چۈجگۈن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چۈجگۈن بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، باشاقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ ئىسسىق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك. بۇ ھەقتە دېھقانلارنىڭ «تاغلاردا بامبۇكلار قۇرۇپ كەتسىمۇ، ئېتىزلاردىكى چۈجگۈنلەر قۇرۇمايدۇ» دەيدىغان تەمسىلى بار بولۇپ، چۈجگۈننىڭ قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ ھەم قۇرغاقچىلىق ۋە مۇنبەتسىزلىككە چىداملىق، ھەم تۇپراقنىڭ كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىقىدىن قورقمايدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە ئېلىمىزنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى قۇرغاق رايونلار، شۇنىڭدەك مۇنبەتسىز تاغلىق رايونلىرىدا كۆپرەك تېرىلىدۇ.
چۈجگۈننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە2.9 ~ 7%. 14 كىچە ئاقسىل، 0.3 ~% 6.4 كىچە ماي ۋە ۋىتامىنلار بولىدۇ. ئۇ يېمەكلىك قىلىنغاندىن سىرت، يەنە ھاراق ئېچىتىش ۋە سولور شېكىرى ياساشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
چۈجگۈن ياۋا ئۆسۈملۈك پايزا(چۈجگۈن ئوت) دىن يېتىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىلىۋاتقان چۈجگۈنلەرنىڭ ھەممىسى ئېلىمىزدىن كىرگۈزۈلگەن. پۈتۈن دۇنيا بويىچە چۈجگۈن تېرىش كۆلىمى تەخمىنەن1 مىليارد مو ئەتراپىدا بولۇپ، ئېلىمىزدە ئەڭ كۆپ تېرىلىدۇ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىمۇ ئەڭ يۇقىرى. ئۇ ئادەتتە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلارغا ۋە شەرقىي شىمال، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلارغا كۆپرەك تارقالغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.