چىلاشما گۆش

چىلاشما گۆش بولسا پىششىق قوي گۆشى، ھۆل مور، تۇخۇم ، تۇز ، چىلىغان پۇرچاق، كاۋاۋىچىن، سۇڭپىياز ، تېتىتقۇ ، سامساق ، جاڭيۇ، ھۆل خۇاڭخۇا سەي ، سۇ يېغى قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ تەمى ناھايىتى ياخشى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارپىششىق قوي گۆشى 200 گرام، ھۆل مور ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سامساق تۆت چىش، جاڭيۇ ئازراق، ھۆل خۇاڭخۇا سەي ئازراق، سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 70 گرام) . 

1. پىششىق قوي گۆشىنى ئۇزۇنلۇقى تۆت سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر قىلىپ يالپاقلاپ، سۇڭپىياز ئات قۇلىقى شەكلىدە، سامساق يالپاق توغرىلىدۇ.

2. توغرالغان گۆشكە كاۋاۋىچىن، تېتىتقۇ، تۇز، بىر تۇخۇم، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ؛ يەنە بىر تۇخۇم باشقا قاچىغا چېقىپ قويۇلىدۇ. 

3. شورپىغا جاڭيۇ، تېتىتقۇ، تۇز، قارىمۇچ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا ياسىلىدۇ.

4. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8~7 دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ. 

5. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، خۇاڭخۇا سەي، مورلارنى سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، قاينىغاندىن كېيىن تۇخۇمنى قۇيۇپ تۇخۇم شورپىسى ياساپ، ياغ سېپىپ پارقىرىتىپ، تەخسىدىكى گۆشنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#