ۋىلادېمىر نابوكوف

ۋىلادېمىر نابوكوف

ۋىلادېمىر نابوكوف 1899-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى پېتىربورگدا تۇغۇلغان، نابوكوف ئائىلىسى پايتەخت ئاقسۆڭەكلىرى دائىرىسىگە مەنسۇپ. نابوكوف 1977-يىلى 2-ئىيۇلدا شۋېتسارىيىدە ۋاپات بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋىلادېمىر نابوكوف
باشقا نامى Vladimir Vladimirovich Nabokov
يۇرتى پېتىربورگ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1977-يىلى 2-ئىيۇل
پۈتتۈرگەن مەكتىپى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 弗拉基米尔·纳博科夫
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1899-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
كەسپى يازغۇچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋىلادېمىر نابوكوفۋىلادېمىر  نابوكوف 1899-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى پېتىربورگدا تۇغۇلغان، نابوكوف ئائىلىسى پايتەخت ئاقسۆڭەكلىرى دائىرىسىگە مەنسۇپ.نابوكوف 1977-يىلى 2-ئىيۇلدا شۋېتسارىيىدە ۋاپات بولغان.

ۋىلادېمىر نابوكوفنابوكوف دەسلەپكى ئائىلە تەربىيىسىنى كۆپ تەرەپلىمە قوبۇل قىلغان. ئالدى بىلەن بۇنداق تەربىيە ئىنگلىز تىلى، فرانسۇز تىلى، رۇس تىلى قاتارلىق ئۈچ خىل تىلدا تەڭ ئېلىپ بېرىلغان.

نابوكوف 1911-يىلىدىن 1917-يىلغىچە جېنىشوۋ مەكتىپىدە ئوقۇغان. نابوكوف ئوقۇغان مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى سىمۋولىزىمچى شائىر ف. گىپئوس ئىدى. ئۇ نابوكوفنىڭ 1916-يىلى ئۆزى پۇل تۆلەپ نەشر قىلدۇرغان شېئىر توپلىمىنى قىلچە رەھىم قىلماي تەنقىدلىگەن ئىدى.

ۋىلادېمىر نابوكوف1917-يىلى ئۆكتەبىردە زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي نابوكوف ئائىلىسى قىرىمغا كۈچۈپ كېتىدۇ، 1919-يىلى كۆكلەمدە رۇسىيىدىن ئۈزۈلكېسىل ئايرىلىدۇ. نابوكوف 1919-يىلىدىن 1922-يىلىغىچە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا فرانسۇز ئەدەبىياتى بىلەن رۇس ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن. تەقدىرنىڭ تۇيۇقسىز بۇرۇلۇشى نابوكوفنىڭ لىرىكىلىق ئىجادىيىتىگە قۇدرەتلىك قوزغىتىش ئېلىپ كېلىدۇ. مەجبۇرىي سەرگەردانلىقتىكى دەسلەپكى بىر نەچچە يىل ئۇنىڭ شېئىرنى تازا كۆپ يازغان ۋاقىتلىرى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ شېئىرلىرىدىكى ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۇ بلوك بىلەن بۇنىنغا ئوخشاش ئۇسلۇبلىرى ئوخشىمايدىغان شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت پرىنسىپلىرىنى ئۆزىگە ئەينەك قىلغان.

بالدۇرلا باشلاپ كەتكەن تەرجىمىچىلىك ئىجادىيىتى يازغۇچىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەدەبىي ھاياتىغا ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.

1922-يىلى 3-ئايدا، يازغۇچىنىڭ دادىسى بېرلىندا ئۇچىغا چىققان ئوڭچىل ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ئىش نابوكوفنى قاتتىق لەرزىگە سالغان ۋە ئۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ پەقەتلا ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولغان.

نابوكوف كەسپىي يازغۇچىغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىكى 51 يىللىق تارىخقا ئىگە بېرلىن دەۋرى، ئۇنىڭ ئەدەبىي ماھارىتى تېز سۈرئەت بىلەن پىشقان مەزگىل ئىدى. ئۇ نۇرغۇن ھېكايە، شېئىرىي ئەسەرلەر، دراما، تەرجىمە ئەسەرلەر، ئوبزور ماقالىلەر ۋە كىتابلارغا باھالارنى ئېلان قىلغان.

1937-يىلى يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىجادىيىتىدىكى بېرلىن باسقۇچى ئاخىرلىشىدۇ. ئۇ چاغدا فاشىستلار سىياسىي تۈزۈمىدىن دالدىلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى پارىژغا كېلىدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن پارىژدىن يىراق غەربىي ئامېرىكىغا كېلىدۇ.

1940-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە نابوكوۋ ئامېرىكىدا ياشىغان. ئۇ بىر تەرەپتىن ئىجاد قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا دەرس ئۆتىدۇ ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

1960-يىلى نابوكوف ئائىلىسى شۋېتسارىيىگە كۆچۈپ كېلىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇ يەردە ياشىغان. ئۇ نۇرغۇن رومانلار بىلەن بىلەن بىرگە «ئىگور يۈرۈشى ھەققىدە داستان» بىلەن پۈشكىن، لېرمۇنتوف، تيوتچېف ۋە ف. خۇدا سىشېۋىچلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان. نابوكوف «نىكولاي گوگۇل» دېگەن كىتابنى يازىدۇ. ئۇ: «مېنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجەم تولۇق شەرھلەنگەن تۆت توملۇق تەرجىمە ئەسىرىم «يىۋگېنى ئۇنىگىن» دەيدۇ. رۇس كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئىنگلىز تىللىق كىتابخانلارغا تونۇشتۇرۇشتا نابوكوفنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغان ھېچكىم يوق.

ۋىلادېمىر نابوكوف نابوكوف گەرچە ھاياتىدا ئايالى ۋېيلا بىلەن بەزىدە ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەببەت خېتى يېزىشتا چىڭ تۇرۇپ، 50 يىلدىن ئارتۇق مۇھەببەت خېتى يازغان. 

 نابوكوف يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ئايالى ۋېيلا ئۈچۈن سالام خەت يازغان،بۇ خەتلەر يازغۇچىنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان سالاھىيىتى__ 20- ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەت قەلەمكىشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. نابوكوفنىڭ ئوغلى دىمىترى يىغىپ ساقلىغان 300 نەچچە پارچە مۇھەببەت خېتىنى يىغىپ ساقلىغان.

 نابوكوف بۇ خەتلەرنى 1923-يىلى بېرلىندىكى تۇنجى ئۇچرىشىشتىن باشلاپ 1977-يىلى يازغۇچى شۋېتسارىيىدە ۋاپات بولۇش ھارپىسىغىچە يازغان. 

نابوكوفنىڭ كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى ئايالىغا ئاتاپ يېزىلغان، ئايالى ئۇنىڭ ھەم تەھرىرى ھەم تەرجىمانى. بۇ ئەر-ئايال ئۆمرىدە ئەزەلدىن بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ باقمىغان،شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ يالغۇز بالىسى ئاپىسى قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلىرى ئارىسىدىن 300 نەچچە پارچە دادىسى يازغان خەتنى بايقىغان. ۋېيلا ئېرىگە يازغان خەتلىرىنى ئۆزى كۆيدۈرىۋەتكەن. 

 نابوكوفنىڭ «نىكولاي گوگۇل» ناملىق كىتابى،«يىۋگېنى ئۇنىگىن»،«ئىگور يۈرۈشى ھەققىدە داستان» قاتارلىق تەرجىمە ئەسىرى بار.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.
0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#