جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاشلىق ئوبوروتىنى باشقۇرۇش نىزامى

ئاشلق ئوبوروتىنى باشقۇرۇش نىزامى

ئاشلق ئوبوروتىنى باشقۇرۇش نىزامى گوۋۇيۈەن 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلغان ئاشلىق ئوبوروتىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى نىزام، 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى «گوۋۇيۈەننىڭ بىر قىسىم مەمۇرىي نىزاملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۈزىتىش توغرىسىدىكى قارار»غا ئاساسەن بىرىنچى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن،  2016-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى «گوۋۇيۈەننىڭ بىر قىسىم مەمۇرىي نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن ئىككىنچى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزگەن.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاشلىق ئوبوروتىنى باشقۇرۇش نىزامى
ئېلان قىلغان ۋاقتى 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
خەنزۇچە نامى 粮食流通管理条例

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام ئاشلىق ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوغداش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىجارەتچىلەر ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاشلىق ئوبوروتى تەرتىپىنى ساقلاش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش، سېتىش، ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاش، ئىمپورت-ئېكسپورت تىجارىتى (تۆۋەندە ئاشلىق تىجارىتى دېيىلىدۇ) قىلىدىغانلار بۇ نىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن ئاشلىق بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، قارا ئاشلىق ۋە تەييار ئاشلىقنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا دۆلەت كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى بازار سۇبيېكتلىرىنى ئاشلىق تىجارىتى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.قانۇنلۇق ئاشلىق تىجارىتى دۆلەت قانۇنىدا قوغدىلىدۇ. ئەركىن ئاشلىق ئوبوروتىغا قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن توسقۇنلق قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

ئاشلىق سېتىۋالغۇچى ۋە ساتقۇچى دۆلەت كارخانىلىرى تىجارەت مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىپ، بازار رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق ئوبوروتىدىكى غوللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىشى كېرەك.

4-ماددا ئاشلىق باھاسى ئاساسلىقى، بازاردىكى تەمىنات-تەلەپتىن شەكىللىنىدۇ.

دۆلەت ئاشلىق ئوبوروتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق بازىرىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

5-ماددا ئاشلىق تىجارىتىدە ئىختىيارىي، ئادىل، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، ئاشلىق ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئومۇمىي مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا، ئاشلىقنى ماكرولۇق تىزگىنلەشكە ۋە مۇھىم ئاشلىق تۈرى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە، شۇنىڭدەك ئاشلىق ئوبوروتىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ دۆلەتنىڭ ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاشلىق ئوبوروتىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، ساھە بويىچە يېتەكلەشكە مەسئۇل بولىدۇ، ئاشلىق ئوبوروتىغا دائىر قانۇن-نىزام، سىياسەت ۋە قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىكى، سەھىيە، باھا تارماقلىرى ئاشلىق ئوبوروتىغا ئائىت خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ماكرولۇق كونتروللۇقىدا، ئاشلىققا ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنىڭ تەلىپى بويىچە، شۇ جاينىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ۋە يەرلىك زاپاس ئاشلىقنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى شۇ جاينىڭ ئاشلىق ئوبوروتىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، ساھە بويىچە يېتەكلەشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىكى، سەھىيە، باھا تارماقلىرى ئاشلىق ئوبوروتىغا ئائىت خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

2-باب ئاشلىق تىجارىتى

7-ماددا ئاشلىق تىجارەتچىلىرى ئاشلىق سېتىۋالغۇچى، ساتقۇچى، ساقلىغۇچى، توشۇغۇچى، پىششىقلىغۇچى، ئىمپورت-ئېكسپورت قىلغۇچى قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

8-ماددا ئاشلىق سېتىۋالغۇچى تىجارەتچىلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم: 

(1) تىجارەت مەبلىغى توپلاش ئىقتىدارى بولۇش؛

(2) ئۆزىنىڭ ياكى ئىجارە ئالغان ئاشلىق ساقلاش زۆرۈر ئەسلىھەسى بولۇش؛

(3) ئاشلىق سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاشلىق ساقلاش ئىقتىدارى بولۇش.

ئالدىنقى تارماقتىكى كونكرېت شەرتلەرنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

9-ماددا ئاشلىق سېتىۋېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت تىزىملاشنى باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىق بەلگىلىمىلەر بويىچە تىزىملاتقان تىجارەتچىلەرلا ئاشلىق سېتىۋالسا بولىدۇ. ئاشلىق سېتىۋېلىشتا، تىزىملىغان سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا يازما ئىلتىماس سۇنۇش ھەمدە مەبلەغ، ساقلاش ئەسلىھەسى، پىرىيوم قىلىش ۋە ئاشلىق ساقلاش ئىقتىدارىغا ئائىت ئىسپات ماتېرىياللارنى بېرىش لازىم. ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 ئىش كۈنىدە تەكشۈرۈپ بولۇشى، ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 8-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن كونكرېت شەرتلەرگە توشىدىغانلىرىغا ئىجازەت بېرىشى ھەمدە ئۇنى ئېلان قىلىشى لازىم.

10-ماددا ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن ئاشلىق سېتىۋالغۇچىلىق سالاھىيەت ئىجازىتى ئالغانلار سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە تىرىملىتىشى، تىجارەت دائىرىسى دېگەن يەرگە ئاشلىق سېتىۋېلىش، دەپ يېزىشى لازىم؛ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملاتقانلارمۇ ئاشلىق سېتىېۋېلىشتا ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن ئاشلىق سېتىۋېلىش سالاھىيەت ئىجازىتى ئېلىشى ھەمدە تىجارەت دائىرىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئۆزگەرتكەنلىكىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە تىزىملىتىشى، تىجارەت دائىرىسى دېگەن يەرگە ئاشلىق سېتىۋېلىش، دەپ يېزىشى لازىم.

11-ماددا قانۇن بويىچە ئاشلىق سېتىۋالغۇچى ئاشلىق تىجارەتچىلىرى (تۆۋەندە ئاشلىق سېتىۋالغۇچىلار دېيىلىدۇ) ئاشلىقنىڭ تۈرى، سۈپەت ئۆلچىمى ۋە سېتىېۋلىش باھاسىنى ئاشلىق ساتقۇچىغا ئۇقتۇرۇشى ياكى سېتىۋالىدىغان سورۇندا ئېلان قىلىشى لازىم.

12-ماددا ئاشلىق سېتىۋالغۇچىلار ئاشلىق سېتىۋېلىشتا، دۆلەتنىڭ ئاشلىق سۈپەت ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى، سۈپىتىگە قاراپ باھا قويۇشى لازىم، دېھقانلار ۋە باشقا ئاشلىق ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ ئاشلىق ساتقۇچىلارغا ئاشلىق پۇلىنى ۋاقتىدا بېرىشى لازىم، نېسى قالدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ؛ ھەرقانداق باج، ھەق ۋە باشقا پۇللارنى ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىشىغا، ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

13-ماددا ئاشلىق سېتىۋالغۇچىلار سېتىۋالغان ئاشلىق مىقدارى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا قەرەللىك دوكلات قىلىشى لازىم.

ئۆلكە ھالقىپ ئاشلىق سېتىۋېلىشتا، سېتىۋالغان ئاشلىق مىقدارى قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللارنى شۇ جاي ۋە ئاشلىق سېتىۋالغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا قەرەللىك دوكلات قىلىشى لازىم.

14-ماددا ئاشلىق سېتىۋالغۇچى، ساقلىغۇچى، توشۇغۇچى، پىششىقلىغۇچى، ئىمپورت-ئېكسپورت قىلغۇچى تىجارەتچىلەر سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىشى لازىم.

15-ماددا ئاشلىق تىجارەتچىلىرى ئىشلەتكەن ئاشلىق ساقلاش ئەسلىھەلىرى ئاشلىق ساقلاشقا ئالاقىدار ئۆلچەم ۋە تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. ئاشلىقنى بۇلغىنىش پەيدا قىلغۇچى زىيانلىق نەرسىلەر بىلەن بىللە ساقلاشقا، ئاشلىق ساقلاشتا دۆلەت مەنئى قىلغان خىمىيىلىك دورىلارنى ئىشلىتىشكە ياكى خىمىيىلىك دورىلارنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

16-ماددا ئاشلىق توشۇشتا، دۆلەتنىڭ ئاشلىق توشۇش تېخنىكا قائىدىسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەك. ئاشلىق توشۇشتا، بۇلغانغان ترانسپورت ۋاسىتىسى ياكى ئورۇ ماتېرىيالىنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

17-ماددا يېمەكلىك ئاشلىق پىششىقلىغۇچى تىجارەتچىلەر ئاشلىق سۈپىتىگە ۋە تازىلىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان زۆرۈر شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ:

(1) كۆكىرىپ قالغان ئاشلىق، قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاش؛

(2) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇرۇچ ئىشلىتىش؛

(3) سۈپەت، تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئورۇ ماتېرىيالىنى ئىشلىتىش؛

(4) ئاشلىقنىڭ سۈپىتى، پاكىزلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

18-ماددا ئاشلىق سېتىشتا، دۆلەتنىڭ ئاشلىققا دائىر سۈپەت، تازىلىق ئۆلچىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەك، كەم بېرىشكە، باشقا نەرسە ئارىلاشتۇرۇپ ساختىلىق قىلىشقا، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ، بېسىمدارلىق قىلىشقا، ئاشلىق باھاسىنى مونوپول قىلىۋېلىشقا ياكى كونترول قىلىۋېلىشقا، بازار زومىگەرلىكى قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

19-ماددا سېتىلىدىغان ئاشلىقنى ئامباردىن چىقىرىشتا پىرىيوم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش لازىم. ئاشلىق ساقلىغۇچى كارخانىلار نورمال ساقلاش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەن كونا ئاشلىقنى ئامباردىن چىقىرىشتى ئىلگىرى ئاشلىق پىرىيوم قىلىش ساپاسىغا ئىگە ئاپپاراتقا سۈپىتىنى باھالىتىش كېرەك، تۇرۇپ قېلىپ ئۆزگەرگەن، يېمەكلىك تازىلىقى ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ئاشلىقنى ئوزۇقلۇق ئاشلىق بازىرىغا كىرگۈزۈش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. تۇرۇپ قالغان ئاشلىقنى سېتىۋېلىش سالاھىيىتىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ. تۇرۇپ قالغان ئاشلىقنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى دۆلەتنىڭ ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ، تۇرۇپ قالغان ئاشلىقنى سېتىش، بىر تەرەپ قىلىپ باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنىڭ ئىجراسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

20-ماددا ئاشلىق سېتىۋالغۇچى، پىششىقلىغۇچى، ساتقۇچى تىجارەتچىلەرنىڭ زۆرۈر ئامبار زاپىسى بولۇشى شەرت.

زۆرۈر تېپىلغاندا، ئەڭ تۆەۋن ۋە ئەڭ يۇقىرى ئامبار زاپىسىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى ئۆلچەملىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.

21-ماددا دۆلەت ئاشلىق كارخانىلىرى ۋە دۆلەت پاي كونتروللۇقىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرى ئاشلىقنى ئاكتىپ سېتىۋېلىپ ھەمدە ھۆكۈمەت ھاۋالە قىلغان ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق سېتىۋېلىش-سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشىشىگە بويسۇنۇشى ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشى لازىم.

22-ماددا قەرز ئېلىش شەرتىنى ھازىرلىغان ئاشلىق سېتىۋالغۇچىلارغا بانكا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاقتىدا سېتىۋېلىش قەرز پۇلى بېرىشى لازىم. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى مەركەز ۋە يەرلىك زاپاس ئاشلىقى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت تەڭشەشكە ئىشلىتىدىغان ئاشلىق ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك باشقا ئاشلىق سېتىېۋېلىشقا كېرەكلىك كرېدىت مەبلىغى ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دۆلەتنىڭ ئاشلىق سېتىۋالغۇچى-ساتقۇچى كارخانىلىرى ۋە دۆلەت پاي كونتروللۇقىدىكى ئاشلىق سېتىۋالغۇچى-ساتقۇچى كارخانىلىرى، كەسىپلەشكەن چوڭ، باشلامچى ئاشلىق كارخانىلىرى ۋە ئاشلىق سېتىۋالغۇچى-ساتقۇچى كارخانىلارغا خەۋپ-خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا قاراپ كرېدىت مەبلىغى بىلەن مەدەت بېرىشى لازىم.

23-ماددا ئاشلىق سېتىۋالغۇچى، ساتقۇچى، ساقلىغۇچى، پىششىقلىغۇچى ئاشلىق تىجارەتچىلىرى، شۇنىڭدەك يەم-خەشەككە، سانائەتكە ئاشلىق ئىشلەتكۈچى كارخانىلار ئاشلىق تىجارىتى ھېسابات دەپتىرى تۇتۇشى ھەمدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئاشلىق سېتىۋېلىش-سېتىش، ساقلاش ئاساسىي سانلىق مەلۇماتى ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يوللىشى كېرەك. ئاشلىق تىجارەتچىلىرىنىڭ ئاشلىق تىجارىتى ھېسابات دەپتىرى تۇتۇشى ھەمدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىىڭ ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئاشلىق سېتىۋېلىش-سېتىش، ساقلاش ئاساسىي سانلىق مەلۇماتى ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يوللىشى كېرەك. ئاشلىق تىجارەتچىلىرىنىڭ ئاشلىق تىجارىتى ھېسابات دەپتىرىنى ساقلاش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن كەم بولسا بولمايدۇ. ئاشلىق تىجارەتچىلىرى يوللىغان ئاساسىي سانلىق مەلۇمات ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللاردا سودا مەخپىيىتى بولسا، ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئوبوروت سىتاتىستىكا تۈزۈمىنى دۆلەتنىڭ ئاشلىق مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ سىتاتىستىكا تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

24-ماددا ئاشلىق ساھە جەمئىيىتى، شۇنىڭدەك ۋاسىتىچى تەشكىلاتلار ساھە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئاشلىق بازىرى تەرتىپىنى ساقلاش جەھەتتىكى نازارەت قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى لازىم.

3-باب ماكرولۇق تەڭشەش

25-ماددا دۆلەت زاپاس ئاشلىق سېتىۋېلىش-سېتىش، ھاۋالە بىلەن سېتىۋېلىش، ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش قاتارلىق زۆرۈر مەمۇرىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئاشلىق بازىرىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە ئاشلىق تەمىنات-تەلەپ ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇقى ۋە باھاسىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ.

26-ماددا دۆلەت مەركەز ۋە يەرلىك ئاشلىق زاپىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. زاپاس ئاشلىق تەمىنات-تەلىپىنى تەڭشەش، ئاشلىق بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك زور تەبىئىي ئاپەت ياكى تاسادىپىي ۋەقە قاتارلىق ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.

سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق پرىنسىپ جەھەتتە ئاشلىق توپ سېتىش بازىرىدا ئاشلىق سېتىۋېلىنىدۇ، 

سېتىلىدۇ، دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا يوللار بىلەن سېتىۋېلىنسىمۇ بولىدۇ.

27-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق خەۋپ-خەتەر فوندى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئاشلىق خەۋپ-خەتەر فوندى ئاساسلىقى ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىۋاسىتە ياردەم بېرىش، زاپاس ئاشلىق ساقلاشنى قوللاش، ئاشلىق بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى ئاشلىق خەۋپ-خەتەر فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

28-ماددا ئاشلىق تەمىنات-تەلەپ مۇناسىۋىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغاندا، گوۋۇيۈەن بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۆكسىگەن نۇقتىلىق ئاشلىق تۈرلىرىنى ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلاردىن ئەڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

ئاشلىقنىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەندە ياكى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەش ئېھتىمالى بولغاندا، گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، باھاغا ئارىلىشىش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

29-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى دېھقانچىلىق، سىتاتىستىكا، مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىكى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئاشلىق بازىرىدىكى تەمىنات-تەلەپ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ ۋە ئالدىن تەھلىل قىلىپ، ئاشلىق تەمىنات-تەلەپ ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال، باھا، سۈپەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىدۇ.

30-ماددا دۆلەت ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلار بىلەن ئاشلىق كۆپ سېتىلىدىغان جايلارنى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئاشلىق تىجارەت كارخانىلىرىنى قۇرۇشقا، زاكاز دېھقانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى ئىجرا قىلغاندا، دۆلەت ئىقتىسدىي جەھەتتىن تېگىشلىك ئېتىبار بېرىدۇ ھەمدە توشۇشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

31-ماددا زور تەبىئىي ئاپەت، زور يۇقۇم ياكى باشقا تاسادىپىي ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن ئاشلىق بازىرىدىكى تەمىنات-تەلەپتە چوڭراق داۋالغۇش بولغاندا، دۆلەت ئاشلىق جىددىيلىكىنى پەسەيتىش مېخانىزمىنى يولغا قويىدۇ.

32-ماددا دۆلەت تاسادىپىي ۋەقەلەردە ئاشلىق جىددىيلىكىنى پەسەيتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاشلىق جىددىيلىكىنى پەسەيتىش لاىيىھىسىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاشلىق جىددىيلىكىنى پەسەيتىش لايىھىسىنى تۈزىدۇ.

33-ماددا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاشلىق جىددىيلىكىنى پەسەيتىش لايىھىسى گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى ۋە دۆلەت ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇلىدۇ.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئاشلىق جىددىيلىكىنى پەسەيتىش لايىھىسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى ۋە ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار قىلىشىغا يوللىنىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەنگە دوكلات قىلىدۇ.

34-ماددا ئاشلىق جىددىيلىكىنى پەسەيتىش لايىھىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بارلىق ئاشلىق تىجارەتچىلىرى دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە جىددىيلىكنى پەسەيتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يۆتكىشىگە بويسۇنۇپ، جىددىيلىكنى پەسەيتىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

4-باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

35-ماددا ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاشلىق تىجارەتچىلىرىنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش، ساقلاش، توشۇش ئەھۋالى ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىقنى سېتىۋېلىش-سېتىش، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئوبوروتى سىتاتىستىكا تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى مۇشۇ نىزامغا ئاساسەن نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاشلىق سېتىۋېلىش سالاھىيىتىنى دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە تەكشۈرۈشى لازىم.

ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئاشلىق تىجارەتچىلىرىنىڭ تىجارەت سورۇنىغا كىرىپ، ئاشلىق ئامبار زاپىسى ۋە سېتىۋالغان، ساقلىغان ئاشلىقنىڭ سۈپىتى ۋە ئاشلىقنىڭ نازىلىقىنى تەكشۈرسە بولىدۇ؛ ساقلاش ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرسە بولىدۇ؛ ئاشلىق تىجارەتچىلىرىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىيال، دوكومېنتلىرىنى كۆرسە بولىدۇ؛ ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملاردىن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلىسە بولىدۇ.

36-ماددا مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىكى تارمىقى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاشلىق پىششىقلاش جەريانىدىكى يالغىنىنى راست، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش، باشقا نەرسە ئارىلاشتۇرۇپ ساختىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

37-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاشلىق تىجارىتىدە كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىش، تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىش ھەمدە ئاشلىق سېتىشتا بېسىمدارلىق قىلىش، بازار زومىگەرلىكى قىلىش، زورلاپ ئېلىپ-سېتىش، باشقا نەرسە ئارىلاشتۇرۇپ ساختىلىق قىلىش، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش قاتارلىق بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى ۋە قانۇن-نىزامغا خىلاپ سودىنى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

38-ماددا سەھىيە تارمىقى پىششىقلىنىۋاتقان، سېتىلىۋاتقان ئاشلىقنىڭ تازىلىقىنى ھەم ساقلىنىۋاتقان تەييار ئاشلىقنىڭ تازىلىقىنى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

39-ماددا باھا مەسئۇل تارمىقى ئاشلىق ئوبوروتىدىكى باھادا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

40-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار تارماقلار پاش قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

41-ماددا ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي ياكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملاتماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاشلىق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قانۇنسىز سېتىۋالغان ئاشلىقىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قانۇنسىز سېتىۋالغان ئاشلىق قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغانلىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ.

42-ماددا ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئاشلىق سېتىۋېلىش سالاھىيەت ئىجازىتىگە ئېرىشىۋالغانلارنىڭ ئاشلىق سېتىۋالغۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن ئاشلىق سېتىۋالغۇچىلىق سالاھىيەت ئىجازىتى بېرىشتە، باشقىلاردىن پۇل-مال سوراپ ياكى ئېلىپ ۋە ياكى باشقا نەپ ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

43-ماددا ئاشلىق سېتىۋالغۇچىلاردىن ئاشلىق سېتىۋېلىش باھاسىنى ئۇقتۇرۇش، ئېلان قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق ياكى ئاشلىقنى دەرىجىسىنى، باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋېلىش، باھاسىنى مونوپول ياكى كونترول قىلىۋېلىش قاتارلىق باھا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا باھا مەسئۇل تارمىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

44-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش سالاھىيىتىنى ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ:

(1) ئاشلىق سېتىۋالغۇچىلاردىن دۆلەتنىڭ ئاشلىق سۈپەت ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلمىغانلىرى؛

(2) ئاشلىق سېتىۋالغۇچىلاردىن ئاشلىق ساتقۇچىلارنىڭ ئاشلىق پۇلىنى ۋاقتىدا بەرمىگەنلىكى پاش قىلىنغانلىرى؛

(3) ئاشلىق سېتىۋالغۇچىلاردىن باج، ھەق ۋە باشقا پۇلنى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىپ، ۋاكالىتەن تاپشۇرغانلىرى؛

(4) ئاشلىق سېتىۋالغۇچى، ساتقۇچى، ساقلىغۇچى، پىششىقلىغۇچى تىجارەتچىلەر، شۇنىڭدەك يەم-خەشەككە، سانائەتكە ئاشلىق ئىشلەتكۈچى كارخانىلاردىن ئاشلىق تىجارەت ھېسابات دەپتىرى تۇتمىغانلىرى ياكى ئاساسىي سانلىق مەلۇماتىنى ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يوللاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى؛

(5) ھاۋالە قىلىنغان ئاشلىق تىجارەتچىلىرىدىن سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق سېتىۋېلىش-سېتىشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلمىغانلىرى.

45-ماددا تۇرۇپ قالغان ئاشلىقنى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈپىتىنى باھالاتماي ئامباردىن چىقارغانلارنى ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئامباردىن چىقىرىلغان ئاشلىق قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىسا بولىدۇ.

تۇرۇپ قالغان ئاشلىقنى ھاينىغا ساتقانلار ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنسىز ساتقان ئاشلىقىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنسىز ساتقان ئاشلىق قىممىتىنىڭ %20 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، تۇرۇپ قالغان ئاشلىقنى سېتىۋېلىش سالاھىيىتى بارلارنىڭ شۇ سالاھىيىتىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىدا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنسىز ساتقان ئاشلىق قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

46-ماددا ئاشلىق سېتىۋالغۇچى، پىششىقلىغۇچى، ساتقۇچى تىجارەتچىلەردىن ئاشلىق زاپىسى بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولغانلىرىنى ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا كەم ئاشلىق قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئاشلىق سېتىۋېلىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.

ئاشلىق سېتىۋالغۇچى، پىششىقلىغۇچى، ساتقۇچى تىجارەتچىلەردىن سالدۇ ئاشلىق زاپىسى بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىنى ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئېشىپ كەتكەن ئاشلىق قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئاشلىق سېتىۋېلىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

47-ماددا ئاشلىق تىجارەتچىلىرىدىن ئاشلىق ساقلاش ئەسلىھەلىرى، ترانسپورت ۋاسىتىلرىىنى ئىشلىتىشتە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ياكى سەھىيە تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ بۇلغانغان ئاشلىقنى قانۇنسىز سېتىش، پىششىقلاشقا يول قويۇلمايدۇ.

48-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 17-، 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، سەھىيە تارمىقى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالايدۇ.

49-ماددا ياردەم مەبلىغىنى دۆلەتنىڭ ئاشلىق خەۋپ-خەتەر فوندىنى باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاقتىدا، تولۇق ئاجراتمىغان ياكى ئىگىلىۋالغان، تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغان مالىيە تارمىقىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيە تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئالاقىدار جاۋابكارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن ئالاقىدار جاۋابكارلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

50-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاشلىقنى ئەركىن ئوبوروت قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغۇچىلار «گوۋۇيۈەننىڭ بازار ئىگىلىكىدە رايون فامىلىنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» بويىچە جازالىنىدۇ.

51-ماددا نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاشلىق تىجارەتچىلىرىنىڭ نورمال تىجارىتىگە قانۇنسىز ئارىلىشىۋالغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

52-ماددا بۇ نىزامدىكى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

ئاشلىق سېتىۋېلىش دەپ، سېتىش، پىششىقلاش ياكى يەم-خەشەك، سانائەتكە خام ئەشيا قىلىش ئۈچۈن دېھقانلار ياكى باشقا ئاشلىق ئىشلەپ چىقارغۇچىلاردىن ئاشلىقنى بىۋاسىتە تۈركۈملەپ سېتىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئاشلىق پىششىقلاش دەپ، بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئاشلىقنى يېرىم تەييار ئاشلىق، تەييار ئاشلىققا ئايلاندۇرۇش ياكى يېرىم تەييار ئاشلىق، تەييار ئاشلىققا ئايلاندۇرش ياكى يېرىم تەييار ئاشلىقنى تەييار ئاشلىققا ئايلاندۇرۇش تىجارىتىنى كۆرسىتىدۇ.

53-ماددا سېرىق پۇرچاق، ياغلىق دان ۋە يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى سېتىۋېلىش، سېتىش، ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاش، ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش تىجارىتىدە مۇشۇ نىزامنىڭ 8-، 9-، 10-ماددىسىدىن باشقا ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

ئاشلىق ئىمپورت-ئېكسپورتىنى باشقۇرۇش ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

مەركەز زاپاس ئاشلىقنى باشقۇرۇش «مەركەز زاپاس ئاشلىقنى باشقۇرۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

54-ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلغان «ئاشلىق سېتىۋېلىش نىزامى»، 1998-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان «ئاشلىق سېتىۋېلىش-سېتىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش چارىسى» بىكار قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/439530.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#