ئۇلۇڭگۈر دەرياسى

ئۇلۇڭگۈر دەرياسى جوڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان. چىڭگىل ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئالتاي تېغى شەكىللەنگەن بۇلۇپ، ئۆزلۈكسىز ھالدا غەربكە قاراپ ئېقىپ كۆكتوقاي ناھىيەسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە كىرىدۇ. جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى.

نامى ئۇلۇڭگۈر دەرياسى
باشقا نامى ئۇرۇنگۇ دەرياسى، ئۇلۇنگۇ دەرياسى
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 468 مېتىر
خەنزۇچە نامى 乌伦古河
ئورنى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالى
كۆلىمى 827 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇرۇق ئېقىم

ئۇلۇڭگۈر دەرياسىئۇلۇڭگۈر دەرياسى، موڭغۇلچە «تۈتەك كۆتۈرۈلگەن جاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇ جايدىكى موڭغۇل كىشلىرى ئارسىدا ئۇلۇڭگۈر دەپ ئاتىلىدۇ. شەرقتىن غەربكە قاراپ ئاققان بىر چوڭ دەريا ئېقىنى، دەريا مەنبەسى جۇڭگو تەۋەسىدىكى ئالتاي تاغلىرى شەرقىي بۆلىكى (بىر رىۋايەتتە موڭغۇلىيەدىن كەلگەن دىيىلگەن) دىن، ئېقىپ جۇڭگو شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى نىڭ چىڭگىل، كۆكتوقاي، بۇرۇلتوقاي قاتارلىق جايلاردىن ئېقىپ ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلۇڭگۈر كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. ئۇلۇڭگۈر دەرياسى ۋادىسىنىڭ نوپۇسى 150 مىڭ ئادەم. 

تارماق ئېقىنى 

ئۇلۇڭگۈر دەرياسىئاساسلىق تارماق ئېقىنلىرىدىن چوڭ چىڭگىل دەرياسى، كىچىك چىڭگىل دەرياسى، مەنبەسى چىڭگىل ناھىيەسى نىڭ شىمالىي قىسمىدىكى چاغانغول ۋە موڭغۇلىيە دۆلىتى ئاخوڭتۈبەن ئەتراپىدىن جۇڭگوغا كىرگەن. بۇ تۆت ئېقىن دەريا چىڭگىل ناھىيەسى چېگرىسى ئىچىدە يىغىلىپ، ئۇلۇڭگۈر دەرياسى، شىمالىي جۇڭغار چۆل بويلاپ ئېرتىش دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا تەڭ ئاستا-ئاستا غەربكە قاراپ ئېقىپ تاكى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئۇلۇڭگۈر كۆلى گە قۇشۇلدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 725 كىلومېتىر، غول ئېقىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 95 كىلومېتىر، يىللىق سىرغىم مىقدارى 1 مىليارد 70 مىليون كۇب مېتىر.

ئۇلۇڭگۈر دەرياسى1958-يىلى چوڭ كۆل سۇ يۈزى ئاتمېتكىسى 482.8 مېتىر (ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۇ يۈزى  14 مېتىر، كىچىك كۆل يۈزىدىن 2 مېتىر تۆۋەن)، چوڭ كۆلنىڭ تۆۋەن سۇ يۈزى 800 كۋادرات كىلومېتىر، سىغىمچانلىقى 9 مىليارد كۇب مېتىر؛ كىچىك كۆل سۈيى 170 كىۋادرات كىلومېتىر، سىغىمچانلىقى 2 مىليارد كۇب مېتىر. ئۇزۇندىن بۇيان كۆل مەركىزى شورلۇق. بىراق، ئۇلۇڭگۈر دەرياسىنىڭ ھەر يىلىدىكى تەمىنات مىقدارى 8-10مىليارد كۇب مېتىر، شورلۇق جەريانى ئاستا بولىدۇ.

1958-يىلى كىچىك كۆلىنىڭ مېنىراللىشىش دەرىجىسى 0.2 گرام/ لىتىر، تۇزسىز كۆل تەسىس قىلىنغان؛ چوڭ كۆلنىڭ مىنېراللىشىش دەرىجىسى 3 گرام/ لىتىر.

1959-يىلىدىن بۇيان، ئۈلۈڭگۈر دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىمىدا كەڭ كۆلەمدە بوز يەر ئېچىش، دەريا سۈيى نۇرغۇنلىغان سۇغىرىش رايونلىرىغا باشلىنىشتىن باشقا، يەنە مىليون كۇب مېتر. كۆلگە كىرىۋاتقان سۇ مىقدارى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، 1968-يىلى ئاران 200 مىليون كۇب مېتىر بولغان.

1959-يىلدىن كېيىن كۆل سۈيىنىڭ ئورنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. سۇنىڭ گورىزونتال تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك، كۆل ياقىسى سازلىق كۆلىمى تەدرىجىي ئازىيىپ، قۇمۇش مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن.

1961-يىلى، ئۇلۇڭگۈر كۆلى سۇ دائىرىسى كۆلىمى 1 مىليون 498 مىڭ مو، 1980-يىلى 1 مىليون 342 مىڭ مو. ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 7.3 مېتىر، سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن مىڭ 486 مېتىر، جۇڭگونىڭ ئون چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆللىرىنىڭ بىرى.

1972-يىلى سازلىق كۆلىمى 22 كۇۋادىرات كىلومېتىرغا ئازايغان.

1980-يىلىدىكى ئوتتۇرىچە مىنېراللىشىش دەرىجىسى تەخمىنەن 3.8 گىرام / لىتىر، كىچىك كۆلنىڭ 0.41 گرام / لىتىر، چوڭ كۆلنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدا 6.8 گىرام / لىتىر، باشقىلىرى 3 گرام ئەتراپىدا بولغان. كۆل سۈيى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى مۇز تۇتۇشقا باشلاپ، 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك مۇز تۇتۇپ كېتىدۇ، كىيىنكى يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى ئېرىشكە باشلايدۇ، مۇز تۇتۇش مەزگىلى تەخمىنەن 130 كۈن، مۇزنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىرغا يېتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#