نارۇتو
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
«نارۇتو»بولسا ياپونىيەلىك ھەجۋى كارتونچى كىشىموتو ماساشىنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەر 1999-يىلىدىن باشلاپ «ھەپتىلىك ئۆسمۈرلەرJUMP» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.
«نارۇتو» كارتونى كىشىموتو ماساشىنىڭ «نارۇتو»ناملىق ھەجۋى رەسىمىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. نارۇتو كارتونىنىڭ بىرىنچى بۆلىمى 2002-يىلى 10-ئايدا توكيو تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغاندىن تارتىپ 220 قىسىم ئىشلەندى. ئىككىنچى بۆلىمى « نارۇتو شىپپودېن» 2007-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە قويۇلىۋاتىدۇ.
قىسقىچە مەزمۇنى : ئون نەچچە يىللار بۇرۇن زور قۇدرەتكە ئىگە «توققۇز قۇيرۇقلۇق ئالۋاستى تۈلكە» كونوخانو كەنتىگە ھۇجۇم قىلىدۇ.
شۇ ۋاقىتتىكى تۆتىنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامانى ئۆز ھاياتى بەدىلىگە بۇ تۈلكىنى ئەمدىلا تۇغۇلغان نارۇتونىڭ بەدىنىگە بەند قىلىۋىتىدۇ. كەنت
ئىلگىرىكى تىنىچ ھالىتىگە قايتىدۇ. بىراق كىشىلەر نارۇتونى توققۇز قۇيرۇقلۇق ئالۋاستى تۈلكە دەپ قاراپ ھەممە ئادەم ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ.
نارۇتو ھەمىشە چاتاق چىقىرىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشىدۇ. كېيىن ئىرۇكا مۇئەللىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىشى
نەتىجىسدە نارۇتو ئۈمىدۋارلىق بىلەن تىرىشىدۇ. باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوت ئاتامانى بولۇشنى نىيەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.