىققۇچى ئۆمەك (گۇرۇپپا) لاردىكى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىلدىن ئايرىلىپ يۈرگەن ۋاقتى ئالتە ئايغا توشمىغانلىرىغا ھەمدە ئۆزلۈكىدىن قايتىپ كەلگەنلىرىگە پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ تەشكىلدىن ئايرىلىپ يۈرگەن ۋاقتى ئالتە ئايدىن ئاشقانلىرى پارتىيەدىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، پارتىيە ئىچىدە رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ.

باشقىلارنىڭ تەشكىلدىن ئايرىلىپ يۈرۈشىگە قەستەن قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ياكى پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

8-باب پاكلىق ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازا

80-ماددا خىزمەت ھوقۇقى ياكى ۋەزىپىسىدىكى تەسىردىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ئۆزىنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە باشقا چۆپقەتلىرى قارشى تەرەپنىڭ پۇل-ماللىرىنى ئالغانلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

81-ماددا خىزمەت ھوقۇقى ياكى ۋەزىپىسىدىكى تەسىردىن ئۆزئارا پايدىلىنىپ قارشى تەرەپ ۋە جورىلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يېنىدىكى خىزمەتچىلىرى ۋە چۆپقەتلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ ھوقۇق سودىسى قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

82-ماددا جورىلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى قاتارلىق ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىلەن يېنىدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ياكى ۋەزىپىسىدىكى تەسىردىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىشىگە يول قويغانلار ۋە سۈكۈت قىلغانلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

پارتىيەلىك كادىرلار جورىلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇنىڭ جورىلىرى ئەمەلىي خىزمەت قىلمايمۇ ئىش ھەققى ئالغانلىقى ياكى ئەمەلىي خىزمەت قىلسىمۇ ۋەزىپە-دەرىجە ئۆلچىمىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئىش ھەققى ئالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تۈزەتمىگەنلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

83-ماددا ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سوۋغات، پۇل، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىقلارنى ئالغانلىرىدىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

نورمال قائىدە-يوسۇن ۋە ئادەمگەرچىلىكنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن باشقا سوۋغات، پۇل، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىقلارنى ئالغانلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

84-ماددا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە باشقا چۆپقەتلىرىگە نورمال قائىدە-يوسۇن ۋە ئادەمگەرچىلىكنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن سوۋغات، پۇل، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىقلارنى ھەدىيە قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

85-ماددا خىزمەت ھوقۇقى ياكى ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغدىن پايدىلىنىپ، پۇل-مال يىغىۋالغان ياكى دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە خەلق مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر ياكى ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ، ھەتتا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

86-ماددا ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتكە ياكى ساياھەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلاردىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

87-ماددا بەدەن چېنىقتۇرۇش كارتىسى، ئارامگاھلار ۋە كۇلۇبلارنىڭ ئەزالىق كارتىسى، گولف توپ كارتىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئىستېمال كارتىسىنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ئالغانلار، ئىلكىدە تۇتقانلار، ئىشلەتكەنلەردىن ياكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ خۇسۇسىي ئارامگاھلارغا كىرىپ-چىقىپ يۈرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

88-ماددا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ پايدا ئېلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) سودا قىلغان، كارخانا قۇرغانلار؛

(2) پېيى بازارغا سېلىنمىغان شىركەت (كارخانا) نىڭ پېيىغا ياكى ئاكسىيەسىگە ئېرىشكەنلەر؛

(3) پاي چېكى ئېلىپ-ساتقانلار ياكى ئاكسىيەگە مەبلەغ سالغانلار؛

(4) ھەقلىق ۋاسىتىچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار؛

(5) دۆلەت (چېگرا) سىرتىدا شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرغانلار ياكى مەبلەغ سېلىپ پاي قوشقانلار؛

ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ پايدا ئېلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان باشقا قىلمىشى بولغانلار.

خىزمەت ھوقۇقى ياكى ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، چۆپقەتلىرىنىڭ تىجارىتىگە پايدا يەتكۈزگەنلەر ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ئىقتىسادىي گەۋدە، ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىق ئورۇنلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەنلەر ياكى تەستىقلىتىپ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن، لېكىن ئىش ھەققى، مۇكاپات پۇلى، ياردەم پۇلى قاتارلىق ئارتۇق پايدا ئالغانلار 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

89-ماددا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن ياكى پېنسىيە (دەم ئېلىشقا) گە چىققاندىن كېيىن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ئەسلىدىكى ۋەزىپىسى بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرىدىغان رايوندىكى ياكى كەسىپ دائىرىسىدىكى كارخانىلار بىلەن ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىغا تەكلىپ قىلىنسا ياكى ئەسلىدىكى ۋەزىپىسى بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرىدىغان كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك پايدا ئېلىش پائالىيەتلىرى بىلەن ئۆزى شۇغۇللانغان بولسا، قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن ياكى پېنسىيە (دەم ئېلىشقا) گە چىققاندىن كېيىن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت، فوند باشقۇرۇش شىركەتلىرىدە مۇستەقىل مۇدىر، مۇستەقىل نازارەتچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولسا، قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

90-ماددا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايون ياكى كەسىپ دائىرىسىدە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى شۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايون ياكى كەسىپ دائىرىسىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ شېرىكسىز كارخانىسى ۋە جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىدا چەت ئەل تەرەپ ئەۋەتكەن تەكلىپ بىلەن تەيىنلەنگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىنى ئۆتىگەن بولسا، شۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بەلگىلىمە بويىچە تۈزىتىشى كېرەك؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالسا، ئۆزى ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى ياكى تەشكىل ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى تەڭشىشى كېرەك؛ ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمىگەنلەرگە ياكى تەشكىلنىڭ تەڭشىشىگە بويسۇنمىغانلارغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

91-ماددا پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ سودا قىلىپ كارخانا قۇرغانلىرىدىن بىۋاسىتە جاۋابكارلار بىلەن رەھبەر جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

92-ماددا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار خىزمەت، تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتناش، داۋالىنىش، مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزى، جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىسى قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن چۆپقەتلىرىگە ئالاھىدە تەمىناتنى قولغا كەلتۈرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

93-ماددا تۇرالغۇ تەقسىم قىلىش، سېتىۋېلىش جەريانىدا دۆلەت ۋە كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

94-ماددا خىزمەت ھوقۇقى ياكى ۋەزىپىسىدىكى تەسىردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان ئومۇم ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل-مېلىنى ئىگىلىۋالغان ياكى ئاز-تولا پۇل تۆلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئومۇم ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل-مېلىنى ئىگىلىۋالغانلار ۋە ياكى ھەقسىز ھەم ئاز-تولا ھەق بېرىش ئارقىلىق مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغان، ئەمگەك كۈچى ئىشلەتكۈچىلەردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

ئۆزى، جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىسى قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى چىقىرىدىغان خىراجەتنى خىزمەت ھوقۇقى ۋە ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە قاراشلىق ئورۇنغا، باشقا ئورۇنغا ياكى باشقا كىشىگە چىقىم، ئاتچوت قىلدۇرغانلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

95-ماددا خىزمەت ھوقۇقى ۋە ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ جامائەت مۈلكىنى ئىشلىتىۋالغان، ۋاقتى ئالتە ئايدىن ئاشقانلاردىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

ئىگىلىۋالغان جامائەت مۈلكىدىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

96-ماددا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈم پۇلىدىن چىقىم قىلىنىدىغان زىياپەت، يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە تەشكىلاتچىلىق قىلغانلار ۋە قاتناشقانلار ياكى ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات سېتىۋالغانلار، ھەدىيە قىلغانلار، تارقاتقانلار بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىدىن ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىدىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

97-ماددا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ئىش ھەققىنى ئۆزى بېكىتكەنلەر ياكى قوشۇمچە پۇل، ياردەم پۇلى، مۇكاپات قاتارلىقلارنى كەلسە-كەلمەس تارقاتقانلار بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىدىن ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىدىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

98-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىدىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغان ياكى ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن كاماندىروپكىغا چىقىشنى باھانە قىلىپ ساياھەت قىلغان ۋە ياكى ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن كاماندىروپكىغا چىقىش نامى بىلەن شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ساياھەت قىلغانلار؛

(2) تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، مۇھاكىمە، سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىش قاتارلىق ناملار بىلەن دۆلەت (چېگرا) سىرتىغا چىقىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ساياھەت قىلغانلار.

99-ماددا ھۆكۈمەت كۈتۈۋېلىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆلچەمدىن، دائىرىدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش ياكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چوڭ يەپ-چوڭ ئىچىش قىلمىشلىرى سادىر بولغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىدىن ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

100-ماددا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش، سېتىۋېلىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، بېزەپ بېرىش، ئىشلىتىش قىلمىشلىرى ياكى ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار سادىر بولغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىدىن ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

101-ماددا يىغىن پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) يىغىن ئېچىش مەنئى قىلىنغان داڭلىق مەنزىرە رايونىدا يىغىن ئاچقانلار؛

(2) ھەر خىل بايرام-يىغىن، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانلار ياكى تەستىقلىغانلار.

باھالاش-ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش بويىچە باھالاش پائالىيىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەنلەر ياكى باھالاش-ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش بويىچە تەقدىرلەش پائالىيىتىنى باھانە قىلىپ ھەق ئالغانلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

102-ماددا جامائەت ئۆيلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) ئىشخانا بىناسى، تەربىيەلەش مەركىزى قاتارلىق ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىشنى قارار قىلىپ ياكى تەستىقلاپ، ئىشخانا ئۆيلىرىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ سەپلىگەن ۋە ئىشلەتكەنلەر؛

(2) ياتاقلارنى ھۆكۈمەت پۇلىغا ھۆددە ئالغانلار، ئىگىلىۋالغانلار ياكى باشقا سورۇنلارنى شەخسىيلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەنلەر.

103-ماددا پۇل-سەتەڭلەر سودىسى قىلغانلار ياكى پۇل-مال بېرىپ پۇل-سەتەڭلەر سودىسى قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

104-ماددا پاكلىق ئىنتىزامىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا كونكرېت قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىدىن تاكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسىغىچە بولغان جازالارنى بېرىش كېرەك.

9-باب ئاممىۋى ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازا

105-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىدىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) ئاممىدىن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ مەبلەغ توپلاپ ۋە ئاممىنى كەڭ دائىرىدە ئەمگەككە سېلىپ، ھەقنى سېلىق قىلىپ چېچىپ، ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتكەنلەر؛

(2) ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىنىڭ پۇل-مېلىنى تۇتۇپ قالغانلار، ئېلىۋالغانلار ياكى ئاممىنى جازالىغانلار؛

(3) ئاممىنىڭ پۇل-مېلىنى قىسىپ ئەپقالغانلار ياكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ئاممىنىڭ پۇلىنى نېسى قىلغانلار؛

(4) باشقۇرۇش، مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھەق ئالغانلار؛

(5) ئاممىنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرگەندە ئاممىنى ئەتەي قىينىغانلار، يەۋالغانلار، ئېلىۋالغانلار، قىسىۋالغانلار، سورىغانلار؛

(6) ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.

106-ماددا ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى ئۆز-ئۆزىگە خوجىلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئارىلىشىۋېلىپ، ئاممىنىڭ مال-مۈلكىنى ئېغىرراق زىيانغا ئۇچراتقانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

107-ماددا ئىجتىمائىي كاپالەت، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش-ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش پۇل-ماللىرىنى تەقسىملەش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرىنى كۆزلىگەنلەر، ئادىل بولمىغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

108-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قاتارلىق جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى سىياسەتكە ئاساسەن ياكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەل قىلغىلى بولسىمۇ ھەل قىلماي، ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلار؛

(2) ئاممىنىڭ سىياسەتكە ئۇيغۇن تەلەپلىرىگە پاسسىپ تاقابىل تۇرۇپ، بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ بەس سېلىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان سالغانلار؛

(3) ئاممىغا مۇئامىلە قىلىشتا پوزىتسىيەسى ناچار، ئاددىي، قوپال بولۇپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار؛

(4) ساختىپەزلىك قىلىپ، يۇقىرىنىڭ كۆزىنى بوياپ، تۆۋەننى ئالداپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار.

109-ماددا ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا پىسەنت قىلماي، قارىغۇلارچە بەسلىشىپ، تۈرلەرنى قارىسىغا يولغا قويۇپ، دۆلەت، كوللېكتىپ ياكى ئاممىنىڭ مال-مۈلكى بىلەن مەنپەئىتىنى ئېغىرراق زىيانغا ئۇچراتقانلاردىن بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

110-ماددا دۆلەتنىڭ مال-مۈلكى بىلەن ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكى ئېغىر خەتەرگە يولۇققاندا، قۇتقۇزۇش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ قۇتقۇزمىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ياكى پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

111-ماددا پارتىيە ئىشلىرى، مەمۇرىيەت، زاۋۇت ئىشلىرى، كەنت (ئاھالە) ئىشلىرى قاتارلىقلارنى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئاشكارىلىماي، ئاممىنىڭ بىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

112-ماددا ئاممىۋى ئىنتىزامغا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا كونكرېت قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىدىن تاكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسىغىچە بولغان جازالارنى بېرىش كېرەك.

10-باب خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازا

113-ماددا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ياكى باشقۇرۇشتا بوشاڭلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، پارتىيە، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى شۇنىڭدەك جامائەت مال-مۈلكىنى ئېغىرراق زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان بولسا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) پارتىيە بىلەن دۆلەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەتكۈزمەي ئىزچىللاشتۇرمىغانلار، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلمىغانلار ياكى پارتىيە بىلەن دۆلەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا خىلاپ خاتا تەدبىر چىقارغان بولسا؛

(2) ئۆز رايونى، بۆلۈمى، سىستېمىسى ۋە ئىدارىسىدە پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىسى، ئاساسىي تەلىپىگە ياكى پارتىيە بىلەن دۆلەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاشكارا قارشى تۇرىدىغان قىلمىشلار سادىر بولغان بولسا؛

114-ماددا پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولماي، ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلاردىن ياكى ئېغىر يامان تەسىر پەيدا قىلغانلاردىن بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ۋە رەھبەر جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

115-ماددا پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى بىلەن رەھبەر جاۋابكارلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) پارتىيە ئەزاسىغا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن، بەلگىلىمىگە ئاساسەن پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بەرمىگەنلەر ياكى دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ قىلمىشلارغا پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جازا بېرىش زۆرۈر بولسىمۇ جازا بەرمىگەنلەر؛

(2) پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىش قارارى ياكى ئىلتىماسەن قايتا تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىلغاندىن كېيىن، قاراردىكى جازالانغۇچىنىڭ پارتىيەلىكى، ۋەزىپىسى، ۋەزىپە دەرىجىسى، تەمىناتى قاتارلىق ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەر؛

(3) پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن، كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەشكىلىي مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن جازالانغان پارتىيە ئەزاسىغا بولغان دائىملىق تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرمىغانلار.

116-ماددا خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئاسىيلىق قىلىپ قېچىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى بىلەن رەھبەر جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ چىقىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى بىلەن رەھبەر جاۋابكارلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

117-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن، كۆزدىن كەچۈرگەندە ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا خىزمەتلەردىن مەلۇمات، دوكلات بەرگەندە دوكلات قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى دوكلات قىلماي ياكى ئەينەن دوكلات قىلماي ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ۋە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى بىلەن رەھبەر جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيىدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ.

118-ماددا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، بازار ئىگىلىكى ھەرىكىتىگە ئارىلىشىۋېلىپ ۋە قول تىقىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرنى سادىر قىلىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددە ئېلىش، ھۆددە بېرىش، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، ئۆي-زېمىن تەرەققىيات-تىجارەت ئىشلىرى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش، ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمىتى قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە ئارىلىشىۋالغانلار ۋە قول تىققانلار؛

(2) دۆلەت كارخانىلىرىنى قايتىدىن تەشكىللەپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، قوشۇۋېتىش، ۋەيران بولۇش، مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى، مال-مۈلكىنى ئېنىقلاش، مال-مۈلكىنى باھالاش، مال-مۈلكىنى سېتىش، چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە باشقا چوڭ-چوڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ھەرىكەتلىرى قاتارلىق ئىشلارغا ئارىلىشىۋالغانلار ۋە قول تىققانلار؛

(3) تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت، مەبلەغ قەرز بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى تەستىقلاش ۋە بېجىرىشكە ئارىلىشىۋالغانلار ۋە قول تىققانلار؛

(4) ئىقتىسادىي ماجىرالارغا ئارىلىشىۋالغانلار ۋە قول تىققانلار؛

(5) كوللېكتىپ مەبلىغى، مۈلكى ۋە بايلىقىنى ئىشلىتىش، تەقسىملەش، ھۆددە ئېلىش، ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق ئىشلارغا ئارىلىشىۋالغانلار ۋە قول تىققانلار.

119-ماددا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەدلىيە ھەرىكەتلىرى، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىۋېلىپ ۋە قول تىقىپ، مۇناسىۋەتلىك جايلار ياكى تارماقلارغا تاپىلاپ، ئارىغا ئادەم قويۇپ ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەدلىيە ھەرىكەتلىرىگە، ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسى ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنلەردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، جامائەت مالىيە مەبلىغىنى تەقسىملەش، تۈر تۇرغۇزۇشنى تەكشۈرۈپ باھالاش، ھۆكۈمەتنىڭ مۇكاپاتلاش-تەقدىرلەش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىۋېلىپ ۋە قول تىقىپ، ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

120-ماددا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش قاتارلىق تېخى ئاشكارىلىمىغان ئىشلىرى ياكى مەخپىي تۇتۇش زۆرۈر بولغان مەزمۇنلارنى ئاشكارىلاپ قويغانلار، تارقىتىۋەتكەنلەر ياكى ئوغرىلىۋالغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتتىكى ماتېرىياللىرىنى ئۆز مەيلىچە ساقلاپ يۈرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

121-ماددا ئىمتىھان ئېلىش، قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە سوئالنى ئاشكارىلاپ قويۇش، ئىمتىھان مەيدانىدا ساختىپەزلىك قىلىش، ئىمتىھان قەغىزىنى ئۆزگەرتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

122-ماددا ناتوغرا يول بىلەن ھۆكۈمەت پۇلىنى خەجلەپ، دۆلەت (چېگرا) سىرتىغا ئۆزى چىقماقچى ياكى باشقىلارنى چىقارماقچى بولغانلاردىن قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

123-ماددا دۆلەت (چېگرا) سىرتىغا ۋاقىتلىق چىققۇچى ئۆمەك (گۇرۇپپا)لەر ياكى كىشىلەر ئىچىدىكى پارتىيە ئەزالىرى دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى مۇددىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۇزارتقان ياكى لىنىيەسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەن بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى بىلەن رەھبەر جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

124-ماددا چەت ئەلدىكى ئاپپاراتلار ياكى چەت ئەلگە (چېگرا) دىن ۋاقىتلىق چىققان ئۆمەك (گۇرۇپپا) لەردىكى پارتىيە ئەزالىرىدىن شۇ دۆلەت ۋە رايوننىڭ قانۇن-پەرمانىغا خىلاپلىق قالغان ياكى شۇ دۆلەت، رايوننىڭ دىنىي ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلارنىڭ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

125-ماددا پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، تەشكىلات، تەشۋىقات، بىرلىك سەپ خىزمىتى، ئورگان خىزمىتى قاتارلىق باشقا خىزمەتلىرىدە، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى توغرا ئادا قىلماي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ۋە ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلارغا كونكرېت قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىدىن تاكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسىغىچە بولغان جازالارنى بېرىش كېرەك.

11-باب تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازا

126-ماددا ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپخورلۇق قىلىپ، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ، پەس-چاكىنىلىققا ئىنتىلىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

127-ماددا زىناخورلۇق قىلىپ ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

خىزمەت ھوقۇقى، تەربىيەلەش مۇناسىۋىتى، بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىدىن ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان باشقا مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ زىناخورلۇق قىلغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

128-ماددا ئىجتىمائىي جامائەت تەرتىپى ۋە ياخشى ئۆرپ-ئادەتلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، جامائەت سورۇنلىرىدا ناتوغرا قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

129-ماددا ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلارغا كونكرېت قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىدىن تاكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسىغىچە بولغان جازالارنى بېرىش كېرەك.

130-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار مۇشۇ نىزامغا ئاساسەن، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يولغا قويىدىغان يەككە بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

131-ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بۇ نىزامغا ئاساسەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، قوشۇمچە بەلگىلىمە ياكى يەككە بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

132-ماددا بۇ نىزامنى ئىزاھلاشقا ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەسئۇل بولىدۇ.

133-ماددا بۇ نىزام 2016-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.



بۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاياغلاشتۇرۇلغان دېلولاردىن قايتا تەكشۈرۈش ۋە قايتا قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدىغانلىرىغا شۇ چاغدىكى بەلگىلىمە ياكى سىياسەت تەتبىقلىنىدۇ. ئاياغلاشتۇرۇلمىغان دېلولاردىكى قىلمىشلار شۇ قىلمىش يۈز بەرگەن چاغدىكى بەلگىلىمە ياكى سىياسەتتە ئىنتىزامغا خىلاپ ئەمەس دەپ قارالغان بولسىمۇ، بۇ نىزامدا ئىنتىزامغا خىلاپ دەپ قارالغان بولسا، شۇ چاغدىكى بەلگىلىمە ياكى سىياسەت بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. قىلمىش يۈز بەرگەن چاغدىكى بەلگىلىمە ياكى سىياسەتتە ئىنتىزامغا خىلاپ دەپ قارالسا، شۇ چاغدىكى بەلگىلىمە ياكى سىياسەت بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، لېكىن بۇ نىزامدا ئىنتىزامغا خىلاپ ئەمەس ياكى يېنىكرەك بىر تەرەپ قىلىنمىدى دەپ قارالغانلىرى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#