زاراڭزا يېغى

زاراڭزا مېيى

زاراڭزا يېغى ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، يەل ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


ئۇيغۇرچە نامى زاراڭزا يېغى
ئەرەبچە نامى روھنۇل قۇرتۇم (ئە)
ئىنگلىزچە Oil of Safflower seed
شەكلى رەڭگى سېرىق، خۇش پۇراق
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 红花油
پارسچە نامى رەۋغىنى تۇخۇمى كاپىشە (پ)
ئوردۇچە نامى كوسۇم بىج كى تىل (ئو)
تەمى غەيرى تەم يوق
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئاىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك زاراڭزىنىڭ قۇرۇتۇلغان مېۋىسىدىن چىقىرىلغان ياغ بۇلۇپ، جۇۋازدا تارتىش ياكى باشقا زامانىۋى سايماندا ئېلىنىدۇ، رەڭگى سېرىق، خۇش پۇراق، غەيرى تەم يوق.

ئائىلىسى

مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئاىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك.

دورىلىق ئورنى 

ئۆسۈملۈك زاراڭزىنىڭ قۇرۇتۇلغان مېۋىسىدىن چىقىرىلغان ياغ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى 

بۇنىڭ تەركىبىدە جويۈز كىسلاتاسى، ئاتسىدوم، سېتىركوم(Setaric acid)، مىرستىكوم(Mirsitic acid)، قاتتىق ماي كىسلاتاسى، ئاتسىدوم پالمىتكوم(Cpaimitic acid)، قاتارلىقلار بار.

چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى(مۇپاسىل)،    سۈيدۈك كەلمەسلىك ۋە ھەيز توسۇلۇش، قىچىشقاقلارغا ئشلىتىلىدۇ.

خاس تەسىرى

ئاغرىق پەسەيتىش

ئورۇنباسارى

زەيتۇن مېيى.

ئەكىس تەسىرى

ئىسسقجان كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

قاپاق يېغى.

1. ئۇبھەل، سېرىقچىچەك، خىيار شەنبەر قاتارلىقلاردىن 10گرام، زاراڭزا يېغىدىن 7مىللىلېتىر ئېلىپ، مەتبۇخ تەييارلاپ ئىچسە ھېيزنى راۋان قىلىدۇ. 2. گۈڭگۈرت سېرىقى 3گرام، چۆپچىن ۋە شاھتەررەدىن 10گرام، زاراڭزا يېغىدىن 10مىللىلىتىر، مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قىچىشقاققا شىپا قىلىدۇ. 3. ئوغرىتىكەن، تەرخەمەك ئۇرۇقى، كاكىنەچ قاتارلىقلاردىن 10گرامدىن ئېلىپ، زاراڭزا يېغىدىن 7مىللىلىتىرنى قوشۇپ قايناتما تەييارلاپ ئىچسە، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ.

مىقدارى 

مۇۋاپىق مىقداردا.[0]

زەيتۇن يېغى.
ئىسسقجان كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ
مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئاىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك
مۇۋاپىق مىقداردا.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=415

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#