مور

مور ئەنگلىيەلىك ھەيكەلتىراش، سىدام سىزما رەسسامى. 1898-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بىر كان ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1986-يىلى لوندوندا ۋاپات بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مور
باشقا نامى Henry Spencer Moore
تۇغۇلغان ۋاقتى 1898-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى
كەسپى ھەيكەلتىراش
ئاساسلىق نەتىجىسى چوڭ تىپتىكى قۇيما مىس ھەيكەل، مەرمەر تاش ھەيكەل
خەنزۇچە ئاتىلىشى 亨利·斯宾赛·摩尔
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1986-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى لىدىس گۈزەل سەنئەت مەكتىپى ۋە لوندون خان جەمەتى گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتى
ۋەكىللىك ئەسىرى قىيسىق ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مورمور ئەنگلىيەلىك ھەيكەلتىراش، سىدام سىزما رەسسامى. 1898-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بىر كان ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1986-يىلى لوندوندا ۋاپات بولغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن لىدىس گۈزەل سەنئەت مەكتىپى ۋە لوندون خان جەمەتى گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلغاندىن كېيىن جەڭگاھ رەسسامى بولغان بۇ مەزگىلدە زور مىقداردا تز سىزما سىزغان. ئۇ ئافرىقا ئىپتىدائىي ھەيكەلتىراشلىقى ۋە پىكاسسو قاتارلىقلارنىڭ مودېرنىزملىق ئەسەرلىردىن مول ئوزۇق ئالغان.

مورمور سەككىز ئاكا-سىڭىللىرى ئىچىدە يەتتىنچىسى، ئاتىسى رايموندې سپېنسېر.مور، ئانىسى مارى ئى.بېككېر. مور ئاتىسى بىر كان  قېزىش ئىنژېنېرى بۇلۇپ، كېيىن كۆمۈر كاننىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان. ئۇ ئۆزى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلانغان ھەمدە مۇزىكا ۋە ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان. بىراق ئۇنىڭ قارىشىچە بالىسى مۇنتىزىم تەربىيە قوبۇل قىلىشقا مۇھتاج. موليار 11 يېشىدىلا كېيىن بىر نەپەر ھەيكەلتىراش بۇلۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن، ھەمدە  مەكتەپتە مۇئەللىمنىڭ ئىلھاملاندۇرىشىغا ئېرىشكەن. بۇ مۇئەللىم مىكېلانگىلونىڭ ئەسەرلىرىنى مورغا تونۇشتۇرغان. گەرچە مور ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرىدىكى لاي ھەيكەل ۋە ياغاچ ئويما ئۇنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، مورنىڭ ئاتا-ئانىسى يەنىلا ئۇنىڭ ھەيكەلتىراشلىقىنى  كەسپىي قىلىشىغا قارشى تۇرغان.ئۇلار ھەيكەلتىراشلىقنى  پەقەت جىسمانىي خىزمەت دەپلا قارىغان.

1917-يىلى مور 18 ياشقا توشقان، ئەينى چاغدا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قىزىپ كەتكەن بۇلۇپ، مور چاقىرىق بويىچە ئەسكەرلىككە كىرگەن ، ئۇ تۇرۇشلۇق ئۆمەكتىكى ئەڭ ياش ئەسكەر بولۇپ قالغان. ئۇرۇشتا، مور گاز بومبا تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغان. ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقۇچە تەنتەربىيە مەشقاۋۇلى بولۇش بۇلىدۇ. ئۇنىڭ قۇرداشلىرى بىلەن پەرقى بولسا، ئۇرۇش ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەن. ئۇ كېيىن تىلغا ئېلىپ : « ماڭا نىسبەتەن، ئۇرۇش قەھرىمان بولۇش رومانتىك تەسەۋۋۇرى ئىچىدە گاڭگىراپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت  »دېگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن، ھەربىي سەپتىن قايتقانلار قاتارىدا داۋاملىق تەربىيەلىنىش  ياردىمىدىن بەھرىمان بولغان. 1919- يىلى، ئۇ لىدس سەنئەت مەكتىپى ھەيكەل كەسپىنىڭ  تۇنجى ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغان، بۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپ ئۇنىڭغا  مەخسۇس بىر ھەيكەلتراشلىق  ئىشخانىسى قۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. 

1921-يىلى، مور ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ لوندون خان جەمەتى سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا كىرىدۇ، خېپۇئالار ۋوسمۇ  1920-يىلى  بۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. لوندۇندىكى مەزگىلىدە، مور ئىپتىدائىي گۈزەل سەنئەت ۋە ھەيكەلتىراشلىق جەھەتتىكى بىلىمىنى كېڭەيتىپ، ۋىكتورىيە ۋە ئالبېرت مۇزېيى ۋە ئەنگلىيە بۈيۈك برېتانىيە مۇزېيىدىكى ئىرقشۇناسلىققا ئائىت ماتېرىياللارنى يىغىپ تەتقىق قىلغان. 

1924-يىلى،مور ئالتە ئايلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىتالىيەنىڭ شىمالىغا  بېرىپ  مىكېلانگىلو، گىئوتتو ۋە باشقا قەدىمىي ئۇستازنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. مورنىڭ ئىدىيىسىدە كىلاسسىك ئەنئەنىگە نىسبەتەن قارشىلىق بولغاچقا بۇ قېتىمقى تەتقىقاتنىڭ ئۇنىڭ ئۇسلۇبىغا بولغان تەسىرى ئېنىق بولمىغان. لېكىن، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە دائىم مىكېلانگىلونىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرىنى تىلغا ئالغان.

مورمور چوڭ تىپتىكى قۇيما مىس ھەيكىلى ۋە مەرمەر تاش ھەيكەلى بىلەن داڭلىق. ئەنگلىيە سەنئەت چەمبىرىكىنىڭ  ماختىشىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئەنگلىيە ھازىرقى زامان سەنئىتىدە مۇستەھكەم ئورۇنغا ئىگە. 

ئەسەرلىرى  : 

«قىيسىق تەسۋىر ( 1 ) »

«قىيسىق تەسۋىر ( 2 ) »

«ئائىلە كوللېكتىپ ئوبرازى »

«پادىشاھ ۋە خانىش »

« ئانا بىلەن بالا »

 ئۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم پارىژنى زىيارەت قىلىپ، 20-ئەسىر سەنئەت يېڭى ئېقىمىغا ئاستا-ئاستا قوشۇلغان. ئۇ 1926-يىلىدىن 1930-يىلغىچە بۇرۇنقى كولومبىيە سەنئىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ «قىيسايغان تەن» ۋە «ئاتا-بال» قاتارلىق نۇرغۇن ھەيكەللەرنى ئىجاد قىلىشقا باشلىغان، بۇ ھال ئۇنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولۇپ قالغان. ئاتا-بال، قىيسىيىپ ئولتۇرغان ئادەم ۋە بەدەن ئۇنىڭ ئىجادىيتىدىكى ئۆمۈرلۈك ئۈچ چوڭ تېما. ئۇنىڭ جۇشقۇن، ھەيۋەتلىك، ماھىيەت تۇيغۇسىغا باي ئەسەرلىرىنى كۆرگەن كىشلەر ئىختيارسىز ئويلاپ باقىمىغان ئىجادىيەت كۈچىنى ھېس قىلىدۇ. مورنىڭ ئەسەرلىرى ئىلگىرى جۇڭگونىڭ بېيجىڭدىكى بېيخەي باغچىسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان. مورنىڭ ھەيكەللىرىدە جۇڭگونىڭ سۈنئىي تاغلىرىغا ئوخشاش چوڭ-كىچىك كاۋاكلار بار، بۇ كاۋاكلار «مور كاۋىكى» دەپ ئاتالغان، بۇ دەل مورنىڭ ھەيكەلتىراشلىق ئەسەرلىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى.

  مور ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ داڭلىق ھەيكەلتىراش بولۇش سۈپىتى بىلەن 20-ئەسىر  ھازىرقى زامان ھەيكەلتىراشلىق ۋە ئامىۋى سەنئىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#